Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 06:02 PM
مەن ھېچقاچان بىرىنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچرىغىنىم يوق، ...
ھېس قىلىڭ، ئەمما چۈشۈنۈپ ھېس قىلىڭ قېرىندىشىم. ئاندىن باھا بېرىڭ، كىم ئېزىتقۇ كىم ماياك..!؟
تونىمىغان بىر كىشىنىڭ مىجەزىنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ ئەقەللىسى سىزدە سۆز چۈشىنىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك . شۇڭا سىز يۈزىنىمۇ كۆرمىگەن بىرىنىڭ مىجەزىنى ئەمەس، سۆزىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. كىمنڭ نېمە ئۈچۈ ياشاپ- ئەتكىنىنى ھېسسى چۈشەنچىلىرىمىزگە ئەمەس ،ئەڭ توغرىسى تارىخنىڭ بەلگىلىشىگە قالدۇرايلى..!
ھېچكىم مەن قايمۇقماي ياشاۋاتىمەن دېيەلمەيدۇ . سىز بىلەن بىزمۇ ياخشى ياماننىڭ تارازىسىنى تاپالماي مۇنازىرە قىپ ئولتۇرىمىزغۇ..!؟ سوتتىمۇ دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولمىسا گۇناھ كېسىم قىلىشقا بولمىغىنىدەك، سىزمۇ ئاساسسىزلا قاسىمكامغا، كىشىلەرنى قايمۇقتۇردىڭىز ،دېيىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.
سىز ھەقىقەتەن سۈكۈت قىلىشقا بولمىغۇدەك جىنايەتنى بايقىغان بولسىڭىز ، ئۇنى پاش قىلىشنىڭمۇ سورۇنى ھەم ئۇسۇلى بار، ئەمما بۇ تېما ئاستىدا خىيالىڭىزغا كەلگەننى دەپ ئاساسسىز كىشىنى ھاقارەتلەيدىغان يولىڭىز يوق، ھەتتا مۇنبەر سىزنىڭ شەخسى مۈلكىڭىز بولغاندىمۇ..