oyhanogul يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:27 PM
ھەي مۇشۇ كۈنلەردە كومپىيوتىر مىنىڭ دىلكىشىم،سىردىش ...
_بۇ كىمدۇ؟
-كىمنى دەيسەن؟
-ئاۋۇ تامنىڭ بۇلىڭىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ خەت بىسىۋاتقان.
-ھە.سوغۇقنى سوغۇق دىمەي، ئاپتاپنى ئاپتاپ دىمەي يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ خەت ئۇرىدىغان ئاۋۇ ئويغان ئوغۇلنى دەمسەن؟
-ئوھوي.........ئۇنىڭ ئىسمى ئويغان ئۇغۇلمۇ؟ مەن تىخى قوپماي ئولتۇر ئوغۇلمىكىن دەپتىكەنمەن.
-مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ قەلىب يارىسى دىگەن كېسەلگە داۋا بوپتۇ،بۇنىڭغا دەۋا ئىزلەپ يۈرەرمىش.
-قەلىب يارىسى دەپمۇ كېسەل باركەندە؟
-شۇنداق ،بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ھىچنىمىدىن كىچەلمەيدىغان ،كىمنى كۆرسە رەنجىيدىغان ھەتتا باغلاپ قويغان ئىتقىمۇ قاپاق تۈرىدىغان بۇلۇپ قالارمىش.
-ۋاي ئاللاھ ئەمسە ،بۇ بالا تىخى ياشكەن بۇنداق كېسەل ئۇنى خورىتىۋىتىدۇ. بالاغەتكە يەتكەنلەرنى ئاتا-ئانىلىرى بىشىنى ئوڭشاپ قويۇش كېرەك، ئاللاھ يۇلىدا ساۋاب بۇلۇپ قالىدۇ.
-مەن بىرىپ نەسىھەت قىلىپ باقاي ھە.
سىز ئويغان ئۇغۇل بۇلامسىز؟ قارىسام ئويغىنالماي بەك دەرتتە قالغاندەك تۇرىسىز. بۇنداق يۈرسىڭىز ئۇڭايلا زەئىپلىشىپ كىتىسىز. كېسەل ئادەمگە دوختۇر بەك ئامراق كىلىدۇ،دوختۇر بىلەن دوست بولسىڭىز پۇلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.شۇڭا تېز ئويغۇنۇپ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كىتىڭ! بىلىم كامچىل بولسا كومپىيوتۇردا ھەقسىز بىلىم ئىگەللەش تور بەتلىرى بار، شۇنىڭدىن بىلىم ئىگەللەڭ .ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم بەرگەن ئىككى بىلەك ساق بولسىلا ئوغۇل بالىغا خىزمەت كام ئەمەس. پاك ۋىجدانىڭىز بولسا ئەركەككە خۇتۇن كام ئەمەس. شۇڭا بۇ دىل يارىڭىزنى ۋاقتىدا ساقايتىڭ! سىزگە ئېسسىق شورپىمۇ ۋەياكى مۇزدەك دوغمۇ پايدا قىلمايدۇ، پەقەت سىزگە ساغلام ئەقىل پايدا قىلىدۇ. بۇ سۆزۈم تۈگىگەندىن كىيىن دوستۇم تېز ئويغۇنۇڭ بولمىسا مىسىرانىمدىكى ئەڭ قەدىمى ئاسارە ئەتىقىگە ئايلىنىڭ كىتىسىز.
بۇ مەندەك كۆڭلۈڭىزنىڭ سىزگە سۇنغان مەسىلىھەتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kugul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-5 01:51 PM