مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: oyhanogul

ئازاپ تۇمانلىرىم(بىز ياشلىقتا،بەڭۋاشلىقتا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 03:10:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئازاپ تۇمانلىرىم(بىز ياشلىقتا،بەڭۋاشلىقتا)

      داۋامى....                                    *2*
                                    مۇھەببەت ئەسلى بىرتىكەنلىك گۈلدۇر
                                   شاخىدا تۇرسا ئۇ خۇشپۇراق چاچۇر
                                   ئۈزمەكچى بۇلۇپ سەن چېقىلساڭ گۈلگە
                                    تىكىنى سانچىلۇر گۈلمۇ سولاشۇر

                                    مۇھەببەت ئەسلى بىر قىپقىزىل گۈلدۇر
                                     تۈپىدە تۇرسا ئۇ ئەڭ چىرايلىقدۇر
                                     شېخىغا ۋاقىتسىز كەلگەندە ئەجەل
                                     گۈلمۇ توزۇپ ھەم رېڭىمۇ ئۆڭۇر

             بىز تۇنۇشقان ئەشۇ مىنۇتلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى.
   مانا بۈگۈن يېڭى ئاينىڭ 3_كۈنى. سەن بىلەن تۇنۇشقانلىقىمنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى. بۇرۇنقىدەكلا كۆڭلىم يەنىلا غەش،ئايىغى چىقماس چىگىش خىياللار كاللامنى چۇلغىۋالدى.
                              بىر يىل ئاۋۋال

     بۈگۈن كۈندۈزدە يېقىن دوستۇمنى تاينى يوق بىر ئىش سەۋەبلىك رەنجىتىپ قويدۇم،ھەم خېلى كۆپ تاككاللىشىپمۇ كەتتۇق.ھەي ياشلىقتا قىززىق قان بولىدىكەن دىسە ئادەم.
   مەھەللە دوقمىشىدا نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ ئولتىراتتىم.يىراقتىن بىر نەچچە تەڭ تۇشلىرىمنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالغۇدەك كەيپىياتىم يوق ، نىمىشقىكىن كەيپىياتىم ناچار ۋاقىتلاردا خىياللار ئېقىنىغا كىچىپ يۈرۈشتىن باشقا ھىچنىمە خۇشياقمايتتى. چوڭقۇر ئۇھ _ تارتىپ ئولتىرىمەن. بالىلار قېرىشقاندەك ئۇدۇلىمغا كىلىپ توختىدى،ھەم قىززىق پاراڭلىرنى قىلىشىۋەردى. بىردەمدىن كىيىن بىرى مىنى چاقىردى.مەن بۇرۇلۇپ قارىدىم ھەمدە سالاملاشقاندىن كىيىن يەنە ئولتىرۋالدىم بىراق بالىلار مىنى بوش قويۋەتمەي گەپكە قاتتى.
_ئاداش نىمىنى خىيال قىلىپ ئولتىرىپ كەتتىڭلا؟ قىزبالىنىڭ دەردىغۇ ھەقىچان.
_نەدىكىنى بۇ ئاداشنىڭ گۆھەرگە تىگىشكۈسىز گۈزىلى بار دەپ ئاڭلىغانمەن. يەنە بىرى گەپ قاتتى.  سەل ئۆڭۈپراق دىدىم
_ نەدىكىنى ئاداش ، نەدىكى گۈزەلكەن ئۇ؟ مەن دوست تۇتاي دىسەم قىز باللىنىڭ ئېلىشىپ قالغانلىرىمۇ قاچىدىكەن ئاداش مەندىن.
_ ۋاي ئاداش ئۇنداقمۇ دىمەڭلا سىلىگە تازا ماس كىلىدىغاندىن تېپ قويدۇق جۇمۇ، دىدى يەنە بىرى
_راست دەيدۇ ئاداش. مەندە بىر قىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى بار . تېلفۇننى خاتا بېسىپ ماڭا ئۇرۇپ ساپتىكەن گەپكە سەپ باقىلى دىسەك پەقەت گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى. سەن گەپكە ئۇستا بولغاندىكىن گەپ قىلىپ باقە بوممىسا؟؟ كەپ قالامدۇ تېخى نىمىلا بولسۇن يالغۇزلۇقتىن كۆپ ياخشى .
_بەك تارتىنچاقكەن ئۇ شۇنچە گەپ قىلسىمۇ گەپ قىلمىدى.
_ مەن ئەزەلدىن بىر قىزغا گەپ ئېچىپ باقمىغان تۇرسام قانداق گەپ قىلىمەن؟
_ ئاداش تېلفۇننى ئۇرساڭلا گەپ دىگەن ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ.بولە _بولە باسە مانۇمۇرنى
        قانداق قىلاي ھازىر كەيپىياتىم....ھەي باللا
_ تىھئ ئــا ئاداش نازلانماي ئالە تىلفۇنۇڭنى  ھە
نۇمۇرۇڭنى تۇنجى رەت بېسىۋاتىمەن. توۋا نۇمۇرۇڭ شۇنداق چىرايلىق بىلىنىپ كەتتى.چۈنكى نۇمۇرۇڭنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ خانىسىدىن كىيىنكى تۆت خانىسى يورتىمىزنىڭ رايون نۇمۇرى ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىككى خانىسى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىم ئومۇمىي رەقىمى(99)ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىككى خانىسى بولسا رەسۇلىللاھنىڭ ئومۇمىي ياش رەقىمى(63). پاھ نىمانداق چىرايلىق نۇمۇر بۇ؟؟ ئىچىمدە شۇنداق ئويلاشقا ئاران ئۈلگۈردىم، تېلفۇنۇڭ سايراۋاتىدۇ،بىراق ئۇلانمىدى. باللار قايتا ئۇرۇشىمنى ئېيتتى ، بىراق مەن ئۇرمىدىم بەك كەچ بوپ كەتكەنىدى بەلكىم ئۇخلاپ قالغاندۇ، ياكى ئىشى ئالدىراشتۇ،ۋەياكى ئالغۇسى كەلمىگەندۇ دىدىم باللاغا
ئەتىسى ئۆز ئىشىم بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم بىراق سىنى كۆڭلىمدە ھەر ۋاقىت ئويلىدىم.كاللامدا چىگىش خىياللار سىنى ھەرخىل ئادەملىرگە ئوخشىتاتتىم،لىكىن نۇمۇرۇڭنى ھەرقېتىم ئەسلىگىنىمدە:ئۇچىسىغا پۇتىنىڭ ئۇچى ئاران كۈرۈنۈپ تۇرغۇدەك ئۇزۇن يوپكا ، يوتىسىغا تشلىنىپ تۇردىغان ئۇزۇن چاپان كىيگەن يۈزىنى بېشى بىلەن قۇشۇپ ياغلىقى بىلەن ئورىۋالغان ، شۇنداق يىنىك قەدەملەر تاشلاپ كىتىۋاتقان بىرئۇماق قىز كۆز ئالدىمدا نامايەن بۇلاتتى.   كەچتە بالدۇرلا بىكار بولدۇم، بىكار بولدۇميۇ ئۇدۇل دەريا قىرىغا قاراپ يۈگۈردۈم چۈنكى پۈتكۈل خىياللىرىمنى ئوغىرلاپ كەتكەنىدىڭ،سىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭنى تۇرمۇش ئەھۋالىڭنى بىلگۈم كەلگەنىدى. دەريا قىرىغا ساڭا تىلفۇن قىلىپ بېقىش ئۈچۈن يۈگۈرگەنىدىم.
تېلفۇنۇڭ ئۇلاندى ئەمما سادا يوق، مەن گاڭگىراپ قالدىم،نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلەممەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم. ئاخىرى زور غەيرەتكە كىلىپ..
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  شۇ گەپنىمۇ ئاران دىيەلىدىم
بەلكىم سالىمىمنى قۇرۇق قالدۇرۇشنى خالىمىغانسەن ،ياكى گەپ قىلغۇڭ كەپقالغاندۇ...
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.   ئاۋازىڭ پەس ئەمما شۇنداق يېقىملىق
   يەنە بىر ھازا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. مەن يەنە تەلمۈرۈپ تۇرسام بولمايدىغانلىقىنى ، سىنىڭ گەپ قىلغان ۋاقتىڭنى قەدىرلىشىم كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم.شۇڭلاشقا
_ ئىسمىڭىزنى سورىسام بۇلامۇ؟
_ نۇمۇرۇمنى قانداق بىلدىڭىز؟ كىم دەپ بەردى؟
سۇئالىمغا سۇئال ئارقىلىق جاۋاب بەردىڭ.
_ چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ بەلكىم تەقدىردۇ..
_ ئىسمىڭىزنىمە؟ سورىسام بۇلامدۇ؟
_ئىسمىم راھىلە. تۇنجى رەت نۇمۇرۇڭنى ياقتۇرۇپ قالدىم ئىككىنچى رەت ئاۋازىڭنى مانا ئەمدى ئىسمىڭنى... توۋا بۇ ئىلگىرى ئاڭلىغان ئىسىم ئىدىغۇ ھەجەپ چىرايلىق بىلىنىپ كەتتا؟؟مىنىڭ ئىسمىم قەيسەر. مەن يالغان ئېيتتىم،ئەممە نىمىشقا يالغان ئېيتقىنىمنى تاكى ھازىرغىچە بىلمەيمەن.
     قۇياش ئاستا_ئاستا قىزىرىپ جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلاۋاتاتتى،بىز بەلكىم شۇ پەرىز نامازنى ئادا قىلىشقائالدىرىدۇق بولغاي،تەڭلا
_ مەن سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلاي. دەپلا جىمىپ كەتتۇق.
   يىراقتىن ئەزان ئاۋازى بوش ئاڭلىنىۋاتاتتى.مەن تىلفۇننى بېسىۋېتىشنى ئويلىدىم بىراق سىنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن قورقتىم چۈنكى سەندىن سورايدىغان سۇئاللىرىم تېخى كۆپ ئىدى.مەن يەنە سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلىشنى ئېيتتىم سەن قوشۇلدۇڭ .....
  ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەرچە ۋاقىت ئۆتتى مەن يەنە تىلفۇن قىلدىم بىز خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق ئەمما سەن ناھايتى ئاز گەپ قىلاتتىڭ بەلكىم كەم سۆزبولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە چۈنكى مىنىڭ مىجەزىممۇ شۇنداق ئادەتتە قىلغۇم يوق ئىشلارنى،دىگۈم يوق گەپلەرنى پەقەت قىلمايتتىم. شۇنداق قىلىپ بىز چىقىشىپ كەتتۇق.كىيىنچە كۈندە دىگۈدەك تېلفۇنلاشتۇق،سەن داۋاملىق سۇئال سورايتتڭ مەن جاۋاب بىرەتتىم،ئەمما مەن سورىغان سۇئاللارغا ئۇدۇلللا جاۋاب بىرەتتىڭ.كۆپ گەپ قىلمايتتىڭ،بەلكىم تارتىنۋاتقاندۇ دەپ ئويلايتتىم.
    شۇ تەرىقىدە نەچچە ئايلار ئۆتۈپ كەتتى.شۇ ئارىدا بېشىمدىن بەزىبىر ئىشلار ئۆتتى(ئۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئولتۇرۇشنى لايىق كۆرمىدىم
)شۇڭا سىنى قانداق قىلسام رەنجىتىپ قويماسلىق ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم،بىراق ياخشىراق چارە تاپالمىدىم شۇڭا ئامالسىز كۆڭلىم ئۇنىمىغان ھالدا تىلفۇننى ئىتىۋىتىشنى،ئۇزۇنغىچە ئاچماسلىقنى قارار قىلدىم. چۈنكى شۇنداق قىلمىسام بەلكىم ئۆمۈربويى پۇشايمان قىلىپ قېلىشىممۇ ھەم سىنى بەخىتسىز قىلىپ قويىشىممۇمۇمكىن ئىدى. مەن بۇنى ساڭا تاللاش پۇرسىتى قىلدىم،سىنىڭ ئۆز بەختىڭنى تېپىۋېلىشىڭنى ئۈمۈت قىلدىم، بۇ ھالىتىمدە سىنى بەخىتلىك قىلالىشىمغا كۆزۈم يەتمەيۋاتاتتى.
   مانا ئالاھەزەل ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپتۈ ،سىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ كەتكىنىم يوق، سىنى كۈندە سېغىندىم،ئەنسىرىدىم،بىراق تېلفۇن قىلاممىدىم.ئازاپلىق يۈرىكىڭگە تىغ سالغۇم كەلمىدى. ئەمما تىلفۇنۇمنى يەنە ئاچماي تۇرالمىدىم. تەخمىنەن يېرىم سائەتلەرچە ۋاقىت ئۆتتى، تېلفۇن سايرىدى،كىمدۇ؟؟ يۈركىم ئەنسىز سوقتى،كۆز ئالدىمدىن ھەرخىل ئادەملەر ئۆتتى. ئەمما سىنىلا ئويلىماپتىمەن.تېلفۇندا نۇمۇرۇڭ تۇراتتى،ئېلىش ئالماسلىقنى بىلەممەي تۇرۇپ قالدىم.تىلفۇندىن چىققان ئاۋاز شۇنداق .ئېچىنىشلىق نالىدەك بىلىنىپ كەتتى.
تىلفۇننى ئالدىم ئەمما گەپ قىلمىدىم
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.  ئاۋازىڭ تىتىرىگەندەك قىلاتتى.   ....
_ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.   يەنە گەپ قىلماسلىققا تاقەت قىلاممىدىم.
_ ئاللاغا شۈكرى. باركەنسىز ھە؟؟...
_ مەن با.ئۆزىڭىزچۇ؟ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ ئانىڭىزچۇ؟ سالامەت تۇرۋاتامدۇ؟؟؟
_ ھەجەپ سوراپ قالدىڭىزغۇ؟ئۇنى بىلگۈڭىزبار ئادەم ئىككى ئايدىن بىرى نەگە مۆكىنىۋالغانىدىڭىز؟؟
_  شۇ....ئۆيدەئازراق كۆڭۈلسىزلىك ئىش بۇلۇپ قېلىپ.... .
_ قانداق كۆڭۈلسىز ئىش ئۇ؟؟تىلفۇننىمۇ ئىتىپ قويغىدەك؟
_ ئۇ ئىشلارنى دىسەم رەنجىپ قالىسىز شۇڭا...
_ ئۇنداقتا مۆكىنىۋالسىڭىز رەنجىمەيدىكەنمەندە؟؟
_ سىزدىن سوراپ باقاي بۈگۈن ماڭا قانداق تىلفۇن قىلىپ قالدىڭىز؟؟
_ سىزگە بۈگۈن ئەمەس سىزمۆكىنىۋالغان كۈندىن باشلاپ كۈندە تىېلفۇن قىلدىم،ھەتتا پۇلمۇ قاچىلاپ باقتىم ئەمما تىلفۇنىڭىز ئىتىككەن.
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم تىتىرەپ كەتتى.
  ئاھ خۇدا مىنى ئۇنۇتسۇن دەپ قېچىپ يۈرسەم ئۇنۇتماقتا يوق ئەكسىچە قوغلاپ يۈرۈپتۇ بىچارە.....
_  شۇنچە قىلغىچە ئۇنتۇپ كەتسىڭىز بولمامدۇ؟؟
_  مەن سىزدەك باغرى تاش ئەمەس.ئۇنداق ئۇنۇيمەن دەپلا ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن.
_  مەنمۇ ئۇنتۇمىدىم بىراق ئامالسىز قالدىم.
_  قانداق ئامالسىز قالدىڭىز؟؟
گاڭگىراپ قالدىم دەيمۇ؟؟ دىمەيمۇ؟؟؟
_  دىيىشنڭ لايىق كۆردۈم................... .........................
_  ئەگەر قىلغانلىرىمنى كەچۈرۈپ ، شۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىپ، ئۆزىڭىزگە ۋەماڭا ۋەدە بىرەلىسىڭىز تڭلفۇن قىلارسىز،ھەممىنى دىدىم قايسىسىنى تاللاش سىزگە قالدى.ماڭا ئارتۇق ۋەدە كېرەك ئەمەس پەقەت تىلفۇن قىلسىڭىزلا مەن شۇنى ۋەدە دەپ قارايمەن.
  ئۆزىڭىز قارا قىلىڭ خەيىر_خوش كەچ بوپ كەتتى ئارام ئېلىڭ.
    مەن دىگەنلىرىمگە پۇشايمان قىلماقتا ئىدىم ، ئۆزەم شۇنچە تاقتۇرغان مىنىمۇ شۇنچە ئەسلەپ تۇرغان قىزدىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالىدىغانلىقمدىن قورقتىم .    ئەمما ئامال يوق..
.
                                        ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت
                                             ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت
                                            لىكىن كىچىمەن ھەر ئىككىسىدىن
                                            ئاللاھىم،قۇرئانىم ئۈچۈنلا پەقەت

