مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ziyaee

قۇشخانىدا (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2892
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 01:33:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ دەسلەپ قاسساپقا شاگىرىت بوپ كىرگەن ۋاقتىمدا،قورقۇيتۇم بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قوقماي دىغان بولدۇم.قوقمايلا قامماي مەندە بارا-بارا بىرخىل سىزىم پەيدا بوپ قالدى كالىنى بېسىپ پۇتىنى چۇشەپ بولغىچە شۇندا ئالدىراپ كىتمە نىمىشقا دىسڭىز تېزراق باش كىسىشكە ئالدىرايدىغان بوپقالدىم .مۇشۇ كەمگىچە قانچىلىغان جانغا زامىن بولدۇم بۇنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمە...بىراق ئامال يوق كەسىپنىڭ ئىھتىياجى شۇ،ھەرقېتىم قولۇمغا پىچاق ئالسام بىرخىل خوش بوپ كىتمە جاپالىق بولسىمۇ بىراق بىر كالىنى سۇياپ چىقىرىپ بولغاندا بىرخىل ھاردۇغۇم چىقىپ قالىدۇ ،ئەگەر بىرە كۈن كالا سويماي قالسام بەك ئىچىم پۇشۇپ كىتىدۇ ،كۈنۈپ قالدىممىكىن تاڭ ئىشقىلىپ كالا سويمىغان كۈنۈم قۇشخانىغا بېرىپ بىرسىنىڭ قويىنىمۇ بوسا سوياپ يېنىپ كىلىمە.ئېچىنىشلىق مۆرەشلىرى،جان ھەلقۇمغا يەتكەندە جېنىنىڭ بارىچە مۆرەپ تىپىر لاشلىرىنى كۆسەم شۇندا ئىچىم ئاغرىيدۇ ،بىراق ئامال يوقدە ياراتقان ئىگەم شۇ يول بىلەن ئۇنى ئىنسانغا رىسىق بۇلۇشنى پىشانىسگە پۈتكەن.شۇڭا بۇيەردە بىر مەسلىنى تەكىتلەپ قويسام بۇ دىگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت،كۈشلۈكلە ئاجىزلانى بويسۇندۇردۇ،ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىدۇرشى تەبى ئەۋال.تىلغا ئېلىنغاندەك بۇ ھايۋانلارنىڭ ئۈلىمى ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئۈلۈم.............

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ ،ئۇسىز گە مەنسۇپ چاغد قەدىرلىمەي،يۇقاتقاندا بېشڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ،بېشڭىز ئاغرىيدۇ خالاس باشقا پايدىسى يوق شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9719
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 02:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆگىنى بوغۇزلاش تېخىممۇ ئىچىنىشلىق ئىكەن . پىچاقنى ئىككى يېرىگە سۈرۈدىكەن .تۆگە تېنى چوڭ بولغىنى بىلەن ئالامەت يۈۋاش ھايۋانكەن .قاسساپلار ئۇنىڭ پۇتىنىمۇ باغلىماي بىرىنچى پىچاقنى سۈرىدىكەن .بىچارە بىشىنى كۆتۇرەلمىگەن پەيىتتە  ئىككىنچى پىچاقنى سۈرىدىكەن .ئاجايىپ ئېچىنىشلىق .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 741
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 02:47:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇييۇ ماۋۇلارنىڭ قورقۇپ كەتكىنىنى

دوختۇرلار قوينىڭ بوغزلىنىش ئەھۋالىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن

قوينىڭ گىلىغا پىچاق سۈرۈلگەندە ۋىنا تومۇرلىرى كىسىلىپ قوي شۇ ھامان ھوشىدىن كىتىدۇ بىراق يۇلۇن تېخى كىسىلمىگەن بولغاچقا قوينىڭ بەدىنى بىلەن نىرۋا ئالاقىسىنى ساقلاپ قالىدۇ دېمەك ھوشسىز ياتقان قوي ئاغرىقنى ئەلۋەتتە ھىس قىلالمايدۇ
مىڭە زور مىقتاردا قان يوقاتقاچقا يۇلۇن ئارقىلىق بەدەندىن تىز سۈرئەتتە كۆپ مىڭىگە قان ئەۋەتىشكە پەرمان چۈشۈرىدۇ، يۈرەك پەرماننى قوبۇل قىلىپ كۈچەپ سوقۇپ بەدەندىن قاننى يىغىپ بېسىم بىلەن مىڭە تەرەپكە ئاتىدۇ بىراق قانلار بويۇنغا كەلگەندە كىسىك تومۇر ئىغىزىدىن ئوقچۇپ ئېتىلىپ سىرتقا چىقكىتىدۇ، مىڭە توختىماي قان تەلەپ قىلىدۇ يۈرەك توختىماي قان ئەۋەتىدۇ، شۇنداق قىلىپ قوي تىپچەكلەۋىرىپ بەدىنىدىكى كۆپ قىسم قاننى سىرتقا چىقىرىۋىتىدۇ دە گۆش پاكىر مىكروپ باكتىرىيەسىز ساغلاملىق يىشىل مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ
بۇ جەرياندىكى قوينىڭ تىپىرلاشلىرى پەقەتلا مىكرۇپ باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى مۇنبەت تۇپراق ئوزۇقلۇق مەنبەسى بولغان قاننى سىرتقا چىقىرىپ گۆشنى مىكرۇپلاردىن ۋە ئۇلار ئاجرىتىپ چىقارغان توكسىن زەھەردىن ساقلاش گۆشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن.
قوي بوغۇزلانغان ھامان ھوشسىزلىنىپ قىلچىلىك ئاغرىقنىمۇ سەزمەيدۇ، ئۆزى سەزمىگەن ھالدا تىپىرلاپ راھەتتە جىنى چىقىدۇ
ياۋرۇپالىقلار قوينى بۇغزلاشتىش بۇرۇن ھوشسىزلاندۇرۇپ ياكى كاللىسىغا تۆمۈر بىلەن ئۇرۇپ جېنى چىقىپبولغاندا سويىدۇ بۇخىل ئەھۋالدا يۈرەكتىكى قان قېتىشىۋاتقان تومۇرلاغا كۈچەپ ئۇرۇلۇپ تومۇرلار يېرىلىپ يېرىقلاردىن چىققان قان گۆشكە سىڭىپ كىرىپ باكتريەلەرنى مول ئوزۇقلۇق بىلەنتەمىنلەيدۇ ئۇلار قىسقا ۋاقىتتا تىز كۆپىيىپ چىقىرىندىلىرىنى گۆشكە بېخرامان قويۇۋىتىپ سىيىپ چىچىپ گۆشنى بۇلغاپقاندىن ئوزۇقلىنىپ ھى ھى ھى

كۆڭۈل ئىشەككە چۈشسە ئىغىلدا ياتماي ئىلاج يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76909
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 03:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇشخانىدا(2)

مانا ھەش-پەش دېگۈچە قوي سويۇشنى ئۆگىنىمەن دەپ قاسساپقا شاگىرت كىرىپ،كۈندە قۇشخانىدا يۈرگىلىمۇ 20 كۈندىن ئېشىپتۇ،بىرىنچى كۈنى بارغاندا باشقىلارنىڭ قوي بوغۇزلىغىنىنى،ئاققان قانلارنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم جىغىلداپ،تەنلىرىم تىكەنلەشكەن،ئازاپلىق تىپىرلاۋاتقان قويلارغا ئىچىم ئاغرىغان بولسا مانا ھازىر باش كېسىشتىن ھوزۇر ھېس قىلىدىغان،ئاياغ ئاستىمدا خارتىلداپ ياتقان جانۋارغا قاراپ غەلبە خوشاللىقىغا چۆمۈلىدىغان بولدۇم،دەسلەپكى ھېسداشلىق تۇيغۇلىرى ئاللىقاياقلارغا يوقالغان ئىدى.
  تۇنجى قېتىم باش كەسكەندە ھېسداشلىق قىلىش ياكى ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس بەلكى مۇشۇنى جايىدا كېسەلمىسەم ئۇستام تىللاپ كېتەرمۇ دەپ قورققانىدىم.ئۇستام:«پىچاقنى كۈچەپ تۇرۇپ ۋارتتىدە سۈركەيمىز،ھارىداپ ئولتۇرساق بولمايدۇ،پىچاق چوقۇم ئىتتىك بولىشى كېرەك،ئاندىن قويمۇ قىينىلىپ كەتمەيدۇ...»دېگەنىدى. ئەجەبا ئۇمۇرتقىسىغىچە پىچاق سۈرۈلۈپ،خارىكى ئۈزىۋېتىلگەن،گۈرەن تومۇرلىرىدىن قانلار ھەر يانغا چاچراۋاتقان قوي قىينالماي قالارمۇ؟ئەلۋەتتە قىينىلىدۇ دە،ئۇستام بەلكىم گال پىچاق ئېلىپ كەلگەن ئازاپ بىلەن ئىتتىك پىچاق ئېلىپ كەلگەن ئاغرىق ئارىسىدىكى نىسپىيلىكنى دەۋاتسا كېرەك...
   قوي شۇنداق بەرىكەتلىك قىلىپ يارىتىلغانىكەن ،مۇشۇ كىچىككىنە قۇشخانىدىلا كۈنىگە تەخمىنەن 200دەك قوي سويۇلاتتى،شىنجاڭدا،پۈتۈن دۇنيادا كۈنىگە قانچىلىك قوي سويۇلىدۇ؟بۇنىسى نامەلۇم...
  بىرەر ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەندە ،ئۇ سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ،قاسساپلىقمۇ شۇ.بەلكىم ئەزەلدىن قوي سويۇپ باقمىغان ئادەمگە نىسبەتەن قوي سويۇش قوينىڭ پۇتىنى باغلاپ،بېشىنى كېسىپ،تېرىسىنى سويۇپ،ئىچىنى تازىلاپ قويۇشتىن ئىبارەت ئاددىيلا جەريان،ئەمما بىر ئۇستا قاسساپقا نىسبەتەن قوي سويۇش ئۇنچە ئادەتتىكى  ئىش ئەمەس،پىچاق قانچىلىك ئىتتىك بولىشى كېرەك،گالنىڭ نەرىدىن كېسىدۇ،پىچاق قانداق تۇتۇلىدۇ،قانچىلىك دەرىجىدە پۈلەيدۇ،تېرىنىڭ نەرىدىن باشلاپ قايسى يۆنىلىشتە سويىدۇ،ئىچىنى قانداق ئالىدۇ،گۆشىنى قانداق پارچىلايدۇ دېگەندەك ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل بولغاندىلا ئاندىن گۆش چىرايلىق چىقىدۇ.
  گۆش نوقۇل يەيدىغانلا نەرسە ئەمەس،ئۇ قاسساپنىڭ سەنئەت بويۇمى،ھۈنىرىنىڭ نامايەندىسى...بەزى قاسساپلار باركى بىر قوينى 3-4مىنۇتتىلا كانارغا ئېسلغان گۆشكە ئايلاندۇرىۋىتەلەيدۇ.
  بايا دېگەندەك قويلارغىمۇ ئىچىم ئاغرىماس بولدى،چاچراۋاتقان قانلاردىن،قىززىق ئۈچەي-باغىردىن خوشاللىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.بەلكىم بۇ يېنىك ھالدىكى تەلۋىلىك(变态)بولسا كېرەك...بەزى ساراڭلارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە يىرگىنىچلىك ،رەزىل ئىشلاردىن مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىغا،ھۇزۇرغا ئېرىشمەكچى بولىدىغانلىقىنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 05:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆش يىمەي بولمايدىكەن،تىما ئىگىسى  قۇي كالا قۇشخانىسىغا بىرىپ تىنىڭىز شۈركەنگەن بولسا چوشقا ئىشەك سۇيىدىغان قۇشخانىغا بىرىپ كىلىڭ بەلكىم كۆزىڭىزنىڭ ‹‹ئاچچىقىنى››چىقىرۋالىسىز.

ئاللاھنىڭ بەركىتى بىلەن ھالال قوينى قۇتاندىن ئاستا يىتىلەپ چىقىپ،باش كۆزىنى سىيلاپ ئاستا ياتقۇزۇپ پىچاقنى ئىلىپ ئاللاھۇ ئەكىبەر دەپ باش كەسكەن چىغىڭىزدا،پۈۋلەپ سۇيۇپ كانارغا ئاسقان چىغىڭىزدا،گۆشلىرىنى ئايرىم-ئايرىم قىلىپ پارچىلاپ بولغان چىغىڭىزدا ھەقىقەتەن ئۆزىڭىزنىڭ بىر قامەتلىك،قۇرۇقماس ئەر ئىكەنلىكىڭىزنى،ئىسلام قائىدىسى بۇيىنچە قان قىلىپ ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققانلىقىڭىزنى ھىس قىلغىنىڭىزدا تىنىڭىز بىر ئىسسىق ئىقىمدا ئىللىيدۇ.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوينى قۇربانلىق قىلىش ئەنئەنىسى بۇيىنچە قۇي سۇيۇش قائىدىسى دۇنيادىكى كۆپلىگەن چارۋىچى مىللەتلەردە تىخى يوق،تەرەققى قىلغان ئەللەردە بولسا كۆپ مەشغۇلاتلار ماشىنىلاشقان بولىدۇ.چارۋىچى كۆچمەن مىللەتلەر بولسا ئۆزىنىڭ دەۋىر ۋە شارائىتىغا ماس كەلمىگەن ئاساستا تىرىك پىتى سۇيۇشمۇ بىر قائىدە ھىسابلىنىدۇ.


مىنىڭچە بۇ تىمىدىكى قۇشخانىدىكى قۇي سۇيۇش جەريانى گەرچە سەلبى تەسىرگە ئىگە يىزىلسىمۇ ئەمما سىرىتلاردا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى تۇرمۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن سۇيۇلماقچى بولغان قۇينى سۇيىدىغان ئەر چىقماسلىقتەك ئىشلارغىمۇ باغلاپ چۈشەنسەك ياخشى.


تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا مۇنبەردە قاسساپ دۇسىتلارمۇ بار ئىكەن.بۇ ياخشى ئىش.ئەمما كۆپ ۋاقىت مال بۇغۇزلاۋىرىش ياخشى ئەمەس.قان قىززىيدىغان،جىلىپەز،ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا راسىت دەيدىغان بۇپ قالىسىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 06:01 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش