ئەگەر فىزىكىلىق شەكىل يوق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئارقا كۆرنۈش يەنى ھەقىيقىي بوشلۇق بار بولسا ئۇنىمۇ چۇقۇم مەلۇم بىر باشقا ئارقا كۆرۈنۈش ئارقىلىق بىلمىسەك ئۇچاغدا ئارقا كۆرۈنۈش يوق دىگەن گەپ دىگەن مەنە چىقامدۇ ؟.
ـــــــــــــــــــــــــــــــ
ئۇۋاقىتتا سىز ،ئۆزىڭىزنىڭمۇ« فىزىكىلىق شەكل»ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا(شۇنداق دەپ قارىسىڭىزلا) سىزنى ئۆزقوينىغا ئالغان ماكان-يوقلۇقنىڭ مەۋجۇتلىگىنى بىلەلەيسىز.ئاۋال «مەن»دىگەن ئۇقۇم شەكىللىنىشى كىرەك.يەنى«مەن بار،مەن مەۋجۆت»دىيەلىشىڭىز كىرەك.ئاندىن «مەن نەدە؟،قەيەردە؟»دىگەن سۇئال ئارقىلىق يۇقۇرقى سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا ئىىرىشەلەيسىز.ئۆز جىسمىڭزدىن ھالقىغان بىر ماكاننىڭ مەۋجۆتلىگىنى،ئۇنىڭ سىز مەۋجۆت بولمىسىڭىزمۇ مەۋجۇت بولىۋىرىدىغانلىغىنى ھىس قىلالايسىز.
تۈۋەندىكى تېمىنى بۇ تېما بىلەن بىرلەشتۆرۆپ كۆرۆپ چىقسىڭىز ئۇنۇمى تىخىمۇ ياخشى بولامدىكىن:
قاسىم سىدىق: مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-29 11:21 PM