بارمان يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:02 AM
گۈلسايدىكى ئەڭ ئاددىي قەبرىلەر مەن يوللىغان رەسىملەر ...
توغرا دەيسىز،ئۇ گۈلساي قەبرىسىگە نىسبەتەن ئەڭ ئاددىي ياسالغان قەبرىلەر،بەزى قەبرىلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى چۆچۈتۈپ قۇيىدۇ،گەپنىڭ سېسىقىنى قىلسام،بەزى كىشىلىرىمىز قەبرىنىڭ ئۈستىگە چىم قىلىۋالغان،1-2پۇڭ يەرنى ئىگەللىۋالغان كىشىلەرمۇ باركەن،بەزى نەچچە يۈزمىڭغا ياسالغان قەبرىلەرنىڭ شۇ بەكەتمىگەن ھاۋا تەڭشىگۈچ قاپتۇ.شۇ ھەشەمەتلىك قەبرىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچنى بەكىتۋاتسا،ئاندىن،ئۇلار مۇراد-مەقسىدىگە يېتەمدىكىن دەيمەن....
سىزنىڭ گېپىڭىزگە قۇشۇلىمەن،سىز ئەۋەتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قەبرىسى گۈلساي قەبرىسىگە نىسبەتەن ئاددىي ياسالغان قەبرىلەر.
مەن ئۈرۈمچىدىكى بەزى خىزمەتچىلەرنىڭ شۇ يەردىكى ياساتقان قەبرىسىنى داڭلاپ،ئاغزىغا تاماكا چىشلەپ تۇرۇۋاتقان كىشىلىرىمىزنىمۇ كۆرگەن.ئىنسان ئازمايمەن دېمەيدۇ،تاماكىنى نۇرغۇن كىشى چەككەن،بۇنىڭ قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگەن،لېكىن،بەزى بەندىلەر ئازسا بەك ئېزىپ كېتىدىكىن،مۇشۇنداق مازاردا تاماكا چېكىشنى تازا دۇرۇس كۆرمىدىم،گۈلساينىڭ يولىدا چەكسە نېمە دەي،قەبرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ چەكتى،بۇ ئىش كېيىن ئادەتتىكىچە تۇيۇلدى.
كېيىنكى قېتىم بېرىپ كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىپ يەتتىم،كۈندە قاتار چايدىن قالمايدىغان،ئۇيۇن-تاماشادىن ئايرىلمايدىغان بەزى كادىرلارنىڭ بۇنداق ئىشىدىن بەك ئەجەپلىنىپ كېتىشنىڭ،بەك ئويلاپ كېتىشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيتى يوقكەن....