روھزاد يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 11:05 PM
ئاپلا، مېنىڭ توغرا ئىدى.
1.يېيەلمەيدۇ سۆزىدىكى سۆز ت ...
بۇ ئىككى سۆزنى بەك تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز، بۇدا كىتاپ كۆرگەندە تازا بىر دىققەت قىلىپ كۆرۈپ باقمىسام. توغرا دەيسىز: ( بىر بوغۇملۇق سۆزلەردىكى »ئە« تاۋۇشى كەينىگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا » ئې« غا ئاجىزلىشىدۇ)
لېكىن يىيىش دىگەن سۆزدە، سىز بىلەن يەنە مېنىڭ توغرا دەپ تالىشىپ كېتىدىغان بولدۇمدە، ( يىيىش)نى (يىيىش) دىمەي (يېيىش) دىسە بىر خىل ئاڭلىنىدىكەن، يەنە يۇيغان كىرلەرنى ئاپتاپقا (يېيىش)تىكى (يېيىش) بوپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن يەنىلا يىيىش دەپ ئېلىشنى توغرا تاپتىم، مەندە (جەمىيەت) (يىيىش) دىگەندەك خەتلىرى بار كىتاپلار يوق ئىكەن، شۇڭا ھازىرچە سىز بىلەن تالاشماي، كىتاپلاردىن شۇ سۆزلەرنى كۆرۈپ، ئاندىن بىر نەرسە دەي. بۇنداق دىسەم ماڭا ئىشەنمىدى دەپ رەنجىمەيدىغانسىز، لېكىن بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق پىكىر- تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىماي بېرىپ تۇرۇڭ، ئادەم سەۋەنلىكىنى تۈزۈتەلىگەندىلا ئاندىن ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ ئەمەسمۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-10 11:32 PM