karligaq410 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 11:55 PM
ئۆيدە ئاتا-ئانا،مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بالىلارغا ئۈلگە بو ...
ئوقۇغۇچىلار كۈندە مەكتەپ فورمىسىنى كەيگەندىكىن ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ كىيىشى كېرەك دەپسىز. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تارقاتقان ئايال ئوقۇتقۇچىلار فورمىسى كاستيوم چاپان ۋە تىزدىن بىر غېرىچ ئۈستىدە تۇرىدىغان يوپكا، كۆپ ساندىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلار( ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار) ئىنتايىن نارازى بولدى. كىيمەي ئامال يوق. ئەگەر بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرسىڭىز بۇ خىل مەكتەپ فورمىسىنى كىيگۈزگەنگە ئېچىنماي تۇرالمايسىز. سىز دىمەكچى بولغان مەكتەپ فورمىسىنىڭ پاسونى بەلكىم بۇنداق ئەمەستۇ. بۇ خىل مەكتەپ فورمىسىنى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىز تاللىمىغان، بەلكى رەھبەرلىك ئۆزى تاللاپ بىكىتكەن.