مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئىپارە

مۇھەببەتلىك خەتلەر(ھىكايە) ئىپارە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77603
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 02:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72153
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 525
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2011-12-27
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:27:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى    ئەسلىمىلەرنى  ئەسلىتىپ   قويدىڭىز دە   ئىپارە    ..       رەخمەت    سىز گە    !!!!!     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 508
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 05:17:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

مەن گۇلگە ئامراق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8344
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 2393 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 07:12:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممەتلىك ئەلەنۇر،مانا مۇشۇ گەپلەرنى يىزىۋاتقىنىمدا ،يۈزلىرىم لازا سۈرتىۋالغاندەك ۋىلىلداپ ئېچىشماقتا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلماقتا،بىلمىدىم،تۇنجى مۇھەببەت ھەممىلا قىزلارنى شۇنداق ئازاپلامدىكىن؟...
ئۇنۇڭ بىلەن سۆزلىشىش ئىستىكى يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ ئىچىمنى تاتلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن ئۇنى دەرەخلەر ئارىسىداھېلىقى ئورۇندۇقتا خىيالچان ئولتۇرغان ھالدا كۆردۈم.بۇ

1957- يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى- باغلار چېچەك بىلەن تولغان ،بۇلبۇللار راسسا سايرىشىۋاتقان ،پۈتۈن شەھەرنى چېچەك ۋە سېرىنگۈل  پۇرىقى قاپلىغان  چاغ ئىدى. مەن قەيسەرلىك قىلىپ ئۇنۇڭ يىنىغا ئولتۇردۇم.ئۇ چۆچۈپ، ئاجايىپ ئوتلۇق نەزەر بىلەن يالىت قىلىپ قارىدى-دە،ئۆز تەبىئىتىگە يات ھالدا مۇلايىم ۋە ئىللىق كۈلۈمسىرىدى.
-كېلىڭ، رازىيە ،بۇ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بولدى،- دېدى ئۇ مىدىرلاپ قويۇپ،- مەن ھازىرلا سىزنى ئويلاپ ئولتۇراتتىم!
قايسى مەنىدە دىگەنلىگىنى سۈرۈشتۈرمەيلا،مەن ھودۇقۇپ كەتتىم ۋە يۈزلىرىم ھۆپۈلدەپ يېنىشقا باشلىدى:
-سىزما؟...
- ئىشەنمەمسىز؟تۆتىنچى مايدا ياشلار ئىتتىپاقىغا ئۆتتىڭىز، مەۋسۇملۇق، چارەكلىك  ئىمتىھاندائەلاچى بولدىڭىز، ئۇنۇڭ ئۈستىگە بايا تام گېزىتىدىن سىزنىڭ ئاجايىپ شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم ، سىزگە كىم قايىل بولمايدۇ!
ماڭا لازىمى بۇ سۆزلەر ئەمەس ئىدى .مېنىڭ دەرھال رايىم قايتتى-دە:- سىزنى ئەدەبىياتقا بەك ياخشى دەيدۇ ،ماڭا پۇگاچىفنىڭ ئوبرازىنى تەھلىل قىلىپ بېرىڭە، بىز يىقىندا پۇشكىننىڭ ‹كاپىتان قىزى›نى تەھلىل قىلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى ،ماڭا پۇگاچىفنى تەھلىل قىلىش يۈكلەندى.
ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى-دە،پۇگاچىفىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى شېئىر ئوقۇغاندەك يادقا ئوقۇدى؛‹لاچىن قۇشلارنى تۇتۇپ ،قېنى مۇزلىماستا يەيدۇ،ئارانلا ئۈچ يىل ياشايدۇ؛قۇزغۇن چىرىندىلارنى يەيدۇ ، نەچچە يۈز يىل ياشايدۇ ، مەن لاچىن بولۇشنى خالايمەن،ھەرگىز قۇزغۇن بولۇشنى خالىمايمەن !›ئۇ بۇ سۆزنى دەپ بولۇپ مېنىڭ كۆزۈمگە يالت قىلىپ قاراپ قويدى-دە،ئالدىرماي سۆزلەپ كەتتى؛
- مانا بۇ سۆز، پۇگاچىف ئوبرازىنىڭ ئىخچام خارەكتىرلىنىشى...
ئۇنۇڭ پىكىرلىرى شۇنچىلىك ئېنىق، ئوبرازلىق ،تىلى شۇنچىلىك ئىخچام ، ھېسىياتلىق،ئاۋازى شۇنچىلىك مۇلايىم ۋە يىقىملىق .مەن ئۇنۇڭ بىلەن كىتاپ ۋە ‹ئوبراز›دىن ھالقىپ چىقىپ ئىنسان خارەكتىرى،پەزىلەت،غايە،ئىلىم-پەن قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تاكى تەكرارغا قوڭغۇراق چېلىنغۇچە پاراڭلاشتىم.مەن ھىچقاچان شۇ كۈنكىدەك روھلانمىغان ،ھېچقاچان شۇ كۈنكىدەك ئىلھام ۋە تەسىراتقا ئىگە بولمىغانىدىم ئۇ كىتاپلاردىن،تۇرمۇشتىن ھايات توغرىسىدا ،ياشاشنىڭ مەنىسى توغرىسىدا شۇنچىلىك كۆپ كۈچلۈك سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلىدىكى ئاغزىم ئېچىلىپلا قالدى.مەن ھېلىدىن- ھېلىغا ئۇھ تارتىمەن ،ۋۇجۇدۇم بىرخىل چۈشىنىپ بولمايدىغان ئىللىق تەۋرىنىش بىلەن شۇنچە مەس بولدىكى، ئۇنۇڭغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇش، قۇچىقىغا تاشلىنىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ قالالىدىم...
جېنىم ئەلانۇر،شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مېنىڭ خىيالىمغا ئۇيقۇمغا پۈتۈن ھەركىتىمگە ئارلىشىۋالىدىغان بولدى.دەرس تىڭشاۋىتىپمۇ ،تاماق يەۋاتىپمۇ شۇنىلا ئويلايدىغان ،شۇنۇڭ بىلەنلا سۆزلىشىدىغان بولۇپ قالدىم.مەن شۇ كۈنلەردە ،ئۇنۇڭ بىلەن ئۇچۇرشۇشنى كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ خوشاللىق ئىش ھىساپلىغانىدىم. مەسىلەن،ئوغۇللار ياتىقىدىن ئوقۇغۇچىلار ۋاراڭ- چۇرۇڭ بىلەن ئاشخانىغا ماڭىدۇ. مەن ئۇنۇڭ ناخشىسى ياكى ئاۋازى ئاڭلانغۇچە ياتاق دېرىزىسىدەياكى كارىدوردا يوقۇلاڭ باھانىلەر بىلەن تۇرۇۋالىمەن . ئۇنۇڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىنلا پەلەمپەيدىن ئىككى بالداقنى بىر بىسىپ ئالدىراپ چۈشىمەن، ئۇنى كۆرىمەن ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ قويىدۇ.مەن دەرھال يەرگە قارايمەن ۋە ماغدۇرسىزلىنىۋاتقان ئاياغلىرىمنى ئېھتىيات بىلەن يۆتكەيمەن.مانا بۇ مىنىڭ ئۇچۇن چوڭ راھەت، ھەتتا بەخت!مەن سىرتتىن كۈزۈتۈپ،ئۇنۇڭ بارلىق ھەركەتلىرىنى بايقاپ بولدۇم.ئالتىنچى سائەتتىن كېيىن ئۇ ۋالىبول مەيدانىدا بىر سائەت ۋالىبول ئوينايدۇ.مەن ئۇ چاغدا دەرەخلەر ئارىسىدا كىتاپ ئوقۇغان بولۇپ ، بەتلەر ئارىسىدىن ئۇنۇڭغا قارايمەن.تاماققا بىر سائەت قالغاندا ، ئۇ قىرائەتخانىغا كىرىدۇ. مەن ئۇنۇڭدىن بەش مىنوت بۇرۇن كىرىپ ژورنال كۆرىمەن،ئۇ قوشۇمىسىنى  تۈرۈۋېلىپ كىتاپقا قاتتىق قادىلىدۇ،خاتىرە يازىدۇ، مەن بولسام ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئۇنۇڭغا تىكىلىمەن... ئويلىغىنا،ئەلانۇر،مەن نىمانچە بىچارە، نىمىشقا باشقا قىزلاردەك ئەركىن مۇھەببەتلىشەلمەيمەن!ئۇنۇڭغا ئۆزۈمنى ئازاپلاۋاتقان نەرسىنى بىلدۈرىشىم، ئۇنۇڭ مۇھەببەت تۇيغۇسىنى قوزغۇشۇم، باشقا قىزلاردەك شەنبىلەردە سىرتقا چىقىشىم، قانغۇچە سۆزلىشىشىم،ناخشا ئېيتىشىشىم ۋە بىللە يۈرۈشۈم مۈمكۈنغۇ!لېكىن قىزلىق ئار- نومۇسۇم ، ئىنسانىي غورورۇم بۇنۇڭغا يول قويمىدى.، ئۇچۇق پاراڭلىشىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەر كەلگەن بولسىمۇ ، مەن ئۆز ھاياتىمنى سۈنئى يول بىلەن يېپىپ، ئۇنۇڭغا سوغۇق ۋە قوپال مۇئامىلە قىلدىم . دوستۇم، بىز قىزلار ئەنە شۇ ياسالمىلىق ، قىزلىق ئىپپەت- نومۇسنىڭ ئازابى ھېسابىغا تېز قېرىپ ،تېز تۈگۈشۈپ كىتىمىزكەن...
ئاخشام ھېلىقى ئورۇندۇقتا ئۇزاق ئولتۇردۇم.مېنى مۇشۇنچە خىيالچان قىلىۋەتكەن ، ئاخىر مېنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە قىلغان تەلەپلىرىمگە پىسەنىت قىلماي شۇنچە يىراق يەرلەرگە شان- شەرەپ ئىزدەپ كەتكەن رەھىمسىز ، تاش يۈرەكنىڭ ئولتۇرغان جايىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ،ئىچىم بوشىغىچە يىغلىدىم . مانا بۈگۈن ساڭا بۇ خەتنى يىزىۋاتىمەن .ئاخشامقى ياشلارنىڭ ساقىندىسى تېخىچىلا  كۆزلىىرىمدىن تۆكۇلمەكتە . قىممەتلىك بەختلىك دوستۇم ئەلانۇر،ساڭا بۇگەپلەرنى دەپ بولۇپ ، ئاخىرىغا نەۋائىنىڭ شېئىرىنى قىستۇرۇپ قويدۇم؛