               دوسلار كەچۈرۈڭلا   يەنىلا  داۋامى بار.............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 05:20 PM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:10:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئازاپ تۇمانلىرى(بىز ياشلىقتا،بەڭۋاشلىقتا)

                 داۋامى.......
                                                       *3*
     
      نەچچەكۈن ئۆتتى. ئەتراپىم جىمجىت،كۈنلىرىم مەنىسىز،  پات_پاتلا تېلفۇنغا قاراپ قۇيىمەن.بىراق تېلفۇنمۇ مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقاندەك،چوڭقۇر خىياللىرىم ئىچىگە كۆمۈلۈپلا كەتكەندەك جىمجىت. ھەي....قانداق قىلغۇلۇق ؟؟ تېلفۇن قىلايمۇ؟ كەچۈرۈڭ ئەسلى دىمىسەم بوپتىكەن سىزنى بىئارام قىلىپ قويدۇم،مەن سىزنى سۆيىمەن يەنە بۇرۇنقىدەكلا پاراڭلىشىپ ئۆتەيلى دەيمۇ؟.....ياق ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ، ئۇنداق قىلاممايمەن،شۇنچە ئىشلار بوپكەتكەن تۇرسا يەنە قانداقمۇ دىيەلەيمەن؟؟ بولدىلا پىشانەمدىن كۈرەي.    ئۆز ئىشىمغا كىرىشىپ كەتتىم.
   قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمىدىم،تېلفۇن سايرىدى.مەن سېغىنغان يەنە شۇ تۇنۇش نۇمۇر...
_  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
_  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىشلىقمۇ؟؟
_  ھەر ھالدائاللاھقا شۈكرى يامان ئەمەس ئۆزىڭىزچۇ؟؟
_  ئاللاھقا شۈكرى ياخشى .نىمىش قىلۋاتىسىز؟ ئالدىراشمۇ؟؟
_  ئېتىزدا ئانچە ئالدىراشمۇ ئەمەس تېلفۇن قىپسىز خۇشال بولدۇم رەخمەت.
_  شۇنداق رەنجىگەنىدىم ئەمما كۆڭلىم تېلفۇن قىلماسلىققا ئۇنىمىدى.
_  شۇنداق قىلىپ قىززىق پاراڭلار كۈز ئاسمىنىدا يەنە ياڭرىدى.ئىككى ئايدىن بىرى نەدە نىمىشلارنى قىلغىنىمنى نىمىلەرنى ئويلىغىنىمنى ھارماي سوراۋاتىسەن مەنمۇ ھارماي سۆزلەۋاتىمەن.مانا ساڭىمۇ نۆۋەت كەپ قالدى ئەمما سورىغان سۇئاللارغا ئۇدۇللا جاۋاپ بىرىۋاتىسەن.بىراق ھېچقىسى يوق....
كىيىن بىز يەنە كۆرۈشتۇق ، كوچىلارنى بىللە ئايلاندۇق، ماگىزىنلارنى ئارىلىدۇق ،قىززىق پاراڭلار سېلىشتۇق،شۇ تەرىقىدە يەنە نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى.
   سىنى كېچە_كۈندۈز خىيال قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئىلگىركىدىنمۇ بەكەرەك ياختۇرۇپمۇ قالغاندەك قىلاتتىم.سىنى ھەر مىنۇت ھەر سىكۇنت سېغىنىدىغان بولدۇم،كېچىلىرى خىيالىي باغچامدا ئەسلەپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيدىغان بولدۇم. بەزى_بەزىدە چۈشلىرىمدىمۇ كۆرىمەن تېخى.بىراق.....
   مانا ئاستا_ ئاستا ئۆزەگرىۋاتىسەن، مەن تىلفۇن قىلمىسام تىلفۇنمۇ قىلمايسەن، تېخى بەزىدە كۈنلەپ_كۈنلەپ تېلفۇنۇڭنى ئىتىپ قۇيىسەن،يەنە بەزىدە رەت_رەت قىلغان تىلفۇنۇمنى ئالمايسەن.تېلفۇنۇمنى ئالغان ۋاقىتلىرىڭدا سورىسام گەپنى باشقا ياققا بۇرايسەن.يەنە بەزىدە گەپمۇ قىلماي جىمجىتلا تۇرىۋالىسەن،ئۆزۈمگە ئۆزۈم سۆزلەپ ئاخىرى ئاچچىق ئازاپ بىلەن تىلفۇننى ئۈزۋىتىمەن شۇنداقلا بىر ھازا ئولتۇرۇپ كىتىمەن.
   بوپتۇ بۇنىڭغىمۇ خەيىر ئەگەر مەندىن باشقا بىرەر سىگە كۆڭلىڭ چۈشكەن بولسا،ياكى مەندىن رايىڭ قايتسا،ۋەياكى ئائىلەڭدىكىلەر بىرەرسىگە ياتلىق قىلماقچى بولۋاتقان بولسا ماڭا راستىنى ئېيتقىن مەن چىن قەلبىمدىن ساڭا بەخىت تىلەيمەن.ئەگەر مەن دىگەندىن بىرەرسى بولسا ماڭا تىلفۇن قىلما ئارىلىقتا قېلىشىڭنى خالىمايمەن. ھەم مەنمۇ سىنى ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمەن. سەندىن ئۈتۈنىۋاتىمەن.خەيىر ئاللاھ قا ئامانەت........
    يەنە تېلفۇن سايرىدى. يەنىلا سەن ،يەنىلا شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتۇق ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا...   ئەمما نەچچە كۈنلۈكلا بولدى. سەن يەنە يوق......شۇ پېتىچە كەلمەسكە كەتكەندەكلا....مانا نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، سەن يەنىلا يوق، تېلفۇنۇڭمۇ ئىتىك......
                       خەيىر_ خوش ئاللاھ قا ئامانەت

                                              خۇش قال جانان ئەمدى مەن كىتەي
                                               پاك سۆيگۈمنى بىرگە ئەپ كىتەي
                                               قۇتۇلماقچى بولساڭ گەر مەندىن
                                               بەخىت بىلەن قېپقال مەن كىتەي

                                              خۇش قال جانان ئەمدى مەن كىتەي
                                                پاك قەلبىمنى بىرگە ئەپ كىتەي
                                               بەخىتلىك بۇلۇپ ئۆتكىن تائابەت
                                               بەخىتسىز بۇلۇپ پەقەت مەن كىتەي

                                              خۇش قال جانان ئەمدى مەن كىتەي
                                                 يۈرەگىمنى بىرگە ئەپ كىتەي
                                                چىن سۆيگۈڭنى تېپىۋال سەنمۇ
                                               ساختا سۆيگۈڭنى مەنلا ئەپ كىتەي
     
       نەچچە كۈن ئۆتتى قولۇم ئىشقىمۇ بارمايدۇ،گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدۇ،تورۇسقا قاراپ ئېغىر ئۇھ سىنىپ ياتىمەن، بىر يىلدىن بىرى سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىم قىززىقارلىق كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن تىز_تىز ئۆتمەكتە.
   چوڭقۇر خىياللار ئىچىگە غەرىق بولدۇم.   مەھەللەڭدە ئەگىپ يۈرۈيمەن ،سىنى ئىزدەۋاتىمەن ئەمما تاپالمايۋاتىمەن، شۇنداق توۋلىغۇم كىلىدۇ،ئەمما ئاۋازىمنى چىقىرالمايمەن.
   راھىلە......راھىلە.......راھىلە...قەلبىم سىنى ئۈنسىز چاقىرماقتا.
   قۇلاقلىرىمغا سوغۇق بىر نىمە ئېقىپ چۇشتى. شۇندىلا ئۆزۇمگە قايتتىم،يۈزۈمدە ياش يۇقى تۇراتتى،ئازاپلىق ئەسلىمىلەر ئىچىدە كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن توۋا
      ئۆزەمدىن ئۆزەم سۇئال سورايمەن ئەمما جاۋاب تاپالمايمەن.   ھەي... مۇھەببەت شۇنداق بۇلىدىكەن،شېرىن_شەربەتلىرىنى، ئاچچىق ئازاپ_ئوقۇبەتلىرىنى،ھەقىقىي يۈرەك ياشلىرىنى،مەڭگۈ يىلىنجاپ تۇرىدىغان ھىجران ئوتلىرىنى،شۇ ئەتتىر گۈلنىڭ تاتلىق پۇرىقىدەك شېرىن ۋىسال ئارزۇسىنى،تىل_قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلەش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىكەن. بۇنى پەقەت مۇھەببەتنىڭ شېرىن _شەربەتلىرىنى ئىچىپ باققان،ئازاپ ئۇقۇبەتلىرنى چىكىپ باققان،ھەقىقىي مۇھەببەت ياشلىرنى تۆكۈپ باققان،ھىجران ئوتلىرىدا كۆيۈپ باققان،ھەقىقىي مۇھەببەت ۋىسالىغا تەلپۈنگەن ئادەملەرلا ھەقىقىي ھېس قىلالايدىكەن.

         ئويلاپ باقسام شۇ سۆيگۈمنى يالغانچىلىق بىلەن باشلاپتىمەن.
          كىيىن سۈيۈملۈك شۇ قىزنى  رەھىمسىزلىك بىلەن   تاشلاپتىمەن.
            مىنى ياقتۇرغان كۆپ ئەسلىگەن كۆزىنى ھەم ياشلاپتىمەن.  
          مانا ئەمدى بەدىلىگە كۆزۈمنى ياشلاپ بېشىمنىمۇ قاشلاپتىمەن.
               
        
          ئەسلىي يازغىنىم بۇنىڭدىن جىق ئىدى ئەمما ھېرىپ قالدىم. ھەم ئۆتمۈشنى  يەنە ئەسلەشنى بەك خالاپمۇ كەتمەي قالدىم.  گىپىمنىڭ پوس كاللاسىغا كەلسەم:_
   ئەمدى ئۇ قىزنى ئەسلەپ،ساقلاپ،كۈتۈپ،كۈيۈپ يۈرمەيمەن. شۇ قىزنى سۆيگەن مېھر_ مۇھەببىتىمنى ئەمدى كەلگۈسىدىكى جۈپتى ھەلالىمغا ساقلايمەن.                                                                                                                                                                       خەيىر مۇھەببەت

                      مەنبە: ئويغان ئوغۇل (تەنھا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 05:21 PM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77320
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:24:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋىر قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulalay يوللىغان ۋاقتى  2012-4-4 05:24 PM
سەۋىر قىلىڭ

ئاللاھ  خالىسا  چۇقۇم سەۋىر قىلىمەن   رەھمەت

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئۇ قىزنى ئەسلەپ،ساقلاپ،كۈتۈپ،كۈيۈپ يۈرمەيمەن. شۇ قىزنى سۆيگەن مېھر_ مۇھەببىتىمنى ئەمدى كەلگۈسىدىكى جۈپتى ھەلالىمغا ساقلايمەن..
_________________________________________________________

مانا بۇ ئەڭ ئاقىلانە قارار بوپتۇ. ئىنسان دىگەن ئازاپقا ئەنە شۇنداق بەردەم بولالىشى كېرەك.

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:40:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايچىن يوللىغان ۋاقتى  2012-4-4 05:34 PM
ئەمدى ئۇ قىزنى ئەسلەپ،ساقلاپ،كۈتۈپ،كۈيۈپ يۈرمەيمەن. ش ...


ھەقىقەتەن راسىت دەيسىز مەن ئەسلى ئاللىقاچان ۋاز كەچكەن  بىراق نەچچە كۈندىن بىرى باشقىلارنىڭ  مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلىرىنى كۆپ ئوقۇپ مىنىڭمۇ  دەردىم بار دىگۈم، ھەم مۇشۇ يازمام ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئۆزىنى تونۇۋېلىشىنى ئەسكەرتىشنى ئويلاپ  يازدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 05:41 PM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68286
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 07:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kalamiy يوللىغان ۋاقتى  2012-4-4 03:05 PM
دەردىڭىز خېلى بارئىكەن . ئوڭشىلىپ قالاسىز .ئاللا شىپال ...

ھا  ھا  ھا   ساپمۇساق ئادەم  يەنە ئوڭشۇلۇپ كىتىشكە  توغرا كەلسە  كىسەل بوپ قالارمىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68286
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 07:46:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ئىش راستىنلا بېشىڭىزدىن ئۆتكەنما؟؟ ئەگەر  راسىت  بولسا  سىزنىڭ ئىچىڭىز بەكلا ئاچچىق بولغاندۇبەلكىم .
    بۇنداق ئېشنى ئۇنتۇماق راستىنلا بەك قيىن ...
    ئاخىردا دەيدىغىنىم بەكلا قەيسەر بولۇپ ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرشىڭ .....  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 09:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tantak007 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-4 07:46 PM
بۇ  ئىش راستىنلا بېشىڭىزدىن ئۆتكەنما؟؟ ئەگەر  راسىت  بو ...


     ھەقىقەتەن  شۇنداق بۇ مىنىڭ ئەڭ ئاچچىق كەچمىشلىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسىملىرى  
         
              ئىچىمنىڭ ئاچچىق بۇلۇشىغا كەلسەم بەك تولا ئويلىغاچقىمىكىن تاڭ ھازىر كۆكرىكىمنىڭ بىر يېرى بەزىدە  قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىيدىغان بۇلۇپ  قالدى
   ئەمما ئاللا خالىسا ئاخىرىدا دىگىنىمدەك قىلالىشىمغا ئىششىنىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 09:40 PM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 10:32:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چۈشلەردىن تىزراق ئويغۇنۇڭ

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش