tumurkala يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:36 AM
دىندا ئۆرىپ ئادەت دەيدىغان نەرسە بارمىكەن؟مۇسۇلمانغ ...
مەن بۇ يەردە بىر كشى بىلەن ئازارلىشىپ قېلىشنى خالىمايمەن، بەلكى توغرا ئۇسۇلدا دوسلار بىلەن پىكىرلىشىشنى خالايمەن. ھەممىمىزگە ناھايتى ئېنىق، رەسۇلۇللاھ(س،ئە،ۋ) كىلىشتىىن ئىلگىرى ناھايتى نۇرغۇن دىنلار بولغان، ھەمدە نۇرغۇن ئۆرۈپ ئادەتلەرمۇ بولغان،لىكىن رەسۇلۇللاھ(س،ئە،ۋ) كەلگەندىن كىيىن ھەقىقى ئىسلام روھىغا زىت بولغان ئەقىدە ۋە ئۆرۈپ ئادەتلەر بىۋاستە ھەق تەرىپىدىن ئايەت نازىل قىلىنىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئىسلام دىنى ئەرەپ ئارىلىدىن ھالقىپ پۇتكۈل ئالەمگە ۋە ھەرخىل قەۋم- مىللەتلەرگە ئۇمۇملاشقان. بىز ئىسلام تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق تېخى تـارىختىن بېرى دىنىمىز ئىسلام بىرەر قەۋىمنىڭ دىنغا زىت بولمىغان ھەر-قانداق شەكىلدىكى بىرەر ئۆرۈپ -ئادىتىنى چەتكە قاققان ئەمەس(بولسا، دەلىل كۆرسىتىلسۇن). بەلكى شۇ ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ئىتبارغا ئېلىپ ئىسلامدا قانۇن چىقىرىشتا بىر ئاساسى ئۆلچەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى دىنىمىز توغرۇسىدا ئازراقلا ئىزدەنگەن ھەممە ئادەمگە ناھايتى ئېنىق. توغرا، ھىچكىم قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ ئۇچۇق بولغان ھۆكۈملىرىنى تاشلاپ، باشقا باتىل - بىدئەتلەرگە ئەگەشمەيدۇ(ھەقىقى ئىمانى كامىل مۇسۇلمان بولسا). جانابى اللە مۆمىنلەرگە بەك رەھىمدىل زات بولغاچ، قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ھۆكۈم ئايەتلىرىدە كەسكىن، ئۇچۇق ھۆكۈم قلماي ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھات قىلىشىغا، ئۈممەتكە ئاسانچىلىق ، ئاسايىشلىق قىلىشىغا قالدۇرغان. تارىختا ھىچقانداق بىر دىن دۈشمىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ خىل شەكىلدىكى ئىختىلاپىدىن بۈگۈنكى دەۋىردىكىدەك پايدىلانغان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە دىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ ئىمكان قەدەر ئىتتىپاقلىشىپ .ئىختىلاپتىن يىراق تۇرۇپ ،كەڭ قۇساق بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.