مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: a.sayrami

ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ مۇئاشى خەلقىئارادا قانچىنچى ئورۇندا تۇردۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41078
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 06:22:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي...! بىز ئوقۇتقۇچىلار ھازىر ئەڭ بىچارە كىشىلەردىن بۇلۇپ قالغىلى تۇردۇق.بەزىلەر «كادىرنىڭ دىخىنى»(كادىرلار ئىچىدىكى دىخان)دىيىشىپ مەسخىرە قىلىشسا، باققاللار جېنىدا «ئوقۇتقۇچى بادىمى»...دىگەندەك ھاقارەتلەر بىلەن مازاق قىلىشىدۇ.ھۆكۈمەت كوچىلاردىكى لۈكچەك، ئاقچى، موللاقچى...لاردىن تارتىپ مۇئاش بېرىپ، ئۆي بېرىپ كەتتىيۇ(تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى بىلەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆيى)، تېخىچە كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىنادىن ئۆيى يوق.بىزنىڭ بۇ ناھىيىدە خىزمەتچىلەرگە سالغان جىزىفاڭ دىگەن ئۆيلەرنى ئەمەلدار، ۋە باشقا كەسىپلەردىكى ئۇزۇن قۇلاق، مۇناسىۋىتى راۋانلار يەڭ ئىچىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىپ ئېلىۋىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا تەگمىدى! كېيىن نىمە دەيدۇ دېسە، ئەمدى ئاپتونۇم رايون جىزىغاڭ سېلىشنى چەكلىدى دەپلا ئىششىپ تۇرۇشتى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 09:03:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، جۇڭگۇدا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ھەقىقەتەن بەك تۆۋەنكەن . مۇشۇنداق بۇلىۋەرسە بىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز چەتئەلگە قاچمىسۇن يەنە.

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49395
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 494
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1834 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 11:54:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن ،ئەڭ جاپالىق،كىرىمى ئەڭ تۆۋەن كىشىلەرنى سەكرەپ ئۆكتە قوپۇپ  كەتمىسۇن دەپ ئۇ بۇ بايرام ،ئۇلۇغەي  ،پەرىشتىيەي دىگەندەك گەپلەرنى ياغدۇرىۋىتىغان گەپ ،ئۆكتە قوپسىمۇ گۇناھنى ئۆزىگىلا ئارتىپ قويىدۇ ‹ۋاي بىز سىنى ئۇنداق ئەزىزلىسەك،بۇنداق ئۇلىغلىساق ›دەپ .
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ،سېستىرالار بايرىمى ،ئاياللار بايرىمى ،ۋاھاكازالار ...
باشلىقلار بايرىمى ،دوختۇرلار بايرىمى پۇلدارلار بايرىمى دەپ نەدە باردەيمەن ،مۇشۇنداق بايراملاردا قورساق ئازىراق كۆپىدۇ جۇمۇ . پەقەت خوش بولمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74967
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 09:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35326
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 02:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلار  ئىگىسى يوق مازارغا ئوخشايدۇ. مۇدىر غوجىلىرىمىز جۇۋا گۆلدىرلىتىپ ئىشلىتىشنى بىلىدۇ. كۆڭۈل بۆلىشنى بىلمەيدۇ. ئاغرىپ دوختۇرىىنىدا يىتىپ قالسا ىىزمەت قالدۇردۇڭ دەپ پۇل تۇتۇشنى بىلىدۇ. بىر قىتىم يوقلاپ كىرىپ قويۇشنى بىلمەيدۇ. مەمۇرى ئورگانلاردا ئىشلىگەنلەر نى سىتاژى 30 يىلغا يەتسە باشلىقلىرى  پىيىنسىگە چىقىڭ ، ئارام ئىلىڭ  دەپ تۇرىدىكەن ، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلارنى داۋالىنىڭ ، ئۆيدە ئارام ئىلىڭ  دەيدىكەن بىزگە شۇنداق دەيدىغان باشلىق نەدە ، بىزلەر ئاغرىپ قالساقمۇ پۇل ، روخسەت سورىساقمۇ پۇل . 60 ياشقا كىرمىگىچە يا پىيىنسىگە چىقالمىغان .  
ئانىسىنىڭ كۆكسىنى قاتتىق چىشلىگەن ئادەم ئوقۇتقۇچى بولىدىغان ئوخشايدۇ.  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش