takderdax يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 07:13 PM
مەنمۇ مەكتەپ ئاشخانىسنىڭ تاماقلىرىنى يىمەسلىىك ئۈچۈن ...
توردىكى كۆرگەن بىلىگەنلەرنىڭ ھەمىسىگە رىئايە قىلىپ كەلسەك بۇ ئالىمى غەيىپتە ياشاش بەس مۇشكۇل .ھەممە نەرسە نىسپى بولىدۇ ،ھەتتا مۇبارەك ئىسلام دىنىمىزمۇ نىسپىيلىكنى ، يەنى زىيادە چىڭمۇ ئەمەس زىيادە بوشمۇ ئەمەس ئوتتۇرا يول تۇتۇپ مىڭىشنى تەكىتلەيدۇ .
ئادەمگە ئىشەك گۆشى ،چوشقا گۆشى ، قوي گۆشى ....قاتارىقلارنىڭنىڭ ئىچىدىن ھارام قىلغانلىرىنى يىسە ئەقلى تۇتۇلۇپ قالدىغان ئىلىشىپ قالدىغان ئىشمۇ ھەم يوق ، ھارام قىلنىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى نىمە ئۇچۇن يىمەيمىز ؟
پەقەت ئاللاھ رىزالىغى ئۇچۇن ،رەببىم ئاللاھ يىيىشنى چەكلىگەن دەپ رەببىمىز ئاللاھ ھارام قىلغاننى يىمەيمىز .
قارىغاندا ىسز ئوقۇغۇچى ئوخشايسىز .
ھەقىقەتەن سىزگە بۇنداق قىيىنچىلىق بولسا . جاھىللىق قىلماي مەكتەپ پۇتتۇرگىچە ،مەكتەپ ئەتىراپىدىن ئۆزىڭىز ئىزچىل ياخشىراق كۈزۇتۇپ ، تامىقى مەن ئۇچۇن يىيىشكە بىر قەدەر ياخشىراق ۋە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان ئاشخاندىن بىرنى تاللاپ تاماقنى ۋاقىتا يەۋڭىرىڭ . بولمىسا كىيىنكى كۇنلەردە قەرەلىسىز تاماق يىيىش ئۇسۇلى بىلەن ئاشقازان كىسىلى تىپىۋالسىڭىز ،ئەتە-ئۆگۇن خىزمتكە چىقىپ ، ماۋۇ ئايلىقىمكەن دەپ 1000 يۇۈۋەننى كارتىغا سىلىپ بولغۇچە ،ئاشقازان كىسىلىڭىز بۇ پۇلىڭىزنى دوختۇرخانىغا ئىئانە قىلغۇزۋىتىدۇ ،چۇنكى ئاللاھ بەرگەن ھاياتلىقنى ئاسىراش ۋە قەدىرلەشمۇ سىز-بىز ئىنسان ئۇچۇن ئىبادەت جۇملىسىدىن .
مەن سىرىتنىڭ تامىقىنى يەۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشتى يىل-يىل سىرىتتا تاماق يەيمەن . ئۆي تامىقىنى بىر- ئىككى يىلدا ئىككى-ئۈچ كۇنلەرچە ئۆيدە يەپ قالىمەن ، ھازىر ئۆي تامىقى ،مەن ئۇچۇن بىر چۈشكە ئوخشاپ قالدى .
.
سەھىل بۇخارىدا رەسۇللاھنىڭ بىر ھەدىسى بار ئىدى ئۇزۇن زامانلار بولۇپ قاپتۇ قولۇمغا ئىلىپ باقمىغىلى ،شۇڭا رىۋايەت قىلغۇچىسى ئىسىمدە يوق .
..... بىر قىسىم ساھبىلەر رەسۇلۇللاھدىن -ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزگە ئىشەنچىسىز يىراق جايلاردىن ( تەبئىيتى ھالال، بىراق مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ نامىنى زېكىر قىلىپ ئولتۇردىمۇ ياكى دىنسىزلار ئولتۇردىمۇ ئىشەنچىسىز بولغان قوي ،تۆگە ....لەرنىڭ گۆشلىرىنى تىجارەتچىلىرى ئىلىپ كىلىدۇ ) بۇنى ھەقتە بىز نىمە قىلىمزى دىگەندە .
روسۇلۇللاھ -سىللەر ئۇ گۆشلەرنىڭ قانداق ئۇسۇلدا كىلىش مەنبىينى سۈرۇشتە قىلىپ يۈرمەستىن، ئەڭ ياخشىسى يىگەندە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زېكىر قىلىپ يەنى بىسمىللا دەپ يەۋىرىڭلار دىگەن .
شۇڭلاشقا سىز باشقىچە مەۋقەدە يول تۇتۇپ مىڭىشقا بىر قەدەر كەڭراق يول بولغانلىقى ئۇچۇن ،سالامەتلىكىڭىز ئۇچۇن يولىڭىزنى تارلشتۇرۋالماڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-1 07:33 AM