zul يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 11:59 AM
مېنىڭ نىشانىم ياخشى ئادەم بولۇش يەنە ئاللاھ خالىسا بەي ...
ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تىلەيمەن...
نىشىانسىزلىق __ خۇددى ۋوگزالغا بېرىپ قەيەرنىڭ بېلتىنى ئېلىشنى بىلمەي
تۇرغانغا ئوخشايدۇ.
ئەمدى ئۆزىمىزگە كىچىك _ چوڭ نىشان تىكلەپ بولغاندىن كىيىن ، توختاۋسىز
ئاشۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز ، تېرىشىشىمىز زۆرۈر . نىشاننى ئادىتىمىزگە ، ئېڭىمىزغا ئورنىتىپ چوڭ مىڭىزگە نىشاننى ئىشقا
ئاشۇرۇش توغرۇلۇق ھەر خىل ئامال ـ چارىلەرنى تېپىشقا بۇيرۇق بېرىشىمىز لازىم
مەسىلەن : بۈگۈن ئۆيىڭىزدە توك ، سۇ توختاپ قالدى .
ئەمما ، سىز تاماق ئېتىپ يىمەكچى بولدىڭىز ؟ ناۋادا تاماق ئەتكىلى بولمايدۇ
دەپ قارسىڭىز چوڭ مېڭىڭىز سىزگە ، شارائىتنىڭ يوقلۇقىنى ، توك ، سو بولمىسا
قانداقمۇ تاماق ئەتكىلى بولسۇن ؟ دېگەن باھانىلەرنى تېپىپ بېرىدۇ . ناۋادا
چۇقۇم تاماق ئېتىش كېرەك دەپ قارسىڭىز ئوخشاشلا چوڭ مېڭىڭىز ئۇدۇلدىكى
دۇكاندىن شام ئېلىپ يېقىپ قوشنىلارنىڭكىدىن سۇ سۇراپ ئېلىپ چىقىپ ئەتسە
بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ .
تەسەۋۋۇرىڭىزدا ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىزغا ئېرىشىپ بولغاندەك خۇشال
كەيىپياتتا يۈرۈڭ !
سىز پۇلۇم بولسا ماشىنا ئالسام ، چەتئەلگە چىقسام دېگەننى نىشان قىلىپ
ئويلىغىنىڭىزغا ئۇ نەرسىلەر ئىشكىڭىز ئالدىغان كىلىپ قالمايدۇ . چۈنكى
ھېچقانداق نەرسە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ ئەمەسمۇ ؟ قانداق قىلغاندا ئۇ
نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمەن ؟
دېگەن توغرىسىدا تەپەككۇر قىلسىڭىز ، ئەقىل ـ پاراسىتىڭىز سىزگە
ئۇ نەرسلەرگە ئېرىشىشنىڭ ھەر خىل جاۋابلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ .
قەلبىڭىز مۇنبەت ئېتىزغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغا نېمە تېرىسىڭىز شۇ ئۈنىدۇ . پەرۋىش قىلمىساق چۈشكۈنلىكنىڭ ئوت ـ چۆپلىرى باسىدۇ . قانداق ئادەم
بولۇش ئۆزىمىزگە باغلىق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 04:11 PM