anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:18 PM
ئۇقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىش ئۇختۇرۇشى پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئىكە ...
يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرمىكى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر مائارىپ ئىلگىركى خەنچە ئۇقمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى خەنچە ئۈگىنىشكە مەجبۇرلاپ لاياقەتلىك بولالمىسا قوغلاپ بۇلالماي ئاۋارە بۇلۇپ كەتتى. نۇرغۇن ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتىلدىغان ، بىرمۇ خەن ئوقۇغۇچى يوق مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى خەن يولداش. يۇقىرىقى تىمىدىكى بارلىق قۇبۇل قىلىنىدىغان سان 500 ئىكەن. بۇلار ئىچىدە‹‹ ئۇيغۇر تىلى ›› دىگەن تۈرگە ئالىدىغىنى بولسا 6 نەپەر ...
يەسلىدىن باشلاپ قوشتىلدا ئۈگىنىپ ئالى مەكتەپكە بارغۇچىمۇ ئۈگىنىپ بۇلالمايدىغان 32 ھەرپ مائارىپ ساھەسىدە بىر بۇلۇڭدا قېلىۋاتىدۇ. ھەر ھالدا ما تورچىلىقىمىز كىرزىس ئالدىدا قۇرۇلۇپ، ئازراق بولسىمۇ تەرەققى قىلىۋاپتىكەن. ھازىر بارلىق ئۈمىدىمىز 80- ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى يىللىرىدىكىلەردە قالدى. قوش تىل مائارىپىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىكى قوش تىل ئۆلچىمىدە ئېلىپ بېرىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ئۆيۈم يېنىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى ئوقۇيدىغان يەسلى ھويلىسىدا ياڭراق چىقىۋاتقان خەنچە بالىلار ناخشىسىدىن ئىچىم ئاچچىق بۇلىدۇ.
ـــــــــــــــــــــــــ
قاچان تىزىملىتىپ قويغان بۇ ئىسىمنى ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 12:13 AM