مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

قاسىم سىدىق:«نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:51:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىسبىلىك نەزەريىسىدە ماكان ئەگىرى،شۇڭا بۇ ئەگىرى ماكاندا ماڭغان جىسىملارنىڭ ھەركىتى ئەگىرى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.شەكىل نەزەريىسىدە ماكان تەكشى ۋە تۆز،ھەركەتنىڭ ئۆزى ئەگىرى دەپ قارىلىدۇ.شەكىل نەزەريىسى نىسبىلىك نەزەريىسىدىن «ئەگىرىلىك»نى تالىشىدۇ.29-تىئورماتەجىربىسى  سالاھىيەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلىللەنسە بۇ نەزەريەنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئۆمىت بار.بۇ ھالدا ،بۇ ئىشنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكىسى ،ئالەمشۇناسلىغى ۋە پەلسەپەسىىگە ئىلىپ كىلىدىغان تەسىىرىنى سىز مۆلچەرلىيەلەيسىز دەپ ئويلايمەن.ئاقىۋىتى نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ مەسىلىلەر ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا تىخى مۇھاكىمە قىلىنمىغان مەسىلىلەردىن ئىبارەت.

قاسىم سىدىق:29-تىئورما تەجىربىسى ھەققىدە بەزى ئىزاھلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 11:55 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73477
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس گەپنى قىلسام مەن چۇشەنمىدىم.

يۇزۇڭنى قايىسى تەرەپكە قاراتساڭ ئاللاھ شۇ يەردۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:02:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس گەپنى قىلسام مەن چۇشەنمىدىم.
ــــــــــــــــــــــ-
بۇ ھازىرغىچە مەيدانغا كەلگەن ھەر قانداق نەزەريەدىن ئاددى نەزەرىيە. زىھىن قۇيسىڭىز ئاستا-ئاستا چۈشۈنۈپ كىتىسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:08:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ توخماق ئەپەندىم ،مەن ئۇ سىرلىق كۈشنى مەۋقۇت دەپ قىياس قىلسام كاللامغا مۇنداق بىر سوئال پەيدا بولۇپ قالدى.
نېتىرون يۇلتۇزلارنىڭ شۇ ھالەتتە توختاپ قېلىشى مەزكۇر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ داۋاملىق قورۇلىشىغا نېتىرونلارنىڭ قارشى تۇرغانلىغىدىن بولغان.تەتۈر ئۆرۈپلا تەھلىل قىلساق نۆلىنجى ئىلمىنىتنىڭ مەركىزىدە قورۇلۇش يەنى تارتىش كۈچى مەۋجۇت.ئۇنداق بولسا نۇرغۇنلىغان نۆلىنجى ئىلمىنىتلارنىڭ مەركىزىدىكى ئاتالمىش سىرلىق كۈشلەر بىر يەرگە توپلانسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقار.
خۇدا ساخلىسۇن.

توخماق ئەپەندى بەزەن ئۇششاق گەپ سۆزلەرگە پەۋا قىلمەڭ ،ئۇلار پەقەتلا بىر ئىنكاسچىلار خالاس.مەن سىزنى ئاخىرغىچە ئەمىلى ھەركىتىم بىلەن قوللايمەن.ئىرادىلىك بولىشىڭىزغا تىلەكتاشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:16:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،بۇ يەردە ھەل قىلىش قىيىن بولغان بىر مەسىلە بار ،سىز تۈۋەندىكى كىچىك تېمىنى ئالدىدا بىر ئوقۇپ چىقىڭ:

