مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: arzuumut

ئىسلام ئىنسانىيەتكە نىمە دەيدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىزدەنگۈچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3789
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 8456 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:50:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنىڭ تېمىسىدا ئىملا خاتالىقى باركەن ،   ئىسلام ئىسانىيەتكە نىمە دەيدۇ
مەزمونىدا ئملا خاتالىقى بولسا ئانچە چېنىپ كەتمەيدىكەن ، لېكىن تېمىسىدىكى ئىملا خاتالىقى بەكلا ئاسان چانىدىكەن ، شەخسى پىكىرىم

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3502
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 8883
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2669 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 03:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Xaparang يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 12:50 AM
بۇ يازمىنىڭ تېمىسىدا ئىملا خاتالىقى باركەن ،   ئىسلام ئ ...

توغرا دەيسىز.

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

.          دىللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17725
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15295
تۆھپە نۇمۇرى: 2715
توردا: 3627 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 03:46:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم : ئەپسۇس مۇنبەرداشلار ! ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن (يەنى جانابى ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمگە ۋەھى ئارقىلىق ھەقنى پەم قىلدۇرىدۇ)دىگەن  ئەسىرىم ئەخلەتكە چىقىرلىپتۇ شۇ سەۋەپتىن  يازغان ئىنكاسىمنى گەرچە بۇ ئەسىرىمگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يەنىلا سىلەرنى پايدىلىنىپ قالارمىكىن دىگەن مەخسەتتە بۇ يەرگە چاپلاشقا مەجبۇر بولدۇم . قەنى پىكىر قىلىپ كۆرگەيسىلەر . سىلەر مەيلى چۈشۈ نىڭلار مەيلى چۈشەنمەڭلار ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدا ،زىيىنى ئۈچۈندۇر . چۈنكى سىلنىڭ دىنىڭلارمۇ ئۈزۈڭلارغادۇر ، مىنىڭمۇ دىنىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر .

ئەمدى مەخسەتلىرىمىزگە كەلسەك :
شۆبھىسىزكى ، ئاللاھ نىڭ رىزالىقىنى كۆزلىگەن ھالدا ھەقنى قوللاپ ، مۇشۇنداق ھەق باراسىدا يېزلىۋاتقان تىمىلارنى ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا تەستىقلاپ مۇنبەرداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىشكە كۈچ چىقىرۋاتقان ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلارغا : شۇنداقلا ھەق باراسىدا ئىزدىنىۋاتقان ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلارغا: جانابى ئاللاھ بۇ ئەجىرىڭلار ئۈچۈن كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلىدۇ . ئەمدى ئۆز پىكىرىمىزگە كەلسەك يۇقۇردا مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىردىن قارغاندا مەن يەنى چوڭقۇرلىغان ھالدا شۇ ھەقىيقەتلەرنى تۇنۇپ يەتتىمكى ، دىمەك بۇ يەردە كۆپىنچە مۇنبەرداشلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەتكۈزۈپ قويغانلىرى يەنىلا شۇ ھەقىيقەت (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەسلىك بۇلۇپ .  شۇ سەۋەپتىن بىز دىن باراسىدا كۆپىنچى ئىشلاردا ئىختىلاپتىن باش ئالالماي ، توغرا يولدىن ئېزىپ كىتىپ بارىمىز .  چۈنكى پىكىر تەپەككۇر يۇلى  ئىنساننى ھەقنى تۇنۇشقا ئېلىپ بارىدىغان بىر دىن بىر ھەقىيقەت يۇلى بۇلۇپ . شۇڭا پىكىر تەپەككۇرىمىز بولمىسا بىز ئۆزلىرىمىزگە ھەرگىز توغرا يول تاپالمايمىز .  شۇڭلاشقا  جانابى ئاللاھ بىزنى پىكىر تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەقىلگە ئىگە قىلىپ ، پىكىر تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ۋەز نەسىيئەت ئېلىپ ، ھەر قانداق ئىشلىرغا شۇ بۇيىچە ھۈكۈم چىقىرىپ توغرا يولدا بولسۇن دەپ ھەقنى (يەنى قۇرئان كەرىمنى ) ئۇنىڭ مەنىلىرنى چۈشۈنىش ئاساسىدا نازىل قىلغان تۇرسا .  ئەگەردە سىنىماقلارغا قۇرئاننىڭ مەنىسنى بىلىپ  ئۇقۇپ پىكىر قىلىپ كۆرىدىغانلا بولسىڭىز ،  سىز قۇرئاندىن ھەرقانداق سۇئاللىرىڭىزغا ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك جاۋاپقا ئىرىشەلەيسىز . مانا مۇشۇ جاۋاپ سىز ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنجىلىك ھەق جاۋاپتۇركى ، دىمەك بىز  مۇشۇ ھەق جاۋاپ بىلەن ئاندىن ئۆزىمىزگە توغرا يول تاپالايمىز . شۇڭا بىز ئىككىلا دۇنيانىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىمىزگە توغرا يول تاپساق دەيدىكەنمىز پىكىر تەپەككۇردىن غەپلەتتە قالمايلى ! قەنى ئەمىسە پىكىر تەپەككۇر قىلىپ كۆرۈ شىڭلار ئۈچۈن جانابى ئاللاھ نىڭ  بىرقانچە ھەق سۆزلىرى سەمىڭلارغا سۇنۇلدى .
يەنى[ اﷲ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. اﷲ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر]42-51.
دىمەك ئاللاھ نىڭ مۇشۇ يۇقارقى ھەق سۆزلىردىن شۇ ھەقىيقەتلەرنى بىلىۋالغىلى بۇلۇدۇكى ، جانابى ئاللاھ نىڭ ھەرقانداق ئادەمگە پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئىۋەرتىپلا پەقەت ۋەھى ئارقىلىقلا سۆز قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ . ۋەھى دىگىنىمىز قۇرئان كەرىم شۇ بۇلۇپ . دىمەك قۇرئان پۈتكۈ ل ئىنسانىيەتكە ۋەھىيدۇر .
يەنى[ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىلارغا: « ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: « بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى]5-سۈرە (111). دىمەك جانابى ئاللاھ ھەۋارىلارغىمۇ ۋەھى قىلغان . مۇشۇلارمۇ ئىنسان ئەمەسمىدى ؟
يەنى [كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى زېمىندىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كىرەك» دېدى. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى (مۇنداق) ۋەھيى قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز ]14-سۈرە (13).
يەنى[ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا (يەنى تەۋراتتا): «پەلەستىن زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قىتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، اﷲ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق] 17  -سۈرە (4).
دىمەك ئاللاھ نىڭ يۇقارقىغا ئوخشاش ھەق سۆزلىرنى پىكىر قىلىپ كۆرىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى بولسا  جانابى ئاللاھ نىڭ  ۋەھىنى پەيغەمبىرىمىزدىن باشقىمۇ يەنى بارلىق بەندىلىرگە قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ .
يەنى[ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىندىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»]20-سۈرە (38). قانداق ؟ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئانىسى ئىنسان ئەمەسمىدى ؟ ھەق شۇنىڭغىمۇ پەقەت ۋەھى ئارقىلىقلا دىلىغا بىلدۈرۈلگەن ئەمەسمۇ ؟ چۈنكى يەنى شۇ ھەقىيقەتلەر ئىسىڭلاردا بولسۇنكى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ دىلى ئوتتۇرسىدا تۇسالغۇ بۇلالايدۇ . دىمەك ئىنسانلارنىڭ دىلىنى ئۇنىڭ  خھىشى بۇيىچە ئەمەس . بەلكى ۋەھى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ خاھىشى بۇيىچە باشقۇرۇپ تۇرىدۇ . يەنى [ئى مۆمىنلەر! اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر]8-سۈرە (24).
دىمەك جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى پەرىشتەسى جىبىرائىل ئارقىلىق پەيغەمبىرىگە ۋەھى قىلغاندىن باشقىمۇ يۇقارقىدەك ھەر قانداق ئادەمگىمۇ پەقەت ۋەھى (يەنى قۇرئان )ئارقىلىقلا سۆز قىلىپ ، ئىنسانلارنىڭ دىلىنى ئۆز ئىرادىسى بۇيىچە باشقۇرۇپ تۇرىدۇ .
يەنى[يەنى [شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن (ۋەھيىدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك- شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن]42-52.

يەنى شۇ ھەقىيقەتلەرنى سەمىڭلارغا سېلىپ قۇيايكى ، ئىسلامدا جەننەت بىلەن دۇزاقنىڭ ئەر ئاياللىق ئايرىمىسى بولمايدىكەن ، ئۇنداقتا  ھەققە دەۋەت قىلىشنىڭ ، ھەقنى قۇبۇل قىلىشنىڭمۇ ئەر ئاياللىق  ئايرىمىسى بولمايدۇ . شۇڭا بىر بىرىمىزنى كەمسىتكەندەك ئايرىمىچىلىقلارنى قۇيۇپ ، ئۇ ئۇستاز بۇ ئۇستاز دىگەنلەرنى قۇيۇپ ، كىمكى سۆزلەشتە ھەقنىلا سۆزلەيدىكەن ، ھەقنى قۇبۇل قىلىش يۈزۈسىدىن شۇنىڭ سۆزسىنى قۇبۇل قىلساق بۇلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىيقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىپ تۇرايلى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arzuumut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 04:19 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 10:36:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن جاپا چىكىپسىز يەنە مۇشۇنداق تىمىلاردىن كوپرەك يوللاپ تۇراسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75669
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 10:38:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش