tanha858 يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:40 AM
ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھا راجىئۇن
ئايەتنى مەنىسى ئۆزگەرگىدەك دەرىجىدە خاتا يېزىپسىز، بولمىسا ئۇيغۇرچىلا دەڭ، بىز اللەنىڭ ئىلكىدىمىز، ئاخىرى ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرلىمىز.توغۇرسى:انا للە وانا اليە راجغون(غنىڭ چېكىىتى ئېلىۋىتىسلە بولىدۇ،ئەرەپچە ئەين ھەرىپىنى ئەينەن ئىپادىلىگىلى بولمىدى، ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى:ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن.)
ئەرەپ تىلىدا ئىلەيھى بىلەن ئىلەيھانىڭ پەرقى ئوخشىمايدۇ، ئەرلىك جىنسى تۈر ئۇقۇمى ئۈچۈن ئىلەيھى ئاياللىق جىنسى تۈر ئۈچۈن ئىلەيھا قوللىنىلىدۇ. اللە تائالانىڭ زاتىغا نىسبەتەن ئەرلىك ياكى ئاياللىق ئۇقۇملىرىنى يۈكلەش بىھۇدە بولسىمۇ لېكىن تىل ئادىتى جەھەتتە ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ بىزگە بەرگەن تەلىمى بويىچە ھى بىلەن ھا نىڭ پەرقىنى بىلىپ ئىشلىتىشىمىز كىرەك. بىز ھەممىدىن قۇدرەتلىك يىگانە اللەقا ئىشنىمىز .ئايال ئىلاھقا ئىمان كەلتۈرگەن يېرىمىز يوق. اللە ھەممىمىزنى ئەپۇ قىلسۇن، ھەممىمىزنىڭ ئىلمىزنى زىيادە قىلسۇن.