قوش قېيىقتىكى ئەر(داۋامى)
بۇ ئۆيدىكى ھەممە ئادەم ئامراق بوپ قالغىنى بىلەن پاتىمە ھەر قېتىم كەلگەندە ئۇنىڭغا نەشتىرنى سانجىۋىلىپ كىتەتتى.ئايپەرى نەلەدە يۈرۈپ بۇ خوتۇننىڭ كۆزىگە سەت كۆرنۈپ قالغىننى پەقەتلا بىلەلمىدى.
-ئەتكەن تاماقلىردىن ئۆرگىلەي ماۋۇ مىكىياننىڭ...يۈندىنىڭ ئۆزى..،-ھەممە ئادەم شۇندائوخشاپتۇ دەپ ئىچىۋاتقان تاماقمۇ ئۇنىڭغا ئەمەن تېتىيتى.
ئۇلار توي قىلىپ ئىككى ئاي بولغاندا مۇرات سودا ئىشى بىلەن بىشكەككە چىقىپ كەتتى.ئايپەرى شەھەرلىك ھۆكىمەتتە ئشلەيتتى.ئۇ ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزى قىلىپ بولالايدىغان ئشلانى قىلىپ بوپ باراتتى.ئشتىن كىلىپ قېينى ئاپىسى بىلەن پاراڭلاشقاچ تاماق ئتىپ يەيتتى....
بىر كۈنى ئۇ بىر خىزمەتدېشىنى يوقلاپ كىرەمباغ دوختۇرخانىغا كىرىپ تۇغۇت بۆلۇمدە پاتەم بىلەن قىزى زۇلپىيەنى كۆرۇپ-‹بەلكىم كىسەل يوقلاپ كەلگەندۇ،كۆرشىمەن دىسەم زەھرىنى سانجىشى ئېنىق،ئو...ئۇش،كىتىۋىرەي....›،-دەپ ئويلاپ مېڭىشىغا ئۇلانىڭ دوختۇر بىلەن تاكاللاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى..
-بالا 4ئايلىقتىن ئېشىپتۇ،بۇنداق ئەھۋالدا،بالىنى چۈشۈرۋەتكىلى بولمايدۇ،پەقەت سۈنئېي تولغاقتا تۇغدۇرشىمىز كىرەك.
-ۋاي ،ئىلاندا ئۇندا قىلۋىتەلەيمىز،بۇندا قىلۋىتەلەيمىز دەۋاتمامتى؟
-دوختۇرخانىمىز ئەزەلدىن ئېلان بەرمەيدۇ،بەدى دىگەن تەقدىردىمۇ 5ئايلىق بولاي دىگەن بالىنى چۈشەگىلى بولمايدۇ.
-ئەمسە سىز دىگەندك تۇغدۇرسا قانچە كۇن كىتە؟
-ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 3 كۈن ياتىدۇ.بالىنڭ دادىسى قول قويىشى كىرەك.
-دوختۇر خېنىم،بالىنڭ دادىسى يوق،مەن قول قويساممۇ بولاۋىرەمدا؟
-دادىسى يوق؟ئاجراشقان بولسىمۇ چوقۇم داۋا قىلمايمەن،-دەپ قول قويۇپ بىرىشى كىرەك.
-بالىنڭ دادىسى ئۆلگەن،مەن قول قويىۋەسەم بولا؟،-ئۇلا شۇ يوسۇندا بىرنىملەنى دەپ تالشىپ ئاخىرى زۇلپىيە كىسەل كارۋىتىغا چىقىپ ياتتى...-‹توۋا خۇدا!بۇ قىز تېخى 17گە كىرگەن توي قىلمىغان قىز تۇرسا،ھەي،شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپتۇ-دە!›-ئايپەرى ئۆززىمۇ چۈشۈنۈپ بولمايدىغان بىر خىل ناچار كەيپىياتتا قايتىپ چىقتى.ئۇ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كىلىپ،ئاتۇشقا چىققىچىمۇ شۇ ئېشلانى ئويلاپ ماڭدى.ھىلى گۇناھنى ئۆزىنى چىڭ تۇتمىغان زۇلپىيەدە قويسا،ھېلى تاشلاپ قاچقان نامەردتە قوياتتى....
ئارىدىن 3 ئاي ئۆتۈپ مۇرات قايتىپ كەلدى.بۇ بىر جۈپلەر شۇنداق خۇشال يۈرۈشتى.كەچلىرى چوڭلار بىلەن بىللە پىيادا ئايلانغاچ يۇمۇر ئېيتىشىپ،تېپىشماق ئېيتىشىپ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتۇشتى. مۇرات ئايپەرىنڭ ئېيتقان تېپىشماقلىرنى تاپالماي چوڭلانىڭ ئالدىدا تولا كۇلكىگە قالاتتى.
بىر كۈنى مۇرات ئاغىنىللىرى بىلەن ئولتۇرۇپ كۆپرەك ئىچىپ قويدى.ئۇنى قايسى دوستى قاچانلادا ئاپرىپ قويدىكىن -تاڭ،ئەتىگەندە كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنڭ ئۆيى ئەمەس ئىدى.ئۇ ئۇ يەر،بۇ يەرلەگە قاراپ تاغىسىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى پەرىق ئەتتى.ئۇ يېنىغا شۇنداقلا قاراپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.ئۇنىڭ يېنىدا نەۋرە سىڭلىسى زۇلپىيە ئىچ كىيىم بىلەنلا ئۇخلاۋاتاتتى.
-ھەي،مەن بۇ يەرگە قانداق كەپ قالدىم،قوپە!سەن نىمىشقا بۇيەدە ياتىسەن؟،-مۇرات قورقۇپمۇ ياكى نۇمۇس كۇچىدىنمۇ ئىشقىلىپ بەدەنلىرگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى.
-ۋاي -جان،نىمە ۋاقىراپ يۇرۇيسەن؟تىز ياتە توڭلاتماي ئادەمنى،-زۇلپىيە شۇنداق دەپ مۇراتنىڭ بىلىدىن قۇچاقلىدى.
-ئەستا!قولاڭنى تاتە!ھەي-خۇدا،مەن قانداق بوپ كەپقالدىم دەيمە؟سەن سىڭلىم تۇرۇپ مىنىڭ يېنىمدا ساڭا نىمە بار -ھە؟
-سىڭلىڭ بولسام نىم بوپتۇ؟ئىككىمىز بىر قوساق ئاكا -سىڭىل بولمىساق،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىنى ياخشى كۆرمەن،-زۇلپىيە نازلىنىپ مۇراتنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.<چاڭ!!>قىلغان بىر تەستەك زۇلپىيەنىىڭ مىڭىسىنى غوڭۇلدا كەتتى.ئۇ <بۇنداق بولىدۇ> دەپ ئويلىمىغان ئىدى.
-راس گەپ قىلە،ئاخشام زادى نىمە ئىشلار بولدى؟قانداقسىگە بۇ ئۆيدە بوپ قالدىم؟سەن نىمىشقا قېشىمدا ياتتىڭ؟-مۇرات مەسچىلىكتە ئۇنىڭغا ئەسكىلىك قىلىپ قويغان ئىوخشايمەن دەپ ئۇنىڭدىن قايتىلاپ سورىدى.
-ئاخشام كەچ بولغاندا بىرسى ئىشىكنى قاقتى.ئېچىپ قارىساق سىز تۇرسىز،دادام ئۆيدە بولمىغاندىكىن بىزگە ھەمرا بولغىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۆيگە باشلىدۇق .يېتىپ قالدىڭىز ،ئۇخلىغان ھالىتىڭىز بەك ئوماق كۆرنۈپ بىرنى سويۈپ قوياي دەپ ئىڭىشسەم،سىز <كىلە،پەرى خوتۇن >،-دەپ قولۇمدىن تاتىڭىز ...ئاندىن شۇ ...ھى..ھى..
-سەن ،نېرى كەتسەڭ بولمامتى؟نىمىشقا سۆيتىڭ مىنى؟ مەن قولاڭدىن تاتقان بوسام سىلكىۋتىپ قاچساڭ بولمامتى،تەستەكلىرىمگە ئۇرساڭ بولمامتى؟
-شۇ مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆگەندىكىن شۇ...مەيلى ئەمەسمۇ...،-زۇلپىيە ئانىسى ئۈگەتكەن سۆزلەنى ئېزىپ كەتمەي دىيەلىگىنىگە خوش بوپ كەتتى.مۇرات پاتەمنىڭ ھىجيىپ تۇرۇپ <تاماق يەپ مېڭىڭ> ،-دىگەنىگە قارىماي ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.پاتەم مۇراتنىڭ قىلتاققا ئىلىنغانلىقىنى كۆرۇپ خىوشلىقىدا :
-ئەمدى ھېلقى قەشقەلىك مىكياننىڭ شۇ داچىدا كىرىلىپ يۈرگىنىنى ،بوۋما ماشىندا مۇراتقا ھىجىيىپ ئوتتاغىننى مەن بىر كۆرەي،ئۇلانىڭ ھەممىسى پات يېقىندا سىنىڭ بولىدۇ قىزىم،ھە -راس،بى ما ئىش ئەپلەشكىچە غىت قىسىپ ئۇ -چى،بۇ-چى لا بىلەن كۆرەشمەيرەك تۇراسەن جۇما!
مۇرات بەك ئۇزۇن ماڭدى.كاللىسى تورموزلىنىپ قالغان ئىدى.بىر ۋاختا ئۇ سەل ئسىگە كىلىپ ئەتراپقا قاراپ دەريا بويىغا ئاز قالغىننى بىلدى.دەريا بويىغا كىلىپ ماشىننى توختاتتى.ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.ئۇ ئايالىغا يۈز كىلەلمەيدىغىنىدىن ،ياكى باشقا بىرسى بىلەن بىللە بوپ قەلغىنىغا يىغلىمدى ،ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى كىچكىدىن تارتىپ<ئاكا،ئاكا...>دەپ چوڭ بولغان نەۋرەسىڭلىسى ئىكەنلىكىگە يىغلىدى.بىر ئەر كىشى ئۈچۈن ئۇنداق ئىش قىپ يىغلاش دىگەن ئانچە مومكىن بولمايدىغان ئىش،بىراق ئۇ سىڭلىسى...ئۇ ئادەم كۆرمەيدىغانراق يەرگە بېرىپ بويىنى سۇغا سالدى.مۇزدەك سۇ تىنىگە تىترەك پەيدا قىلغان بولسىمۇ ئۇ ھېچنىمىنى سەزمەيتتى.پەقەت پاكىز يۇيۋەتسلا بۇ ئىشلا يوقاپ كىتىدىغان،ئەسلا يۈز بەمىگەندەك بولىدىغاندەك ئۇ كۈچەپ يۇياتتى.ئايپەرىگە نىمە دەپ چۇشەندۇرۇشنى بىلمەيتتى،1يىل قوغلىشىپ،3 يىل شۇنداق ياخشى ئارلىشىپ توي قىلغان ئايالىغا قانداق قاراشنى،قانداق چۈشەندۈرۈشنى،ئاتا -ئانىسىنىڭ يۈزىگە قاندق قاراشنى،كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىنى ئۆز ئوغلىدەكلا كۆرۈپ كەلگەن تاغىسىغا قانداق قاراشنى بىلمەيتتى....ئۇ شۇ خىياللار بىلەن ماشىنىسىغا چىقىپ كۆزلىرنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى.تۇيۇقسىز ئاخشامدىن بىرى ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشمىغىنى ئىسىگە كىلىپ تېلفۇننى ئاچتى.يانفۇن كاتىپىدىن نۇرغۇن .ئۇچۇر كەلدى.ھەممىسى ئايپەرىدىن كەلگەن تېلفۇن نۇمۇرلىرى ئىدى.<جېنىم مۇرات،نەگە كەتتىڭز؟تېلفۇنمۇ قىپ قويماي؟تېلفۇننى ئېچىلا تېلفۇن قىلۋىتىڭ -ھە!>،-دىگەن ئۇچۇرنى كۆردى-دە،ئۆيدىكىلەنى ئەنسىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن تېلفۇننى قولىغا ئالدى.........138 ،قارشى تەرەپتىن:<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!>،-دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.پەرىما؟ھە-مەن،شۇ ئاخشام ئاغىنە باللا بىلەن ئولتۇرىمىز دىگەنتىمغۇ ساڭا،شۇ كۆپرەك ئىچىپ قويۇپتىكەنمە،چوڭلانىڭ ئالدىدا سەت بولمىسۇن دەپ باللانىڭ ئۆيدە قونۇپ قالدۇق.ھە-بىردەمگىچە ئۆيگە بارمە!،-ئۇ تېلفۇننى قويۋىتىپ نىمە قىلشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.ئاخشام زادى قانداق بولۇپ ئۇ يەگە بېرىپ قالغىننى بىلىش ئۈچۈن دوسلىرنىڭ يېنىغا ماڭدى.
كەچرۈڭلار،ئاخىرنى تىز يوللاشقا تىرشىمەن!