ئەركى يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 10:08 PM
نىمە ئۇچۇن قىزلىرىمىزنىلا ئېلىپ ئوغۇللىرىمىزنى ئالما ...
دېگەن گېپىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق.
90 يىللىرىدىكى ئوغۇللىرىمىزدا بىر خىل ئەرلىك جاسارەت، ئېىتقاد، غورۇر ھەممىسى باردەك، جاھان تەرەققىي قىلغانسېرى ئوغۇللار نەشە، ھاراق، خىرويىن دېگەندەك نەرسىلەرگە بەك ئۆزىنى ئۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك، بىزنىڭ ئىدارىدىكى خېلى خىزمەتداشلىرىم ئاجرىشىپ كەتتى، باللىرىنى ئۆزى بېقىۋاتىدۇ، بالىنىڭ دادىسى بېقىش پۇلىنىمۇ بەرمەيۋاتىدۇ...بۇنداقلار بەك نۇرغۇن.
خەنزۇ خىزمەتداشلىرىم بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ئوغۇل بوۋاق تۇغۇپ بەرسە بەك خۇش بولىمىز، سىلەر ئۇيغۇر نېمىشقا ئوغۇل بالاڭلار بولسىمۇ ئاجرىشىپ كېتىسىلەر، نېمىشقا سىلەرنى بەك ئۇرىدۇ دەپ بىر مۇنچە سۇئاللارنى سورايدۇ...ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىچە چۈشەندۈرىمەن، ھەممە ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس، ياخشلىرىمۇ بار، مېنىڭ داداممۇ ياخشى دەپ.
جەمئىيەتنى كۆزىتىپ باقسىڭىز، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىدە بۇرۇنقىدەك ئوبراز قالمىغاندەك...ئىشقىلىپ چۈشەنمىدىم. بۇنداق بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