FBI يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 01:43 AM
سىز نىڭمۇ ماڭا ئوخشاش كېسىلىڭىز بار ئوخشىمامدۇ ؟ مېن ...
ۋۇي ،ئازراق ئوخشاپ قالىدىكەنمىز ،لېكىن مېنىڭ پۇت قوللىرىم تەنتەربىيە دەرستىن كېيىن ئاغرىيدۇ ، ئازراق يۈگۈرسەم ،ياكى سەكرىسەم ئەتىسى بەدەنلىرىم بىر ھەپتىگچە ئاغرىيدۇ ، ما گەپنى دېۋېتىپ كېلەر ھەپتە 800 مېترغا يۈگۈرۈشتىن سىناق بېرىدىغانلىقىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى ، قانداقمۇ يۈگۈرەمە.....
ئەمدى ما فىزىكىغا كەلسەم ،تولۇقسىزدا بىر ئايال فىزىكا ئوقۇتقۇچۇم بولىدىغان ،بىر قېتتىم تاپشۇرۇقنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ،شۇنداق سەت قوپال تىللار بىلەن تىللىغانتى ۇندىن كېيىن فىزىكا دېگەنگە ئۆچ بوپلا كەتتىم ،ھېلىقى ئوقۇتقۇچىمغىمۇ ئەسلا قارىمايمەن ، شۇ گەپلىرى بەكلا ھار كەلگەنتى ئەينى ۋاقىتتا .كېيىن مۇشۇ فىزىكا سەۋەبلىك ئىجتىمائىي پەنگە ئايرىلايمۇ تەبىئىي پەنگىمۇ دەپ بەك بېشىم قاتقانتى ،لېكىن يەنىلا تەبىئىي پەننى تاللغانىدىم .
مۇزىكا دەرسىگە كەلسەم ،بەش سىزىقلىق نوتا بىلەن ئاددىي نوتىنى بىر بىرىگە ئايلاندۇرۇشقا بەك ئۇستا ئىدىم ،لېكىن يەنە بىرقېتىم مۇزىكا دەرسىگە كېچىكىپ قالغانتىم ،ئوقۇتقۇچى ،نەگە باردىڭىزا ئاچا ؟! دېگەنتى قاپاقلىرىنى تۈرۈپ يەۋېتىدىغاندەك قىلىپ، مەن ،مەكتەپ ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ساياھەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپتىكەن ،شۇيەرگە بېرىپ كەلدىم دېسەم ،ھە ۋۇي ئەمسە تېز بېرىپ ئولتۇرۇڭ دېگەنتى،كېيىن دائىم ماڭا بىر نەرسىلىرىنى يازدۇرىدىغان بولۇۋالغانتى.
ئاخىرىدا ما تېمىغا كەلسەم ،بەلكىم بەك ياخشى ماقالىدۇ ،كەسىپ ئەھلىلىرى ئەستايىدىل مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باققاندۇ ،بەلكىم سىز ۋە مەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە چۈشىنىپ قالارمىز ،بۇ ئۇنىۋېرسال مۇنبەر بولغاچقا ھەرخىل مەزمۇندىكى تېمىلار يوللىنىدۇ ئەمەسمۇ ، ئۆزىمىز چۈشىنىدىغانلىرىنى ياخشى كۆرەيلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا blueleaf تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 01:11 PM