kurax114 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 11:33 AM
قېرىندىشىم بۇ تىمىڭىزندىن سۇيۇندۇم لىكىن سىز نىڭ بۇ ...
مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە، تېما ئىگىسى بۇ تېمىنى ياخشى يىزىپسىز! بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى يېزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
لېكىن، كۈرەش توردىشىمىزدەك ئادەملەرنىڭ دەستىدىن، ھەقىقەت ،ھەقىقەت بولمايۋاتىدۇ،تېما ئىگىسى سىز شۇنچە قۇرئاندىن ئىنىق مىساللارنى ئېلىپ سۆزلىسىڭىزمۇ، قۇبۇل قىلماپتۇ.قالغىنىنى ئاللاھ بىلىدۇ. مېنىڭچە ھازىرقى مەسىلە 2-خوتۇن ئېلىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ بىزگە بۇيرىغان جەننىتىگە كىرەلەمدۇق ؟ قانداق؟ دىگەن مەسىلە . چۈنكى، بۇ دۇنيا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. ئۇ دۇنيا مانا بىز جەننەتكە كىرەلىسەك مانا شۇ ھەقىقى دۇنيادۇر. ئۇ 2-خوتۇن يا ئۇلارنى جەننەتكە ئىگە قىلامدىغاندۇ يا؟ ئەرلەر ھە دىسە 2-خوتۇن يەنە سىرتلاردا ئانچە -مۇنچەلىەرنى تۇتقاچقا، ھازىر ئاياللارمۇ بۇزۇلۇشقا گۇنا يولغا قاراپ مىڭىۋاتىدۇ. بۇنۇڭدا شۇ ئەرلەرنىڭمۇ مەسۇليىتى بار.بۇمۇ بىر ھەقىقەتتۇ؟گەرچە مېنىڭ بەخىتلىك بىر ئائىلەم بولسىمۇ جەمىيەتكە، ئەتراپىمغا قاراپ شۇنداق ئويلۇدۇم .بىز زادى قاچان ئىسلام دىنىنى توغرا قۇبۇل قىلارمىز؟؟؟
مۇشۇ قىشتا يولدۇشۇمنىڭ ئاغىنىللىرى 2- خوتۇن ئالىمىز دەپ نەلەرگە بېرىپ كەلدى، 2 ئاي يوقاپ كەتتى، ئالدىنىڭ 3بالىسى، كەينىنىڭ 2 بالىسى بار، توۋا دەپ قالدىم . ئۇلار تېخى نامازنىمۇ تۈزۈك ئوقۇمايدىغانلار، ئى ئاللاھ ئىنسانلىرىڭغا ئىمان ئىنساپ ئاتا قىلغىن. مەن بىر ماتىريالدا ئوقۇشۇمچە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىمۇ 1- ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن بەزى بىر سەۋەپلەر تۈپەيلى قالغان خوتۇنلارنى ئالغان . يەنى ئۇرۇش دەۋرىدە يەنى 1- ئايالى بىلەن 25 يىل ئوي تۇتقان دەپ ئوقۇغان. ساقلاپ قويسام بوپتىكەن .ئاغىنىللىرىگىمۇ دىدىم ئۇلار گەپ قىلالماي ھە شۇنداقمىكەن؟ دەپ ئولتۇرۇپلا قالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-7 11:14 AM