مەنمۇ بىرنى دەپ باقاي ھە:
مېنىڭ بىر دوستۇم توردا بىر بالا بىلەن تونۇشۇپ، ئالدىدا چ چ دا، كېيىن تېلفۇندا شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ، چىقىشىپ قېلىپ، ئاخىرى بىر كۈنى كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قالدىدە.
شۇنىڭ بىلەن مەن دوستۇم بىلەن بىللە بېرىشىپ بېرىشىدىغان، دوستۇم ئۆزى يالغۇز كۆرۈشىدىغان، قايتاشىدا مېنى چاقىرىپ بىللە قايتىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق .
ئاخىرى ئۇلار سىرتتا كۆرۈشتى، مەن بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن بېرىپ قاراپ باقسام، ئۇلار يەنىلا شۇ جايىدىلا تۇرۇپتۇ. ئۇلار كۆرۈشۈپ گەپ قىلىشماي، بىرى پۇتى بىلەن يەرنى سىجىسا، بىرى تىرنىقىنى تاتىلاپ ئۇلاردىن ھىچ بىر سادا چىقاي دىمەيدۇ.
ھىلىغىچە گەپ قىلىشىپ قالار، تارتىنىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ كېتىپ قېلىپ، بىردەمدىن كېيىن ئايلىنىپ يۈرۈپ، يەنە شۇلارنىڭ يېنىغىلا بېرىپ قاپتىمەن، ئۇلار يەنە شۇ ھالەتتە، بىر گەپ قىلىشايلى دىيىشمەيدۇ-ھە...
ئاخىرى تاقىتىم-تاق بولۇپ: __ ۋاي ئاللا جېنىم دوستۇم، يېنىڭدا تېلفۇن باردۇ، بولسا بۇنداق تۇرغىچە، مۇشۇ يەردە شۇ تېلفۇننىلا چىقىرىپ، ئاشۇ تېلفۇندىلا سۆزلىشىڭلار بولدى__ دەپلاۋېتىپلا كەينىمگە بەدەر تىكىۋەتتىم. شۇ ئارىدا، كەينىمدىن ئۇلارنىڭ قاقاھلاپ كۈلۈشكەن ئاۋازىنى بولسىمۇ ئاڭلىۋالدىم