Atesh يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 11:33 AM
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلا، ئاشۇ گېزىت - ژورناللاردىن چوڭ ب ...
دۆلەت ئاخبارات نەشىرىيات باش مەھكىمىسى ئېنىق قىلىپ جىددى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ،گېزىت ژورناللارغا مەجبۇرى سېلىق سېلىش ،ئاممىنىڭ يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنى توسۇش ھەققىدە يارلىق چىقارغان ئىدى.
بىراق ئاتۇش شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچەئاتۇش شەھىرىگە قىزىلسۇ گىزىتىدىن 5000سان مەجبۇرى مۇشتەرى قىلىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن .ئاتۇش شەھىرىدە 13500ئىشچى -خىزمەتچى،4000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بار.ئاتۇش شەھىرىدە ئاساسەن ھەممە ئوقۇتقۇچى قىزىلسۇ گىزىتىگە تولۇق ،مەجبۇرى مۇشتىرى قىلىنغان.قىزىلسۇ گىزىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا گېزىتىمۇ؟مەنمۇ ئون نەچچە گېزىت ژورنالغا مۇشتەرى بولىمەن .قىزىلسۇ گىزىتىنىمۇ تولۇق ئوقۇيمەن.بۇ گېزىتتىكى ئىملا خاتالىقى ۋە يازمىلاردىكى مەزمۇن خاتالىقى خېلى ئېغىر.مەسىلەن :2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى 7813-سانىدا كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز كامىل دىگە ن تېمىدىكى زۇڭلى ۋېنجاباۋنىڭ جۇڭگۇلۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقانلىقى توغرىسىدىكى يازمىدا : «جوڭگۇ ئامرىكاسودىسىدىن تارتىپ ،ئىككى قىرغان مۇناسۋېتىگىچە ...........،شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايۇنىنىڭ تۇنجى سايلىمىدىن ۋاڭ لىچۈەن ۋەقەسىگىچە بولغان ئىشلارغا ۋېن جىياباۋ ئوچۇق -ئاشكارا جاۋاپ بەردى»دەپ يېزىلغان .
باشقا ماتىرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە ،ئەسلى ۋەقە ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ئىكەن.ھەرگىزمۇ ۋاڭ لىچۈەن نىڭ ۋەقەسى ئەمەس ئىكەن.قىزىلسۇ گېزىتىدىكى ئاشۇ كىچىككىنە بىر خاتالىقى ئوقۇرمەنلەردە زور چۈشىنىشمەسلىك پەيدا قىلغان.....................