ئىران ئاسىيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە ئىراننىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاسىيادا 7 - ئورۇندا تۇرىدۇ . 2010 - يىلى ئىراننىڭ GDP سى ( ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ) 327 مىليارد 600 مىليۇن دوللارغا يەتكەن بولۇپ ، كىشى بېشىغا 4600 دوللاردىن توغرا كەلگەن . ئىراننىڭ نېفىت - خېمىيە ، پولات - تۆمۈر ، ئاپتومۇبىل ياساش سانائىتى بىر قەدەر كۈچلۈك تەرەققىي قىلغان . ئېلېكترون سانائىتى ، يادرو سانائىتى ۋە كومپيۇتېر قاتتىق - يۇمشاق دىتال سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ناھايتى تېز بولىۋاتىدۇ .
ىراننىڭ 2010-يىللىق GDP قىممىتى 357 مىليارد 221 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 29-ئورۇندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قىممەت 4484 دوللار بولۇپ، دۇنيا بويىچە 91-ئورۇندا تۇردى (جۇڭگو 90-ئورۇندا). پۇل بىرلىكى-رىيال.