توۋا!مىنىڭ ئاباي يازغان ئىنكاسىم قېنى؟مەن ئۈچۈرۈلگىدەك بىر نەرسە يازمىغان ئىدىمغۇ؟پەقەت خەنلەرنىڭ تور بىكىتىدە بىزنى ئىنتايىن ھاقارەتلەپتۇ دىدىم،دىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ بىزنى ئوچۇقتىن ئوچۇق تىللاۋاتقىنى ئەمەلىيەتقۇ؟مەن يا ئويدۇرۇپ چىقارمىسام؟
سىز باشقا گەپ سۆز قىلماي ئادىرسىنىلا يەتكۇزۇپ قويۇڭ بولمىسا ؟ چوقۇم كۆرمەن.
ھە راس مىسرانىم باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىككى ئىغىز گىپىم بار. باشقۇرغۇچىلار ئارسىدا شەپكەڭنى ئەكەل دىسە بىشىنى بىللە ئەكىلدىغانلار بەك كۆپمۇ قانداق؟؟؟؟؟؟
ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمەڭلا بىز ياشامدۇق ياشىمامدۇق؟؟؟؟؟؟ قانداق دىگەن گەپ بۇ نىمانچىلا قورقۇسىلەر قانۇنغا خىلاپ ئۆسەك سۆز مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزدىغان ۋە دۆلەتكە زىيان ئىلىپ كىلدىغان گەپ سۆزلەر بولسا ئۇنى تەستىقلىماسلىق كىرەك ئەلۋەتتە.
لىكىن ئەمەلىي پاكىت ئىسپات تولۇق ئەۋەتىلگەن بولسا ئۇيغۇر مىللىتىگە پايدىلىق ھەر قانداق خەۋەرلەرنى تەستىقلىشىڭلار كىرەك دە . 84 قەۋەتتىكى دوستىمىز ئەۋەتكەن تىمىنى نىمىشقا تەستىقلىمىدىڭلار؟ ئۇلار بىزنى ئىت ئورنىدا كۆرۇپ قالايمىقان تىللىغان بولسا بىز خەۋەردار بولساقمۇ بولمامدۇ ؟ باشقۇرغۇچىلار 84 قەۋەتتىكى دوستىمىز ئەۋەتكەن تىمىنىڭ راس ياكى يالغانلىقىنى بۇلمەكچى بولساڭلا بەيدۇ تورىغا كىرىپ زىيارەت قىلىپ بىقىڭلار . بىز ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا قانچىللىك ھاقارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا 1000% ئىسپاتقا دەلىل پاكىتقا ئىرشەلەيسىلەر. ئازراقلا شامال چىقىپ قويسا چاقماق چىقىپ يامغۇر ياغىدۇ دەپ قورقۇپ كەتسەڭلا قانداق بولىدۇ. سىلەر ئەسلىدە مۇنازىرە تىمىسىنى يوللىغۇچىلارغا ئۇلگە بولشىڭلار كىرەك. سىلەردىن تەلەپ قىلدىغىنىم دادىل ھەقىقەتچى راسچىنلىق باتۇرلۇق بولسىكەن دەيمەن. بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق. بىزگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئارىمىزدىن چىقىۋاتقان مۇناپىقلار شۇ . قىلنى پىلدەك تۇگمىنى تۆگىدەك كۆرسىتىدىغان. شەپكەڭنى ئەكەل دىسە بىشىنى بىللە ئەكىلدىغان غالچىلارنىڭ كاساپىتىدىن چوڭقۇرراق ئۇھ تارتىپ ئەركىنرەك نەپەسمۇ ئالغىنى قويمايدۇ خەلىقنى.
قايىدە بويىنچە قانۇندا قىمماسلىقنى دىگەن بولسا قىلماسلىق قىلىشنى دىگەن بولسا قىلىش كىرەك . گىپىم خاتا ئەمەستۇ؟
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى مىسرانىمدا ئەركىن ئازادە مۇنازىرە قىلشساق دىمەكچى. ھە دىسىلا ئۇ تىماڭ ئانداخكەن بۇ تىماڭ مانداخكەن دەپ تەستىقلماي تۇرۋالماڭلا.
گپىمنى يەنە چۇشۇنەلمىگەن بولساڭلا باغداش تورىغا ياكى بەيدۇ تورىغا كىرىپ ئىنكاسچىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ باقلاڭلار ئاندىن چۇشۇنەلىشىڭلار مومكىن.
ئەگەر يەنە چۇشەنمىدۇق دىگۇچىلەر بولسا دەل شۇ ئادەم مەن ئىيتقان مىسرانىم توردىكى ئەڭ چوڭ غالچا ئىت مۇناپىق بولىشى تۇرغانلا گەپ.
ئاخىرىدا دىمەكچىمەنكى مۇشۇ ئىنكاسىمنى چوقۇم تەستىقلاپ قويشۇڭلارنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ گەپ سۆز لەردە ئاز تولا مۇنبەرداشلا ئۇچۇن كەڭچىللىك قىلىپ قويشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمۇد قىلىمەن .
مىسرانىم تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرشايلى!!!