arzuumut يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 03:52 AM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم : kizzik99 ئەپەندىم ! سورغانلىرىڭىز ياخ ...
مەن سىزگە ماڭا قارشى دەلىل تېپىىپ بېرىڭ دېمىدىم، پەقەت ھەممىمىز ئىلمىمىزگە چۇشلۇق ئىشلارغا ئېسىلايلى دەۋاتىمەن.
سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە ھەممە كىشى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشنى ئىسلام بۇيرىغان دېمەكچىمۇ؟ ياكى ئىلىمدە مەلۇم چەككە يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ھەر بىر ئايەتلەرنى بىر-بىرىگە زىت قىلىپ قويماستىن ھەقىقىي رەۋىشتە يەتكۈزۈشكە بۇيرىغانمۇ؟ مەنمۇ تېخى يېقىندا قۇرئاننى ئوقۇشقا كىرىشكەن ھەم سىز ئويلىغاندەك پىكىر-تەپەككۈرنى قىلىپمۇ باققان، سىزچە ھەقنى يەتكۈزۈش كېرەك دەپ مەنمۇ شۇ تەپەككۈرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ، موللا ئالىم بولىۋېلىپ سورالغان سوئاللارغا دەلىل تېپىش ئۈچۈن قۇرئاننى ۋاراقلاپ ئالدىراش ئۆتىشىم كېرەكمۇ؟