|
|
|
|
باي ناھىيەسىدىكى قىرغىزلار مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
باش باھارنىڭ كېلىشى بىلەن، باي ناھىيە نەسىللىك قوي فېرمىسىدا قىرغىزلار نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كۆكلەم پەسلى- نورۇزنى كۈتىۋالدى. ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فېرمىسى ۋە قاراباغ يېزىسىدىكى قىرغىز ئامما ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسى ساغلام، مەزمۇنى مول، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام كۈنىنى قىزغىن قۇتلۇقلىدى. نەسىللىك قوي فېرمىسىنىڭ ھەممە يېرى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولدى…
نورۇز بايرىمى-ئۇزاق ئۆتمۈشتىن باشلىنىپ، تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى مىللى بايراملىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر بۇ ئەنئەنىۋى بايرام-نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. بايرامدا تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، بىر قىسىم مىللى ئۆرپ –ئادەت يوسۇنلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ئادەملەر، ھەممە جان- جانىۋار، پۈتكۈل كائىنات قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغىنىپ، خاسىيەتلىك باھار پەسلىگە كىرگەنلىكى قىزغىن تەبرىكلىنىدۇ. مانا بۇ خاسىيەتلىك بايرامدىن كېيىنلا ھەممە سەپلەردە، ئېتىز –قىرلاردا دېھقانلارنىڭ ئەمگەك ناخشىسى ياڭراپ، دېھقانلار جىددى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلىۋېتىدۇ. نورۇز بايرىمى –ئەمگەك بايرىمى، ئىتتىپاقلىق- دوستلۇق بايرىمى،ئىناقلىق بايرىمى، شادلىق بايرىمىغا ئايلىنىدۇ. باي ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مىللى ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئاممىۋى مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆپ ئۈيۈشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ روھى قىياپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس قەدەمدە ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، باھار مەۋسۇمىدە دېھقان- چارۋىچىلار ئاممىۋى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
نەسىللىك قوي فېرمىسى ۋە قاراباغ يېزىسىدىكى قىرغىز ئامما ئۆزلىرى تەييارلىغان پارتىيىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، ئومۇمىيۈزلۈك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە قولغا كەلگەن غايەت زور نەتىجىلەر ۋە بۈگۈنكى بەختىيار ھاياتنى مەدھىيىلەش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان مەزمۇنى ساغلام، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە، ۋە بەدىئىيلىكى يۇقىرى ناخشا، ماناس ئېيتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، تېپىشماق تېپىش ئويۇنى، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ يەردىن نەرسە ئېلىش... قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
بۇ قىېتىمقى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتىگە كۇچا، ئونسۇ قاتارلىق قوشنا ناھىيەلەردىن، ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىنمۇ مېھمانلار كېلىپ قاتنىشىپ، باي ناھىيەسىكى قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ باھار خوشاللىقىغا جۆر بولدى.
|
|
|
|
|
|