كۆرگىلى ھۆسنىڭنى زارۇ مۇپتۇلا بولدۇم ساڭا،
نە بالالىق كۈن ئىدىكى ،ئاشىنا بولدۇم ساڭا.
قىممەتلىك دوستۇم ناۋادا ئىلى دارۇلمۇئەللىمدىن كەتكەن ئالتە ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالساڭ ، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈش ، مېنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئېگىز،ھەممىدىن قاپىقى يامىنىنىڭ قولىنى چىڭراق سىقىپ قوي.
سىرىمنى شۇنداق بىر ساندۇققا سالغىنكى، قۇلۇپى ئېچىلمايدىغان بولسۇن ،ئۇنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ پەقەت مېنىڭ قولۇمدا بولسۇن.شۇنداق قىلمىساڭ ، دوستۇڭغا خىيانەت قىلغان بولىسەن، نۇرغۇن ئىنسانلار ناھايىتى گۈزەل ئارزۇلىرىنى گۆرىگە ئېلىپ كىتىدىغۇ.مەنمۇ بۇ سىرىمنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتمەكچىمەن.

سېنى  قۇچاغلاپ سۆيىمەن.
بەخىتسىز دوستۇڭ؛ رازىيە
1957- يىلى 24- ئاۋغۇسىت››

داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 07:20 PM  


تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 03:39:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dawamini tizarak yollisigiz bop tikan

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77154
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 05:05:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dawami kaqan yazisiz

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش