بۇ تىما ئادەمنى راستىنلا ئويلاندۇردىغان تىما ئىكەن .بۇ بىر ئەمەليەت.
مەن ئويلۇنۇپ قالدىم بەزى خەن يولداشلار قېرى ئاجىز ياكى ئۆلگەن ئات كالا تۆگە ئىشەك ئۆچكە قويلارنىڭ خەۋىرنى بەرسەڭلار رازى بولغۇدەك سۈيۈنچە بېرىمىز دەپ ھەر قايسى بازار بازارلاردا تۈمەنلەپ ئالاقىلىشىش كارتىسى تارقىتۋاتسا بۇ كارتىدىن ئۈنۈم كۆرگەن يولداشلار بۇ قېرى مېيىپ ياكى ئۆلگەن ھايۋانلارنى نىمگە ئىشلىتدۇ ؟
مەنچە بۇ ئىشلارنى ھۈكۈمەت ئىز قوغلاپ تەكشۈرشى كېرەك ،بولمىسا بىز جۇڭگۇ پۇخرالىرنىڭ سالامەتلىگدىن ئۈمۈت كۈتۈش قىيىن .
يەنە [خوتىچاڭ ]جىرو بۇ نەرسە نىمىشقا بەك ئەرزان ئويلۇنۇپ كۈرەيلى بىر خوتىچاڭ سرتىۋالغان پۇلنى تۇخۇ قاسسېپنىڭ ئالدىغا ئاپرىپ كۈرەيلى گۆش بىرەمدىكىن
يەنە مايلىق ئاچچىق ۋە باشقا بىر قىسىم ئەخلەت يىمەكلىكلەر نۇرغۇنلىغان كىچىك پەرزەنىتلىرمىزنىڭ سالامەتلىككە ئېغىر زىيان سېلۋاتدۇ بىزلەر ئەتتىگەندە بالىلارنى مەكتەپكە ماڭدۇرۇپ چۇشتە ۋكەچتە كۈرىمىز بالىلارنى يىتلەپلام يۈرگىلى بولمىسا بۇلارنى يەپ ئاغرىپ قالسا دوختۇرغا بارسا ھەر خىل كېسەل چىقۋاتقان بۇلار جۇڭگۇ پەرزەنىتلىرى ئەمەسمۇ ؟
جۇڭگۇ ھۈكۈمىتمىزنىڭ بۇنى باشقۇرغىدەك مادارى بارمۇ يوقمۇ؟
بىزنىڭ كۇنسىرى ناچارلاۋاتقان كەلگۈسى سالامەتلىەمىزنى رۇسلار ئويلاپ يەتكەن يەردە بىزنىڭ قۇدرەتلىك جۇڭگۇ ھۈكۈمتى ئويلاپ يىتەلمىگەنمىدۇ بۇ قىلمىشلار نى قاچان تەرتىپكە سالا؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parlak0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 11:10 PM