ئاجرىرىش مەسلىسىنى چۈشىنىدىغانلار ئاز بولسا كىرەك شەخسەن مەنمۇ ئوننەچچە يىلدىن بېرى ھېچ چۈشىنەلمىدىم، ئىلگىركى چوڭلار ئۆزلىرى تېپىشتۇرۇپ تويىنى قىلىپ قويسا ياخشى ئۆتەتتىكەن، ھەم ئاجرىشىش نىسبىتىمۇ تۈۋەن بۇلاتتىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ باقسام. ئىلگىركى چوڭلار كۆپىنچە ھاللارنىڭ بالىلىرىنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى ياخشى بىلىشكەچكە، كىچىكىدىن چوڭ بولغىچە بىلىپ تۇرۇشقاچقا ‹ئىككىسى بىر ئۆيدە تۇرسا كېلىشەلەمدۇ يوق ؟› دىگەننى ئويلىشىپ، ئاندىن تويلىشاتتىكەن، ھازىر چوڭلار تېپىشتۇرغانلار بولسۇن، ئۆزى تېپىشقانلار بولسۇن كۆپىنچىسى ھىسياتنى، خاراكتىرنى ئويلاشمايدۇ. ئاجرىشىدىغانلارنىڭ ئىچىدە 3- شەخىس پەيدا بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىدىن كۆرىدىغانلارمۇ ناھايتى ئاز.
ئاساسلىقى قىممەت قارشى، مەدەنىيەت سەۋىيسى، مىجەز خاراكتىرى، غايىلىرى ئوخشاش، نۇمۇس قارشى كۈچلۈك كىشىلەردە ئاجرىشىش تۇيغۇسى بولمايدىكەن ياكى ئاز كۆرىلىدىكەن. يەنە مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى قېينىئاپا . بۇ نەچچىنجى شەخىس بۇلىدۇ بىلمىدىم، ئەمما 21 ياشقا كىرگەن بىر دوستۇمنىڭ يىلدا ئەمەس ئايدا بىر خوتۇن ئېلىش ۋەزىپىسى باردەك 4- قېتىملىق تويىغا قاتناشقاندىن كېيىن(بەك زېرىككەن تولا تەكلپنامە تاپشۇرىۋېلىپ) قېينانا دىگەن بۇ شەخىسنىڭمۇ ئائىلىگە نىسبەتەن رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
بۇ ئاغىنەمنىڭ ئاجرىشىش سەۋەبلىرى تولىمۇ غەلىتە ۋە تۇترۇقسىز، باشقىلارغا دىگىلى بولغىدەك يەرلىرىنى دەپ بىرەي.
1- خۇتۇنىنى ئانىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئەپ بەرگەن، بىراق 3-4 ئايدىن كېيىنلا ئاجرىشىپ كەتتى، سەۋەبى : ئۆيگە كەلسە ‹كەلدىڭىزمۇ ؟› دېمەيدىكەن، سىرىقتا چىقسا ‹قەيەرگە بارىسىز ؟› دەپ سۇراپ قويمايدىكەن، خۇددى قارانچۇقتەكلا ، 5-10 كۈن يۇقاپ كەتسىمۇ كارى يوق... يەنە نۇرغۇن سەۋەب بار.
2- ئۆزى تېپىشىپ ئالغان. يەنى ھەر ئىككىلىسى مىنىڭ قوشنىلىرىلىم (قىز ئۆيىمىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدا، ئاغىنەم سول تەرىپىدە) ئىككى قېيناپا بىر بىرىگە زادىلا يول قويۇشمايدۇ. بەئەينى ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ‹دەرمەنلەر›،خانسىيەت قۇرباننىڭ ‹قۇدىلار› دىگەن ئېتوتىدەك. بۇ ئىشلار سەۋەبلىك بۇ ئاغىنەمنىڭ بىر كۈنىمۇ خاتىرجەم ئۆتمەي 5 ئاي ئەتراپىدا ئۆي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتتى. ئەمما ئاجرىشىپ بولغاندىن كېين تولىمۇ قىزىقارلىق جېدەل ماجرالارنى ئۈزۈلمەي ئاڭلاپ تۇردۇم ... بەزى كۈنلىرى كېچىسى ئۇيقۇم ھارام بۇلۇپمۇ قالدى.
3- خۇتۇنىنى كىم تۇنۇشتۇردىكىن مەن باشقا شەھەردە ئىدىم، بۇ خۇتۇننىڭ ئاپىسى بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايدىكەن. (ئۆزىنىڭ دىيشىچە، مەن قىزىقمىغاچقا بەك سۇراپ كەتمىدىم ) تەخمىنەن 5-6 ئاي ئۆي تۇتقان ئوخشايدۇ.
4- خۇتۇنى قانداقكىن بىلمىدىم، ئەل ئاغىنىلەرمۇ بۇ ئاغىنىمىزنى تۇلا چاقچاققا كۆمۈپ، بىزمۇگەپلىنى ئاڭلاپ زېرىككەنىدۇق، شۇڭا بەك سۇراپ كەتمىدۇق، تۇلا ئاجرىشىۋەرگەچكە ‹ئاجرىشىپ كەتتىم› دىگەن گېپىنى ئاڭلىساق. ‹ھە ، قاچان كەتتى؟ › دىن باشقا گەپنى بىز سۇرىمايمىز، بەرىبىر بىر تالاي راس ـ ۋە يالغان ھىكايىلەر بىلەن باشلىنىدۇ. ئاساسلىقى بۇ ئايال بىلەنمۇ كۆپ ئوي تۇتماي بىر تەرەپ بولدى. بۇ قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاغزىمۇ بەك يامانكەن، ئاغىنەمنىڭ ئاپىسىمۇ ئۇرۇق بولغان بىلەن زەھەردەك گەپ قىلىدىغان ئايال. ئىككى قۇدا بىز جىدەل چىقىرىپ ئاسفالىت يولنىمۇ چاڭ كەلتۈرىۋېتىپتىمىش. ( بۇ ۋاقىتتىمۇ مەن باشقا شەھەردىتىم )
بىرلا ياخشى يېرى ھېچقايسى ئايالى بىلەن تۈزۈك بىر ئۆي تۇتمىغاچقا بالىسى يوق. ھازىر يەنە مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ. بۇ قېتىم كونا بىر ساۋاقدىشىنى تېپىۋالغانمىش ...
يىتىم بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە 80% دىن كۆپرەكىدە يۇشۇرۇن توسقۇنلۇققا ئۇچراش كىسەللىكى كۆرۈلىدىكەن. ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرۈش بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ رودىمىنىتلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلىرى تۇرۇپ ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياشايدىغانلار بۇلۇپ بۇلارنىڭ قۇلىقىدىن، ياكى چېچىدىن ئېسىپ قۇيۇپ، تاپىنىغا بىگىز سانجىپ، ياكى 8-9- ئايلاردا زەيلىككە باغلاپ قۇيۇپ، يېڭى زاماندىكى ‹كروران ئەر ـ ئاياللىرى› قىلىپ قۇيۇش كىرەكمىكىن دەپ ئويلايتىم بەزىدە. ئەمما خىيالىمنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مىنى ياخشى كۆرمىسىمۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان بەزى كىشىلەر ئىسىمگە كېلىپ قېلىپ خىيالىمنى تىزلا يىغىشتۇرىمەن .
ئۇف... كېچىدە ئۇيقۇم كەلمەي، بىر توننا ئىنكاس يېزىۋېتىپتىمەنيا، ئەمدى ئۇخلاي. بۈگۈن كىچە ھەممىڭلار ياخشى چۈش كۈرۈپ ياتارسىلەر...