مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: gulbelik

ئېنگىلىزتىلىنى قانداق قىلسام ياخشى ئۆگىنەلەيمەن؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 08:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sartigin يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 07:20 PM
ياخشىمۇسىز !
مەن سىزگە بىر تەكلىپ بېرەي . بىز  كۆپىنچە ب ...

مۇنبەرگە بۇ ھەقتە خەت يېزىپ راستنلا بەك ياخشى قىپتمەن .قانداق قلىسام بۇلار دەپ بەكلا گاڭگراپ قالغان ئدىم .ئاللاھ بېشمنى سىلاپ ماڭا نۇرغۇن ياخشى كىلشلەرنى ئۇچراشتۇردى مانا .سىزگە رەخمەت .

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3804
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5612
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 1757 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 09:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇددى مېنىڭ ئەھۋالىمنى يېزىپ قويغاندەكلا ئىش بوپتۇ ، مەنمۇ ئىشكىرىدە ئوقۇيمەن ، باشقا پەننى دەرىسلەردە چاتاق يوق ، لېكىن مۇشۇ ئېنگىلىس تىلى سەل بوزەك قىلىپ قويىۋاتىدۇ ، مۇشۇ تەتىلدە قەتتى غەيرەتكە كېلىپ بىر ئاي ئۆيدىن تالاغا چىقماي دېگۈدەك كۈنىگە 5-8 سائەتكىچە چىداپ تۇرۇپ NCE 2  نى ئۆگۈنۈپ 76 دەرىسكە ئەكىلىپتىمەن ،خېلى سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغانىدىم ، مەكتەپكە كېلىپ داۋاملاشتۇرۇشقا ۋاقتىم تازا چىقمايۋاتىدۇ ، ئۆگەنگەننى قايتىلاپ تېكىسلىرىنى يادىلاپ دېگەندەك ، مەنمۇ مۇشۇ بانادە ئۆگۈنۈش جەريانىمدىكى يولۇققان مەسىلىلىرىمنى دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام ، ياخشىراق ھەل قىلىش چارىسى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

  مېنىڭ ئاساسلىق  قىيىنچىلىقىم سۆزلۈك يادىلاشتا بۇلىۋاتىدۇ ، بۇرۇن پەقەت دەرىسلىك كىتاپتىكى سۆزلۈكلەرنى يادىلايتىم ، كىتاپتا پەقەت سۆز ۋە مەنىسىلا بولغاچقا ئىشلىتىش ئورنى ۋە ماھىتىنى تۇلۇق چۈشۈنىۋالالمىغاچقا ئاسانلا ئەستىن چىقىپ كېتىدىكەن ، كېيىن سۆز تۇمۇرى ۋە قۇشۇمچىلىرى بىلەن چۇشەندۈرۈلگەن ماتىرياللارنى كۆردۈم ، بۇكىتاپتىن قىسمەن ئۈنۈم ھاسىل قىلغاندەك بولدۇم ،لېكىن كۆرۈۋاتقان ماتىرياللارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە ماتىرياللار ، سەۋىيەم يامان ئەمەس دېگەن بىلەن سۆز تەرجىمىسىدە يەنىلا ئۇقمايدىغان سۆزلەر كۆپ ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشىم ئىككى تىلنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆگۈنۈشكە ئايلىنىپ قالدى ،  كېيىن شىنجاڭدىكى دوسلۇرۇمغا دەپ ئۇيغۇرچە ئېنگىلىسچە سۆزلەرنىڭ تۇمۇرىدى ۋە قۇشۇمچلىىرىدىن پايدىلىنىپ سۆز مەنىسىنى يىشىدىغان كىتاپتىن بىرنى ئەكەلتۈرۈپ كۆرىۋاتىمەن ، بۇ كىتاپنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى  بۇ تىلنى ئۆگۈنۈشتىكى تەپەككۇرۇم خەنزۇ تىلى ئۈستىگە قۇرۇلۇپ قاپتۇ ، جۈملە تۈزىسەم ئاۋال خەنزۇچىغا ئاندىن .... ، شۇڭا ئۇيغۇرچە ماتىريالدىن ئۈگۈنىۋاتقان بولساممۇ بەزىدە مەنىسىگە تازا ئىشەنچ قىلالماي خەنزۇچىسىغا تەرجىمە قىلىپ قاراپ باقىمەن ، بىر ئاۋارچىلىق ئىش بولدى ،
ئۇيغۇر تىلىمىز ئىپادىلەش كۈچىگە باي ، ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئوخشىمىغان كۆپخىل مەنالارنى ئىپادىلىگىلى بولغاچقىمىكىن جىق سۆزلەرنىڭ تەبىرىگە ئوخشاشلا بىر ئىبارىنى بېرىپتۇ ، بەزىدە قانداق يەردە ئىشلىتىش كېرەكتۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالىمەندە لوغەت بىلەن خەنزۇچىغا ئۆرۈيمەن ،   مانا مۇشۇنداق ئاۋارچىلىقتا قالدىم ، قانداق قىلسام بۇلار ؟ خەنزۇچە ماتىرياللارنى كۆرۈۋەرسەم بۇلارمۇ ياكى ئۇيغۇرچىنىمۇ ؟  بولسا ياخشىراق ماتىرياللار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار ..... رەخمەت . چ چ :3851347

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32715
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1150
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 09:58:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbelik يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 07:50 PM
ماقۇل .رەخمەت سىزگە .مىنەتدارمەن

مىنىڭ QQنۇمۇرۇم573767460،قوشقاندا ئۆزىڭىزنىڭ مىسرانىمدىن كەلگەنلىكىڭزنى ئەسكەرتىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن

بۈگۈن ئازىراق بىئارام بولىۋاتىمەن ،بىراق نىمە سەۋەپتىندۇ؟ توۋا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32715
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1150
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 10:20:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sartigin يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 07:05 PM
ياخشىمۇسىز ، سىزنىڭ بۇ جۈملىڭىزنى « بىز ئىنگلىز تىلىن ...

مىنىڭچە مۇنداق بولىشى مۇمكىن...
v speak good sth
بىراق بۇ يەردە مەلۇم بىر تىلنى «ياخشى،يامان»دىگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىسە بولمايدۇ،بۇ بىر خىل چۈشىنىش،بۇنداق بولغاندا بۇ جۈملە گىرامماتىكا جەھەتتىن خاتا بولماسلىقى مۇمكىن،مەن شۇنداق ئويلىدىم.«بىز ياخشى ئىنگىلىزتىلىدا سۆزلەيمىز»
ئەمما بۇ كىشىنىڭ مەقسىتى ئۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇ!

بۈگۈن ئازىراق بىئارام بولىۋاتىمەن ،بىراق نىمە سەۋەپتىندۇ؟ توۋا

ئۇرخۇن باتۇرى تا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14553
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5377
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1948 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇ يوللارنى بېسىپ كەلگەن . سىزگە دىسەم ئەڭ ياخشى ماتېرىيال :يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلى .سىزگە 2-قىسىمىدىن باشلاپ ئۈگىنىشنى تېۋسىيە قىلىمەن. توردىن تېپىپ ئۈگىنىش ئاقمايدۇ ، راستكەن دەپ قالىسىز . بېسىپ، تاشلىۋەتمەي ئۈگەنسىڭىز ئىنشائاللاھ پايدىسىنى كۈرىسىز . قالغىنى تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق. ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي.

ئۆزەڭنى ھەقىقىي ئىنسان دىيىشتىن بۇرۇن،ئۆزەڭدىن: باشقىلارغا ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ياردەم قىپباقتىممۇ دەپ سورا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7716
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7505
تۆھپە نۇمۇرى: 284
توردا: 4359 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 12:27:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈشنىڭ ئالاھىدە ياخشى ، ئاسان ئۇسۇلى يوق . ئۇزۇنغا چىداپ قىسىپ تۇرۇپ ئۆگەنمەكتىن باشقا ئاماللارنى ئىزدەشنىڭ كويىدا بولماڭ .  تىل ئۆگۈنۈش ئۇنداق ئاسان  روياپقا چىقىدىغان جەريان ئەمەس ،  تىنىمسىز تىرىشىپ ، تەر تۆكمەكتىن باش ئۇسۇللارنى سىناپ باققانلارنىڭ ھەمىسى يرىم يولدا قېلىپ ئېنگىلىز تىلىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىغان ھەم چىقالمايدۇ . مەن ھېلىھەم چىڭ قىسىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىۋاتىمەن، گەرچە ئېنگىلىز تىلىدا ھەرخىل ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ خەلىقىرالىق زورناللاردا ئېلان قىلدۇرغان ، ئېنگىلىزچە گېزىت -زورناللاردا ئوبزور ئىلان قىلدۇرغان بولساممۇ .  مەن يەنىلا ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلغاچ ، كۈنلىكى كەچتە 2 سائەت چىداپ ئولتۇرۇپ ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقىلى 3 يىل بولدى .  شۇڭا سىزمۇ ئىزچىل ، تەر تۆكۈپ ئۆگۈنۈڭ .   

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20344
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5344 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 02:32:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sartigin يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 07:05 PM
ياخشىمۇسىز ، سىزنىڭ بۇ جۈملىڭىزنى « بىز ئىنگلىز تىلىن ...

ياخشىمۇ سىز، مەن ئالدىنقى ئىنكاسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بۇ بىر جۈملىنى قالدۇرۇپ قويغان، ھەم راستىنلا we speak good english  نى ‹‹بىز ئېنگلىزچىنى ياخشى سۆزلەيمىز›› دىگەن مەقسەتتە تىما ئاپتورىغا ئىلھام بۇلۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە قالدۇرۇپ قويغان،ئېنگلىز تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەن تىلىغا قارىغاندا نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار،  ئېنگلىز تىلىنى مەنمۇ يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقۇچى،ئەگەر خاتالىق بولسا تۈزىتىش بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مايماق بۇلۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
         يىغا  ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35962
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9999
تۆھپە نۇمۇرى: 513
توردا: 1587 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 12:32:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولداشلارنىڭ 新概念英语دەيدىغان كىتابى بار ،شۇنىڭدىن باشلىسىڭز  بولىدۇ .ئەگەر مۇمكىن بولسا مەن تور ئارقىلىق ياردەم قىلاي . لېكىن گەپ يەنىلا ئۆزىڭىزدە .

كى ھىجران دەشتى ئارالەر يۈرىمەن سەرسان !

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 12:34:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىممەتلىك پىكىرلەردىن مەنمۇ بەھر ئالدىم !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

يىگىت قەسەم ئىچم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64312
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 12:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك. ئاندىن كۆپ ئوقۇش،كۆپ ئاڭلاش، كۆپ يېزىش دىگەندەك. يانا ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش