atayar يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 03:50 PM
بۈگۈن ماڭا گۈزەلنۇرنىڭ ئاپىسى تېلفۇن قىلىپتۇ.
مۇشۇ ۋە ...
مەنمۇ بۇگۇن بۇ قىزنىڭ ئاپىسى سۆزلەشتىم ،ئازراق كۆڭلۇمنى ئەۋەتەي دەپ سانائەت ياكى قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسى بارمۇ دەپ سورىسام ،مەن ھىچنىمىنى بىلمەيمەن ئۇكام ،خانىم مۇشۇ كارتىنىلا بېجىرىپ بەرگەنىدى مەن پەقەت مۇشۇنىلا بىلىمەن دەپ كارتا ئارقىدىكى نۇمۇرنى دەپ بەردى ،مەن ئۇ ئاچاشقا سىز مۇشۇ ئىككى بانكىنىڭ كارتىسىنى بىجىرگەن بولسىڭىز كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئەۋەتىشىگە ئاسان بولىدىغانلىقىنى ئېيتسام ئۇنداق ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن ،كاللام جايىدا ئەمەس ھازىر 10 كوي پۇلنىمۇ كۆزىمىزگە سۇرتكۇدەك بوپ كەتتۇق ئۇكام دەپ يىغلاپ كەتتى ،مەنمۇ ئاللا شىپالىق بېرە ئاچا دەپ ياشلىرىمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم ،‹مەن بۇنداق دەپ ئۆزۇمنى ئالىيجاناپ كۆرسەتكىنىم ئەمەس ›مەقسىتىم تورداشلار دوسلار بولسا مۇشۇ ھەدىمىزگە ئازدىن بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلساق ،بىرەر قۇر قىممەت كىيىم كىيگەننىڭ ئورنىغا ئەزانراق كىيىم ،ياكى سىرتتا ئوينىغىلى خەجلىگەن پۇلىمىزدىن ئازراق ۋە ياكى يىنىمىزدىكى دوسلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىپ يىغىش قىلساق دىگەن مەقسەتتە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،ئاندىن يەنە بىر ئىش ئاقسۇدىكى دوسلار بولسا بىرسىڭلار بۇ ھەدىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشۇ ئىككى بانكىنىڭ كارتىسىنى بىجىرىپ ھەدىمىزگە ياردەم قىلغان بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى ،تېزدىن تۇتۇش قىلساق دىگەن ئۇمۇتتىمەن ،ئى ئاللا ئۆزىڭىزدىن باشقىغا مۇھتاج قىلمىغايسىز ،مۇھتاجلىق بەك يامان قېرىنداشلار ،مۇشۇ باھانىدە ھىچ بولمىسا ئايرىمىغان ئۆشرە زاكىتىڭلارنى ئايرىساڭلار ئاللا سىلەردىن رازى بولاتتى ....