KKMدۇنياسى-«كۈچ»، «دولقۇن»ئىدىيىلىرى ئۈنۈمسىز دۇنيا

قاسىم سىدىق


KKMدۇنياسى - «كۈچ»نىڭ ئۇنۇمسىز دائىرىسى


نۆۋەتتىكى فىزىكا نەزەرىيىلىرى ئۈنۈملۈك تەسۋىرلەش ئىلىپ بارالمايدىغان پىلانىك ئۇزۇنلۇقىنى چىگرا قىلغان تېخىمۇ مكرۇ بولغان بىر دۇنيا بار. مەن بۇ دۇنيانى شەكىل نەزەرىيىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان KKM ئۆلچىمى بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولىدىغان KKM دۇنياسى  دەپ ئاتاشنى توغرا تاپىمەن.
«غەيرى نوقتا»بىلەن پىلانىك ئۇزۇنلۇقىغىچە بولغان بۇ ئارىلىق بۇنداق دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۈتلىگىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىي.
KKM دۇنياسىدا كىلاسسىك ۋە رىئال مەنىدىكى «كۈچ ئىدىيىلىرى ئورۇنلۇقمۇ؟» نۆۋەتتىكى فىزىكا بۇ سۇئالغا جاۋاب بىرەلمەيدۇ. بۇ يەردە ئىككى خىل تاللاش بار:
1- پىلانىك ئۇزۇنلۇقىدىن قىسقا بولغان بۇ دۇنيادىكى (KKM دۇنياسىدىكى) فىزىكىلىق جەريانلارنى «كۈچ»ئۈقۈملىرىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ تەسۋىرلەش يولىدا ئىزدىنىپ كۆرۈش.
2- ئەگەر مۇمكىن بولسا «كۈچ» ئۈقۈملىرىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى KKM دۇنياسىغا كېڭەيتىش (مېنىڭچە بۇ بەك مۇشكۈل).
مەن 1-لايىھەگە مايىل. بۇ يەردە پەقەت ئۆزئارا سوقۇلۇشتىن ئىبارەت بىرلا خىل مۇناسىۋەت مەۋجۈت دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئىنېرتسىيە قانۇنى تۈپ قانۇن؛ KKM دۇنياسىدىكى ئالاقىدار جەريانلارنى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن ئىنېرتسىيە قانۇنى ئارقىلىق تامامەن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

KKM دۇنياسى -«دولقۇن»ئۇقۇمى ئورۇنسىز دۇنيا

KKM دۇنياسىدا خۇددى «كۈچ»ئۈقۈملىرى ئورۇنسىز بولغىنىدەك، «دولقۇن»ئۈقۈملىرىمۇ ئوخشاشلا ئورۇنسىزدۇر. چۈنكى، دولقۇن ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئەڭ كەم دېگەندىمۇ بىر دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە بولغان ئارىلىق بولۇشى كېرەك.
زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت پۇتكۇل KKM دۇنياسىنىڭ تۈپ ئوبرازى.

خۇلاسە

KKM دۇنياسىدا كىلاسسىك ۋە ئەمەلىي فىزىكىدىكى «كۈچ»، «دولقۇن» ئىدىيىلىرى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. بۇ دۇنيادا زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت ۋە 29-تېئۇرمىچە ئېغىش ئەڭ رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ.
يۇقۇرقىچە ئىدىيىلەرنى چىقىش قىلىپ كۋانت دۇنياسىدىكى فىزىكىلىق رىئاللىقلارنى «كۈچ»، «دولقۇن» ئىدىيىلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا تەسۋىرلەشكە بولامدۇ؟، زادى قانچىلىك دائىرە ئىچىدە قانچىلىك تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ بىز نۆۋەتتە ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.
                         قاسىم سىدىق
                         2011.9.17

مەنبە:


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5771&extra=page%3D1   
يەنە ماۋۇ تېمىنىمۇ كۆرۆپ بېقىڭ:

قاسىم سىدىق:29-41-تېئورمىلارنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-31 12:23 AM  


گۇمان ئىماننى قا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3901
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9739
تۆھپە نۇمۇرى: 718
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 06:36:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ مىسرانىم مۇنبىرىدە قاسىم قوشۇقنىڭ ماقالىلىرىنى چەكلەش تەكلىۋى بېرىمەن ، نوچى بولساڭ خەنزۇچە ۋە ئېنگىلزچە يېزىپ خەلقئارالىق توربەتلەردە ئېلان قىلىپ ، خەلقئارالىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشسە ئاندىن مەن قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن ،بولمىسا مۇنبەرنى قالايمىقان قىلمسۇن ، ئەجەبا ئەركىن سىدىق ماقالىلىرى شۇنچە ئېتراپ قىلىنىدۇ ، نېمىشقا بۇ ئادەمنىڭ ئېتراپ قىلىنمايدۇ ، كاللىسى ئېلىشىپ قېلىپ پات يېقىندا ستولبىغا سۇ قۇيۇپ كۆكلەيدۇ دەپ يۈرۈيدىغان ئوخشايدۇ .

گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ ، ئۇماچ مېھماننى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4034
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 06:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىمىنىت دىگەن خېمىيەگە دائىر ئۇقۇممۇ ياكى فىزىكىغا دائىرمۇ؟
بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار
فىزىكا زادى ھەرىكەتنى تەتقىق قىلامدۇ؟
پقەت بىلمەيممەن مۇشۇ فىزىكىنى

بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77978
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4849
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:21:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kadihan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-31 06:36 PM
مەن مۇشۇ مىسرانىم مۇنبىرىدە قاسىم قوشۇقنىڭ ماقالىلىرى ...

‏ستولبىنى كۆكلىتەلىسە مەن ئوغۇت سېلىشىپ بېرمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش