jassurman يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 08:11 PM
توۋا، بىزنىڭ يۇرتلاردا بۇنداق ئىشلار بوپمۇ قالمايدىكە ...
بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ بولغان. ئەمما بىزلەر ئۇنداق ئىشلارنى كۆپ داۋراڭ قىلمىغاچقا جىملا ئۈتۈپ كىتىدۇ. ئىسىمدە شۇنداق ئېنىق بار ، تولۇقسىزغا يېڭى چىققان ۋاقتىمدا يېزىدىكى تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدۇق ، زوۋال ۋاختى بىلەن ھويلىدا چوڭلار پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى، بىز ئويۇن ئويناش بىلەن ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا غەرىپ تەرەپ ئاسمىنىدا جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ بىر يوغان ئوت شارى ئۇچۇپ ئۆتتى، ئۇنىڭ بىزگە كۆرۇنگەن يوغانلىغى بەلكىم دىئامىتىرى سەكسەن سانتا چوڭلىقتا كىلىدىغان قازاندەك كىلەتتى،ئارقا تەرەپتىن ئوت ئۇچقۇندىلىرىنى چاچرىتىپ ئاستا ئاۋازسىز ئۇچۇپ ئوتۇپ كەتتى. بىز توت- بەش بالىلار كورۇپ قورقۇشۇپ كەتتۇق، چوڭلار ۋوي نىمىدۇ ئۇ! ئارپىلەڭدەك (ئايرۇپىلان. شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق ئاتايدىكەندۇق) دەكمۇ قىلمايدۇ ؟ ھەجەپ بىرنىمىكىنا ؟دىيىشىپلا ئۆز پاراڭلىرنى قىلىشىپ كەتكەن . كىيىن ئويلاپ بەلكىم كورگىنىمىز نامەلۇم ئۇچار جىسىم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.