مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: QUTIZ

ماقال-تەمسىللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 07:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-6 03:40 PM
بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن دائىم قوللىنىپ كېلىۋاتقانلاردى ...

كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، يەنە باشقا پۇرسەت بولۇپمۇ قالار !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 07:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى،ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى .
(شۇنداق ياخشى كۆرىمەن مۇشۇ ماقال-تەمسىلنى.)

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1022
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 357778
تۆھپە نۇمۇرى: 536
توردا: 2569 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 07:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساراڭغا سوت يوق ، ئېشەك ھارۋىسىدا خوت .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55015
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 07:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قوشۇپ قوياي :   
كوزا كۈندە سۇنمايدۇ،كۈنىدە سۇنىدۇ.

سىرتتىكى ئوغرىغا ھويلىدىكى ئوغرى شوتا.

ئوتنى يۇلساڭ يىلتىزىدىن يۇل،
سۇنى مەنبەسىدىن توسا.

سېخىي ئادەمنىڭ كوڭلى دەريا.

زالىم زاۋال تاپمىغۇچە ئەل ئەمىن تاپماس.

بۇلۇت شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەس،شەبنەم قۇياشقا.

قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ  يۈزنى يۇيۇپتۇ.

ئوغرى قاراڭغۇغا ئامراق.

بېلىققا سۇ كېرەك ،قوغۇنغا پېلەك.

ئرادىلىك ئادەمگە تاغمۇ ئېگىز تۇيۇلماس.

كۆرگىنىڭدىن كۆپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 07:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1224
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 07:29:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغوزنى بالىسى ئېتىپتۇ توڭگوزنى

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 08:05:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوعلانجان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16387
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4641
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 3711 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 08:23:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن  مۇ   يوللاپ   قوياي  ؟   ئې   بىرسىگە   10مىڭ  كويغا  بەمەپتىم    !   بىكاغا  بىرۋىتىغان  بولدۇم   دە  !!!!!!!



بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال).
* بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.
* قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.
* قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.
* دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
* چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.
* بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.
* ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
* چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
* ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.
* ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
* موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.
* ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.
* ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
* تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.
* باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.
* كۆز قورققاق ،قول باتۇر.
* ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.
* ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.
* ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
* باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
* دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
* دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
* پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.
* كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن.
* ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
* ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.
* پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.
* بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.
* يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمكدىن.
* سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
* زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى.
* ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.
* بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.
* بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.
* ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.
* پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.
* گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.
* كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.
* مىڭ پىراقتىن بىر ئەلمىڭ يامان.
* پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.
* بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
* پىلانسىز ئىش يوق ئىش.
* پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
* ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.
* ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
* خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.
* ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.
* توخۇنى تاخ دېمە،مۈشۈكنى پەش دېمە.
* نادان قازانغا قارايدۇ،تادان ئوچاققا .
* قىش ئوچىقى تار،قوپ ئۆيۈڭگە بار.
* تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
* ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
* كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.
* ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
* بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.
* ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.
* بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.
* تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.
* ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .
* دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاغ .
* تاقىسىز ئېشەك تاش يۈرەلمەس .
* ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .
* بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ .
* ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .
* تاما - تاما كۆل تۇلار .
* پۇل - پىششىق تاماق .
* تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .
* تامغىلىق مال يۇقالماس .
* ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .
* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .
* ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .
* ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .
* ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .
* ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .
* ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .
* ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .
* تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .
* ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .
* ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .
* تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق .
* كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .
* تامچە سۇ تاشنى تېشەر .
* بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .
* تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .
* تاز باشقا يېشىل تەقىيە .
* سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .
* گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .
* باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .
* ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .
* تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .
* تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .
* مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.
* تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان .
* قورققان مۇش تەڭلەر .
* كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە .
* تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .
* غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
* چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.
* قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.
* تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
* توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
* ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.
* توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.
* پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
* ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.
* قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.
* توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
* ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
* ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.
* تونلۇققا كۆپ سوغوق ، تونسىزغا ئاز سوغوق.
* توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.
* بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تومۇماس.
* ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك،ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك.
* سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.
* تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.
* ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن،توينى ئوينا تويچى بىلەن.
* يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.
* تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.
* كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
* كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
* گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.
* تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
* گالدا نان تۇرسا،سۇغا يۈگۈر،گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر.
* ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن،  ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
* تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.
* سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.
*  تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
* چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.
* تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس.
* توخۇ سەمرىسە،تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس.
* سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
* چالا توڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ توللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بوياقلىقى يامان.
* جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
* ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ،ھايۋان تۇياقتىن.
* تۆشۈك قۇلاق نىمىنى ئاڭلىماس.
* يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن.
* تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.
* قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا.
* ئون تال يىڭنىنى سوقسا،بىر تال تۆمۈنە بولماس.
* تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ.
* تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
* مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.
* تۈتۈننىڭ ئاچچىقنى مورا بىلەر.
* ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
* تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.
* ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
* دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزى يوق.
* بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.
* دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
* ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.
* ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
* قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.
* بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.
* يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.
* پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.
* مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.
* ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.
* ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
* ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.
* غەرەزدىن غەرەز  تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.
* مەردنى مەيداندا سىنا.
* مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.
* كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.
* <<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
* مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
* چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.
*ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.
* يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.
* تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.
* سەن ئۆل مەن تىرىلەي.
* مەنمەنلىك-شەيتانلىق.
* ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
* قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.
* ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.
* ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.
* ئۇستا باردا قولۇڭنى تارىت،موللا باردا تىلىڭنى تارت.
* قازى بىلەن قالامسەن،مۇپتى بىلەن كېتەمسەن.
* يازدا توڭلىغان قىشتا مۇزلايدۇ.
* مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.
* مۇساپىر بولمىغۇچە،مۇسۇلمان بولماس.
* مۇسۇلمانچىلىق ئاستا  ئاستا بۇلىدۇ.
* مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.
* ئاش بەرگەنگە ، مۇشىت بېرىپتۇ.
* ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرىت ھەر مۇقامدا يورغىلار.
* بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش دېمە.
* مۇھەببەتنى سېتۋالغىلى بولماس.
* ياشلىقىڭدا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك.
* بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر.
* ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۆڭگۈز ئېشىپ كېتەر.
* ئىت دېسەڭ قۇيرۇقى يوق، ئۆچكە دېسەڭ مۆڭگۈزى يوق.
* ياۋاشنىڭ مۆڭگۈزى ئىچىدە.
* ياخشى مۈلۈك ھېكىمنىڭ، بۇزۇلغاندا ھېچكىمنىڭ.
* چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن مېكياننىڭ ئەمچىكى يوق.
* مېۋىسىز دەرەخنى قاقما.
* بىلىمسىز ئادەم- مېۋىسىز دەرەخ.
* ئاتا كەسپى بالىغا مىراس.
* مىھنەتتىن قاچما،مىننەتتىن قاچ.
* ئىشلەپ يىگەن لەززەتلىك، تىلەپ يىگەن مىننەتلىك.
* قىز بالنىڭ يىغلىغىنى- نازلىغىنى.
* تاپقىنى ناماقۇللۇقتىن ئاشماپتۇ.
* قىز چوڭ بولسا گەپ تۇلا، ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تۇلا.
* ۋالاقتەگكۇر گەپ بەرمەس،سۇنۇق كەپكۈر نەپ بەرمەس.
* دوسىتقا مۇھەببەت،دۈشمەنگە نەپرەت.
* ئاش نەرخى ئاسمان.
* بىر ئاتا ئون بالنى بېقىپتۇ،ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماپتۇ.
* ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر.
* نەزرى ئۈستۈن نەرخى پەس.
* نەقتىن ھەسەل چىقتى،نېسىدىن كېسەل .
* يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
* ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ.
* ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق ،تىلنىڭ سۆڭكى.
* نوختىلانغان ئات يېتلەككە ماڭار.
* ئەرگە بىر نۆۋەت ،يەرگە بىر نۆۋەت.
* ئانسى ناننى نىپىز ياقىدۇ،بالسى تويماي قوشلاپ يەيدۇ.
* نېسى يىمەڭ گۆشنى ، يېرىپ چىقىدۇ تۆشنى.
* ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نىمە قىلار.
* قاسساپ تۆت سەركەم بار دەپ ئۆلەر، جۇۋىدار نىمئششەك كىم دەپ ئۆلەر.
* يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك، ھاجىلىققا ھەرەم.
* غالجىر خۇدانى بىلمەس، ئىت ھارامنى.
* يول يۈرگەندە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا ئايالىڭ ئۆلمىسۇن.
* قارىغۇ ھاسسىنى بىر قېتىم يۇقىتار.
* ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
* ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەپتۇ.
* قاراڭغۇ دەپ ھاڭۋاقما، يورۇقلىقنى ئىزلەپ تاپ.
* بار بارى بىلەن، يوقى ھالى بىلەن.
* دۈشمىنىڭگە ھال ئېيىتما، كۈلگىسى كېلىدۇ، دوستۇڭدىن سىر ئايىما،بىلگۈسى كېلىدۇ.
* ھالىڭغا بېقىپ ھال تارىت ،خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارىت.
* ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام،كۈچى ھالال.
* تەر  -  قىلغان -ئەتكەننى  ھالاللايدۇ.
* جاپاچەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق.
* بورىچى ھالۋىچى بولسا كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ.
* ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە،ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ.
* ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما،ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
* كىشىدىن ھايا كەتسەئورنىغا بالا كېلەر.
* ھايا يوق يەردە ئىمان يوق.
* ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا.
* ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن،جايلايدۇ ھەرباب بىلەن.
* ھەركىم باتۇرغا باتۇر.
* بولسا ھەرنىمە ئوخشايدۇ.
* قورقۇنچاق ھەسەتخور بۇلار،نامەرد قەسەمخۇر بۇلار.
* تىلى ھەسەل،دىلى زەھەر.
* داۋاسىز دەرد بولماس،ھەسرەتسىز قېرى.
* مەن بارالماي ھەلەك،ئۇ بارمايمەن دەپ ھەلەك.
* يەر ھەيدىسەك كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمسەڭ يۈز ھەيدە.
* ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار.
* يولۋاسقا يۇلۇقما،يۇلۇقساڭمۇ ھولۇقما.
* ھورۇن ئېشەك يۈكنى ئېغىر كۆتۈرەر.
* سەھەردە ھۇۋلىغان ئىتتىن قورق.
* بۇلبۇل گۈل بار يەردە، ھۆرمەت دوسىت بار يەردە.
* كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قۇلىدا.
* ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
* ھۈنرى بار قول ئۆلمەس.
* گۆھەرلىك بۇلۇشتىن،ھۈنەرلىك بۇلۇش ئارتۇق.
* كۆپنى بىمىگەن ئازنى ھېچ بىلمەس.
* ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئېچىلىپ قالسا ھۇيىت-ھۇيىت.
* كاۋا ھېچقاچان قوغۇن بۇلالماس.
* يالغانچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەس.
* ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ.
* پۇل تاپقۇچە ھېساب تاپ.
* ياندا ھېسىپ بولسا يېگىلى ياراپتۇ.
* گەپ قىلسا ۋالاقتەگكۇر دەيدۇ،گەپ قىلمىسا مۆرىمەس دەيدۇ.
* نېسى ئېلىشتا ھاي-ھاي، پۇل بېرىشتە ۋاي-ۋاي.
* ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن.
* ھۆسنىخاننىڭ ئون كۆڭلىكى بار، بىر كۆڭلەكچىلىك ۋەسلى يوق.
* بۈدۈنەمنىڭ ماكانى يوق،نەگە بارسا ۋىتۋالاق.
* قوغۇنغا ئوغرى كەلسە، يا پىششىقنى قويماس،يا خەمكىنى قويماس.
* ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقلى كۆيۈپتۇ.
* ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي،يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ.
* يات يۇرىتتا تورغاي سايرىماس.
* قىزىمنىڭ ئۆزلۈكى بار ،كۈيئوغلۇمنىڭ ياتلىقى بار.
* ئالدىرغاننىڭ ئېشىكى يېتۋاپتۇ.
* ياتار قۇرساق كېتەر قۇرساق.
* رەھىمىسى يوق ئادەمدىن، رەھىمىسى بار ئىت ياخشى.
* ياشلىقىڭدىن ياخشى بول.
* ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن،يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن.
* يامان كۈنلەر ياخشى بۇلۇر، يامان ئادەم ياخشى بولماس.
* ياخشىلىق يېنىپ تۇرغان چىراغ.
* يامىننى ئېيىتماي ياخشىلىق يوق.
* ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا.
* يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار يوق.
* يار ئوتىنىڭ يارسى يوق، ياردىن باشقا دورىسى يوق.
* بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللا كۇدىن يار كەتتى.
* يامان كالا ياردا مۇزلاپتۇ.
* جاھاندا بار بولساڭ يار بول.
* ئۆلمەسنى خۇدا ياراتماس.
* يارتىش خۇدادىن - يارلىش ئۆزۈڭدىن.
* مەن پۇتۇمنى ياراتمايمەن، پۇتۇم مېنى ياراتمايدۇ.
* ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس،يارىغىم يالغانچى.
* ئىككى يارتا-بىر پۈتۈن.
* ياماق ياماپ،يارماق تاپ.
* بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار،بىلىمسىز نادان قىممىتى يوق يارماق.
* ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ.
* ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنۇڭنى يارار.
* ئېشىنى يەپ بېشىنى يېرىپتۇ.
* ئۆستەڭ يارشىقى تال،قىزنىڭ يارشىقى خال.
* خانغا يارىغان ئېشىم تازغا يارىماپتۇ.
* ئېشى يارىسا قاچىغا قارىما، قىزى يارىسا،ئانسىغا قارىما.
* كېپىنەك پەرۋانە بولماس، ياسانچۇق مەردانە بولماس.
* ياساش قىيىن بۇزۇش ئاسان.
* ياش ۋاقىتتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك.
* ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
* ئادەمنى ئۈمىد ياشتىدۇ،غەم قاقشىتىدۇ.
* ياشلىقىڭدا ئىشلە، قېرىغاندا چىشلە.
* كۆپ ياشىغان نىمە بىلەر، كۆپ كۆرگەن شۇ بىلەر.
* ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس.
* ياغسىز تائام ئېغىزغا تېتىمايدۇ.
* قولۇڭ ياغلانسا دوستۇڭغا سۇۋا.
* ياغ ئالسىمۇ ياغلىق قاپاق، ياغ ئالمىسىمۇ ياغلىق قاپاق.
* يامغۇر ياغدى-ياغ ياغدى، قار ياغدى نان ياغدى.
* پوقاققا ياقا ياراشماس.
* ئاتسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق.
* ئىت ئېتەكتىن ئالار خوتۇن ياقىدىن.
* مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن.
* ئەلگە ياققان خار بولماس.
* بەرگەن ئالغانغا يېقىپتۇ، بەرمىگەن دەريادا ئېقىپتۇ.
* قولۇمدىن كەلگىنى كۆڭلۈمگە ياقماس، كۆڭلۈمگە ياققىنى قولۇمدىن كەلمەس.
* كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق،كېچىسى گەپ قىلساڭ قولاقنى قولاققا ياق.
* ناننى تونۇرغا ياق،ئاتنى ئوقۇردا باق.
* تام ياقلىساڭ تام باسار.
* قازانغا يۇلۇقساڭ قارسى يۇقار،يامانغا يۇلۇقساڭ يالىسى.
* يالاقچى يالاق بىلەن ماڭىدۇ، تىجمەل تاياق بىلەن ماڭىدۇ.
* ئون خۇجايىندىن بىر يالاقچى يامان.
* ياڭ ئاياغ سۇدىن قورىقماس.
* يالغانچى يالجىماس،ئوغرى بېيىماس.
* ئالدىرغان قىز ئەردە يالجىماپتۇ.
* يالجىمىساڭ يەر يۆتكە.
* كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ ، قۇلاق ئاڭلىغان يالغان.
* يالغان راسىت بولماس،راسىت يالغان بولماس.
* يالغانچىنىڭ راسىت سۆزىمۇ يالغان.
* يالغۇز خىش تام بولماس.
* يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ، يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ.
* يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس،دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس.
* يالغۇزلۇقتا يەر ياخشى.
* ياغ يەپ يالىڭاچ يات.
* ھەممە كىشى ئانىدىن يالىڭاچ توغۇلغان.
* كاللىلار سۇ ئىچسە،موزايلار مۇز يالايدۇ.
* قېتتىق ئىچكەن قۇتۇلدى،تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى.
* بېخىل سىقىمىنىڭ ئىچنى ئايايدۇ، تېشىنى يالايدۇ.
* تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا،ئىچىڭ كۆيسى مۇز .
* ئاغزىمدىن چىقتى ،ساقلىمغا ياماشتى.
* ياخشى سۆزگە قۇلاق سال،يامان سۆزگە ياماق سال.
* يامان ياماندىن قورقار،كەتمەن ساماندىن.
* بارچە ياخشى ،مەن يامان،بارچە بۇغداي مەن سامان.
* ئۆزۈم تاپقان بالاغا ،نەگە باراي دەۋاغا.
* يۈز دوسىتتىن بىر دۈشمەن يامان.
* ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىشىنىڭ ئىشىدۇر، يامانلىققا يامانلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر.
* پەشنى كېسىپ،يەڭنى ياماپتۇ.
* نامراتنىڭ نېنى يانچۇقدا.
* ئۇغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى.
* ياخشىغا يانداش،ياماندىن قاچ.
* ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس.
* ئەتتىگەنكى مۇشىتتىن يانما.
* بىر ياماندىن قورق،بىر ياۋاشتىن قورق.
* مېھمان قويدىن ياۋاش.
* يىتىمنىڭ ئاتسى يەتتە.
* يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
* كۆپ بولسا كېتەر،ئاز بولسا يېتەر.
* ئەزمە ئويلانغۇچە،تەۋەككۇلچى مەقسىتگە يېتىپتۇ.
* يەر كىشىنى يەيدۇ،كىشى يەرنى يەيدۇ.
* ئەرنىڭ ئېرى بار، يەرنىڭ يېرى بار.
* كۈندۈزى مەندەك ئەر يوق، كېچسى ياتىدىغان يەر يوق.
* ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
* يەرسىز ئىدىم،يەرلەندىم،توقماق ئىدىم،پەملەندىم.
* يەكچەشمىنىڭ يۇرتىغا بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسۋال.
* ئېرى يەكلىگەننى ئېلى يەكلەر.
* مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
* يولنى يۈرگەن يېڭىدۇ.
* چېچەكلەرنىڭ ئېتى يامان،قىزىلنىڭ يىلى يامان.
* ياخشى بىلەن دوسىت بولساڭ ،ئېچىلار چېچەكلىرىڭ.
  يامان بىلەن دوسىت بولساڭ،يېرىلار يۈرەكلىرىڭ.
* ئادەمنىڭ يۈزىگە قارىما،سۈزىگە قارا.
* ئاينىڭ يۈزدىمۇ داغ بار.
* يۈزۈم قېلىن، كۆڭلۈم نازۇك.
* ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا،ئاياغ يۈگۈرىكى ئاشقا.
* يېپىشقان خوتۇندىن قاچ،قاچقان خوتۇننى قوغلا.
* ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما.
* كەتمىننى مەن چاپسام،يېتىپ يەيدۇ خان غۇجام.
* يىتىم بۇلۇڭدا،تېرىق تۇلۇمدا.
* ئورۇقلۇققا كالا ئۆلمەس،يېتىملىككە بالا ئۆلمەس.
* خەت-يېرىم دىدار.
* ئات ئورۇق بولسىمۇ يېغىر بولمىسۇن،گۆش سۆڭەك بولسىمۇ بېغىر بولمىسۇن.
* جەينەك يېقىن بولسىمۇ چىشلىگلە بولماس.
* ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن ئال،خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال.
* ئەللىك يىلدا ئەل يېڭلىنار،يۈز يىلدا قازان.
* يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس،كىيمى يوقنىڭ قوپقۇسى كەلمەس.
* توخۇنى ئوغۇرلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمنى يىگەنمۇ ئوغرى.
* توڭگۇز تېرىسى سېسىقلغدىن ئاش يېمەس، ئادەم تېرىسى ئۇلۇغلىغىدىن ئاش يىمەس.
* يەرنىڭ يېمى ئوغۇت،ئانىنىڭ غېمى تۇغۇت.
* قۇشنى يەم بىلەن ئالدايدۇ،كىشىنى گەپ بىلەن.
* يورغا مىنگەن يولدىشدىن ئايرىلار، كۆپ ياشىغان تەڭتۇشىدىن ئايرىلار.
* ئۆچەر چىراغنىڭ يورۇقى يوق.
* ئىشلىگەننىڭ يۈزى يۇرۇق،ئىشلىمگەننىڭ يۈزى چورۇق.
* باش كىچىك تۇماق يوغان، بەل كىچىك،غىلاپ يوغان.
* ئۇمۇ يوق،بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق.
* كىيىك ئوقسىزغا يۇلۇقار،بالا يوقسۇزغا.
* يوقسۇللۇق مەردنىڭ قولىنى باغلايدۇ.
* ئۆي تۇتمىغاننى ئۆيۈڭگە يۇلاتما.
* يولدىن چىقما،خاندىن قورىقما.
* يوغاننى يۇنۇپ يە،كىچىكنى شىلىپ يە.
* تىلنى چىشلىۋالغان چىشنى يۇلۇۋەتمەس.
* سۇ يەتتە يۇملىسا ھالال.
* يېتىمنىڭ كۈنى قانچىدۇر،چىۋىنگە مۇنارنى يۈلەتكىنچىدۇر.
* قوشنا بولساڭ يۆلەك بول،بولمىسا بۆلەك بول.
* يولۋاسنىڭ ئارقىسدىن يۈرسەڭ يۈر،خوتۇننىڭ ئارقىسدىن يۈرمە.
* مېھماننى ئۆيگە چىللاپ،ئۆزى يۈرەر ئەر سوراپ.

l      
* پاكار تاغ يايلاققا يارىماس،قىسقا يىپ كىرمەككە يارىماس.
* ئابدالغا كەپسەن بەرسە ،جىڭىڭ توغرىمۇ دەپتۇ.
* كىچىك پېئىل بولساڭ كىچىكلەپ كەتمەيسەن.
* خۇدا كەچ قويسا قۇيار،ئاچ قويماس.
* ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس.
* ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ، ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
* كەك يوق تاماقتا، شەك يوق.
* ئاش تەڭ،نان تەڭ،سول نىمىشقا كەڭ.
* ئۈجمە تۈگگەندە سوپسۇپياڭ كەپتۇ.
* قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا.
* قولۇڭدىن كەلسە،ئەلدىن ئايىما.
* ئالۋاستى بوش كەلگەننى باسىدۇ.
* كەلمەكلىك ئېرادە، كەتمەكلىك ئىجازەت.
* بايدىن ئەمەلدار چىقسا ،كەمبەغەلدىن دانا چىقار.
* كۈندىزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا، كېچسى يۈرگەن ئەرنىڭ ئۆمرى قىسقا.
* ئوتنى كوچىلساڭ ئۆچەر ، قوشنىنى كوچىلساڭ كۆچەر.
* كوزا كۈندە سۇنماس،كۈنىدە سۇنار.
* لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۈشسە ساق چىقماس.
* ئەخمەق بىلمەس ئېتىنىڭ ھارغىننى، كوسا بىلمەس ئۆزىنىڭ قېرغىننى.
* سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر.
* ئورىنى كىم كولىسا ئۈزى چۈشەر.
* ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە،سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
* چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق.
* يامانلىقنىڭ يولى يىنىك، ياخشىلىقنىڭ يۇلى ئېغىر.
* مېلىڭ يىيىشلىك بولسا  بەردى خۇدا، خوتۇنۇڭ يىيىشلىك بولسا ئۇردى خۇدا.
* يىتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن.
* ياخشىدىن ئۆگەن،ياماندىن يىرگەن.
* ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
* سېخىينىڭ كۈلكىسى بېخىلنى يىغلىتار.
* بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا يىغار.
* يېقىلغاننى يەر كۆتۈرەر.
* ئوغلۇڭ چوڭ بولسا يىگىتلىكىڭنى ئالار، قىزىڭ چوڭ بولسا چوكانلىقىڭنى ئالار.
* يىڭنە كىچىك بولسىمۇ يۇتقىلى بولماس.
* مۇھەببەتنى سېتۋالغىلى بولماس.
* ئىشنى كارداڭدىن سوراڭ،ئۇننى باداڭدىن.
* ياماننىڭ كاساپىتى تېگەر، ياخشنىڭ شاراپىتى.
* سۆز قوغلىغان كاشلىغا يولۇقار،يول قوغلىغان خەزىنىگە يولۇقار.
* كالپۇك بولمىسا چىش توڭۇپتۇ.
* ئات كالپۇكلۇك بۇلار، ئادەم بۇرۇتلۇق.
* كاللا دېسە پاقالچاق دەيدۇ، پىشۇرۇپ بېرەي دېسە خام يەيمەن دەيدۇ.
* زېرەك بالا تېپىپ سۆزلەيدۇ، كالۋا بالا كۆپۈپ سۆزلەيدۇ.
* ئانسىغا قاراپ قىز ئال،كانارغا قاراپ بۆز ئال.
* ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغنى يوق، ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغنى يوق.

l      
* قىزىم ساڭا ئېيتاي،كېلىنىم سەن ئاڭلا.
* كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا بولماس.
* تىلەمچىنىڭ خالتىسى تولسىمۇ كۆزى تويماس.
* نوقانچىىنىڭ كۆزى يامان، سۇخەنچىنىڭ سۈزى يامان.
* چېچەن يىگىت يىلاننىڭ كۆشىگىننى بىلەر.
* ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكرەر،يامغۇر بىلەن يەركۆكرەر.
* كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.
* ئۆيۈڭ تار بولسىمۇ،كۆڭلۈڭ كەڭ بولسۇن.
* ئوق ئاتما،كۆڭۈل ساتما.
* ئاتىنىڭ كۆڭلى بالىدا،بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا.
* قورۇققانغا قوش كۆرىنەر، كۆلەڭگىسى بەس كۆرىنەر.
* ئاشنى بۇزۇپ ئۇماچ قىلدى،ناننى بۇزۇپ كۆمەچ قىلدى.
* قارغا ئۆلۈك كۆمگىلى بولماس.
* كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى.
* گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان،پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن.
* كۆيگەن جۇۋانغا ئات تېزىكى ئاي كۆرىنەر.
* ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىدا پالتا -پىچاق.
* كۈنداشلىق ئۆيدە كۈندە جاڭجال.
* شەھەردە كۆز كېرەك،جاڭگالدا قۇلاق كېرەك.
* كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.
* ماختانغاننىڭ ئۆيگە بارما،كېرىلگەننىڭ تويىغا بارما.
* كېسەلنى يۇشۇرسا ئۆلۈمى ئاشكارا بۇلۇر.
* گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانسى بىلەر.
* بالا قۇچاقتىكى چاغدا سۆيدۇرەر، ئۆسكەن چاغدا كۆيدۈرەر.
* مۇھەببەت پۇلغا سېتىلماس، كۆڭۈل پۇلغا تېپىلماس.
* يارنىڭ سۈرىتىگە قارىما،خۇلقىغا قارا.
* كۆز كىچىك بولسىمۇ كۆرىدىغىنى چوڭ.
* كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر ، بۆكنى كىيگەندە .
* چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى،دوسىتنىڭ كونىسى .
* ھەر كىم ھەر كويدا،تاز خوتۇن ئەر كويىدا.
* يۈز قارغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە.
* باينىڭ ئارغامچىسى بولسا، كەمبىغەلنىڭ كۇلاسى بار.
* بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە.
* ئىت ئۈستىخان يېسە كۆتى بىلەن كېڭىشەر.
* يىگىت قەرىز كۆتۈرەر،ئۆلۈك توپا.
* كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق.
* ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي.
* كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق.
* ئىنەككە سۈت كۆرسەتمە، ئەخمىققە قىز.
* تىل كۆركى ماقال، يىگىت كۆركى ساقال.
* تۈگمىنى كۆرۈپ ،تۆگىنى كۆرمەپتۇ.
* كۆرگىنىم كۆپ ،يىگنىم چۆپ.
* ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن.
* ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرىدۇ،چىچالمىغان پوقىدىن كۆرىدۇ.
* باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس،ئالدى-ئارقاڭنى كۆرۈپ باس.
* كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگنىڭ.
* يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم.
* كۆزگە سىغمىغان كۆڭۈلگە سىغىپتۇ.
* كىشنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆزيۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.



ئو غلانجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78189
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 08:45:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .  دوسلار  ياخشىمۇ سىلەر       ، سالامغا سالام ياخشى. ھۇرۇنغا  ئۇيقۇ،     



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78189
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 08:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىراقتىكى تۇققاندىن  يېقىندىكى قوشناڭ ئەلا  ،
ئەسكى چاپان توڭغاندا ياخشى ،يامان خۇتۇن ئولگەندە ياخشى  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش