wijdan. يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 10:48 AM
ھازىرقى بۇ ئىقتىسادى جەمىيەتتە نورمال ياشىيالىغۇدەك ...
توغرا دەيسىز ، پۇلغا مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، ئەمما پۇل بولمىسا
مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ .
بىز ھەدېسىلا باشقىلاردىن ۋە مۇھەببىتىمىزدىن ئاغرىنماي كۆپرەك تېرىشىپ ، ئىزدىنىپ
ھالالدىن پۇل تېپىپ تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىساق ھەممىگە ياخشى . باشقىلار تېپىۋاتدىغۇ ؟ بىز تاپالمايمىزمۇ ؟
ئەگەر مەن قىز بالا بولۇپ قالغان بولساممۇ ھەر گىز ، تېرىشمايدىغان ،
ھۇرۇن ، ئالغا ئېنتىلمەيدىغان ، قۇرسىقى تويسا شۈكرى قىلىپ ئۆتىدىغان يېگىتنى
ياخشى كۆرمەيتتىم .
نامراتلىقنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزلىىسەك بولىدۇ ...
<< ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن >> ، <<جاپانىڭ تېگى راھەت>> دەپ ئاتا ـ
بوۋىللىرىمىز توغرا ئېيىتقان .
<< قۇرئان >> دىمۇ << ئىنساننىڭ تېرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە بار >> دېگەن
ئايەت ئۇچۇق ئېيتىلغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 11:54 AM