|
|
|
|
[ئامرېكا پېرىزدىنتىنىڭ‹1-نۇمۇرلۇق›مەخسۇس ئايرۇپىلانى
ئەسسالام ئەلەيكۇم دوسلار ! بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇنبەردىن ئايرىلغىنىمغىا مانا 1يىلدىن ئېشىپتۇ ، بۇگۈن يەنە كىرىپلا تېما يوللاشقا كىرىشىپ كەتتېم 。ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئامرېكا دىسە ‹يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە› ئەمەس ، ئات ئېشەك ، قۇرۇت قوڭغۇزلارمۇ بىلىدىغان بوپ كەتتى . ھازىرقى ئېشەكلەرمۇ تۇرۇپ تۇرۇپ ‹ ئامرېكا › ‹ ئامرېكا › دەپ ھاڭرايدىغان بوپ قاپتۇ دىسە .
ھازىر نۇرغۇن ئەللەر ، بولۇپمۇ ئېسلام ئەللىرىدە ئامرېكىغا قارشى شامال بىرقەدەر كۈچلۈك ، بىز بۇيەردە بۇشامالنىڭ تەسىرى توغۇرلۇق پاراڭ ئېپ بارمايمىز ، ئۆزىڭىزگە ئېش تىپىۋالماڭ ،ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولسا تەشۋىق قىلىمىز ھەم تولۇق پايدىلىنىمىز ، پايدىسىز بولسا كىرەك قىلمايمىز . مانا بۇ دەل ئامرېكىنىڭ پىرىنسىپى ! بىر يىلنىڭ ئالدىدىمۇ كاللا دىسە پاچاق دەيدىغان ، كۆزىنى يۇمىۋىلىپ قارىسىعا سۆزلەيدىغان ‹دانىشمەن› عەيۋەتچىلىرىمىز بولىدىعان ، بەلكىم ھازىرمۇ تۉگىگىنى يوققۇ دەيمە ، يۇقاردا دەپ ئۆتتۈم ، بىز بۈگۈن بۇيەردە ھەرگىزمۇ دۆلەت ، مىللەت ، دىن توغرىسىدا توختالمايمىز ، پەقەتلا تەرەققىيات ، پەن-تىحنىكا توعرىسىدا پاراڭ ئىپ بارىمىز ، عەيۋەت قىلىمەن ، پاچاق عاجايمەن دەپ چىشىنى بىلەپ كىرگەن،قۇبۇل قىلالمايدىعان قىرىنداشلىرىمىز بولسا حاتا كىرىپ قالعان تېمىڭىزدىن پەم بىلەن چىقىپ كىتىپ كوچا دوقمۇشىغا چىقىڭ ، ئۈلپەتداشلىرىڭىز سىزنى ساقلاۋاتىدۇ ، گازىر چاققاچ پاراڭلىشىڭلار
.
ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ،ھەممىمىز ئامرىكىنىڭ 1997 –يىلى ئىشلەنگەن ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دىگەن فىلىمىنى كۆرگەن بولىشىمىز مۇمكىن ، بۇ فىلىمدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ، ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان › نىڭ ئىقتىدارى توعرىسىدا تىلغا ئىلىنغانلار ھەرگىزمۇ توقۇلما ئەمەس . پەقەت فىلىمغا ئوخشىمايدىغان يىرى ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دا ئايرۇپىلاندىن ئايرىلىدىغان بىخەتەر بۆلۈمچى،ۋە ھەرقانداق پاراشوت دىگەندەك نەرسىلەر يوق . مانا بۇ ئامرىكىنىڭ ئۆزىگە ئېشەنگەنلىرى. بۇفىلىم ئۇنداق ئاددى قىلىممۇ ئەمەس ، بەلكى ئامرىكىنىڭ دۇنياغا قىلغان تەشۋىقاتى دىسەك توغرا بولار . بۇفىلىمنىڭ رىجىسورى 沃夫冈·彼得森شۇ فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن مەخسۇس ئاق ساراينىڭ ،ئامرىكا ھاۋا ئارمىيسى مۇداپىيە ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتنامىسىنى ئىلىپ ئايرۇپىلاندا قىسقىغىنە زىيارەتتە بولغان
ئوباما ئامرىكىنڭ 44-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەربىر ئىش ھەركىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارىتتى ، ئۇ ئادەتتە مەخسۇس ئولتۇرىدىغى كادىلاك ماركىلىق ئوق ئۆتمەس ئالاھىدە ئۆزگەرتىلگەن ماشىنا . مەخسۇس ئايرۇپىلانى بولسا ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ] بۇ بوئېن 747تىپلىق ئايرۇپىلاننى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا قوراشتۇرۇپ چىققان ئايرۇپىلان بولۇپ ئىغىرلىقى 400توننا ، ئۇزۇنلىقى 70 متر،ئېگىزلىكى 19متر، بەش قەۋەت بىنا بىلەن تەڭ ، بىر مۇز توپ مەيدانىدىن چوڭ چىقىدۇ . بۇ ئايرۇپىلانغا ئېلغار ئىلىكتىرونلۇق كاشلا پەيدا قىلغۇچ شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولغاچقا ئۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا دۈشمەن تەرەپنىڭ رادارىنى ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ‹قارىغۇ›قىپ قويالايدۇ . ھەتتە ئاتۇم پارتىلسىمۇ ئۆزىنى ئاپتۇماتىك ئېپ قىچىش ئىقتىدارىغا ئىگە . ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›غا دۇنيادىكى ئەڭ ئېلغار مۇداپىيە ماتىرياللىرىنى سەپلىگەن ، ئايرۇپىلان گەۋدىسىگە ئېشلەنگەن پولات ماتىېياللار ھەتتا ئاتۇم پارتىلاشتىن پەيدا بولغان تەسىرنىىمۇ يىڭەلەيدۇ ،بارىلىق ئېشىك دەرىزىلەرگە ئېلغار ئوق ئۆتمەس ماتېرياللار قوشۇلغان ، ئايرۇپىلان توختۇتۇپ قويۇلغاندا ھەرقانچە ئىقتىدارلىق مەرگەنلەرمۇ بۇ ئەينەكلەردىن ئوقىنى ئۆتكۈزەلمەيدۇ .
‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان › ھەرقىتىم ئۇچقاندا ئۇنىڭغا يانداش ئەڭ ئېلغار قۇراللار بىلەن تولۇق قۇراللانغان F-18 بەلگىلىك كۆرەشچى ئايرۇپىلان قوغداپ ئۇچىدۇ .
[1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دىن ئىككىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ سىرىتقى شەكلى تامامەن ئوخشاش ، پېرىزدىنىت مەيلى قايسىسىغا ئولتۇرسۇن ئۇ ئوخشاشلا ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دەپ ئاتىلىدۇ.
[
1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دا ئاشخانا ، مەجلىسخانا ، زوڭتۇڭ مەخسۇس ئارام ئېلىش ئۆيى ، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق . ئەڭ مۇھىمى ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دا قۇماندانلىق سۇپىسى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئامرېكا زوڭتۇڭى ئايرۇپىلاندا تۇرۇپ بىخەتەرلىك سىستىمىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايىدىكى ھەرقانداق ئورۇن ۋە كىشى بىلەن بىمالال سۆزلىشەلەيدۇ،
1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دا يەنە ئەڭ مۇھىم بولغان ‹يادرو شېفىر ساندۇقى › بولىدۇ ، بۇنى مەخسۇس بىر ئەمەلدار 24سائەت يىندىن ئايرىماي قوغدايدۇ ، ئۇ ئارقىلىق زۇڭتۇڭ بىخەتەرلىك شىفىرنى كىرگۈزۈپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدۇ . ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›ئامرېكىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىغا ئايلاندى دىگەن گەپ 1 -نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دىن باشقا ئامرېكا زوڭتۇڭىنىڭ يەنە مەخسۇس VH-3،VH-60 تىپلىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ !
]مانا بۇ بىر دۆلەتنىڭ كۈچىنىڭ نامايەندىسى ، ئامرېكىلىقلار بوئېندىن پەخىرلىدۇ ، بەلكىم تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولسا ئۇ چاغدا دۇنيا ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دىن پەخىرلىنشى مۇمكىن .بىز ئەمەس قايسى بىر زوڭتۇڭ ‹1-نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلان ›دەك ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ !
ئادەم خاتالىقتىن خالىې بولمىقى تەس ، بەزى ئۇچۇرلارنى خاتا تەرجىمە قىپ قويغان ياكى خاتا يىزىلىپ قالغان يەرلىرى بولسا ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز !
‹ئەسكەرتېش : تېمىنى باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا مەنبەسىنىڭ مىېسرانىم مۇنبىرى ئېكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، ناتوغرا ئۇسۇلدا پايدىلانسىڭىز ئاقىۋىتىگە مەن ئېگە ئەمەس !!!›
مەنبە : ماتېريال ئامبىرىم ۋە تور دۇنياسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alimjan4000 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-3 03:41 PM
|
|
|
|
|
|