nap--rat يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 06:45 PM
ئىران روسىيەنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ چىچەنلەرنى قىرىپت ...
يەنە كونا گەپنى تەكرارلاشقا مەجبۇر بولدۇم
1.ئىراننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرىشكە ئىلتىماس سۇنغىنىنى بىلىسىز ھە قاچان ، -2003 يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ قازاقىستاندا ئېلىپ بارغان تېرورلۇققا قارشى مانىۋىرىدىن بىز بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەربىي -سىياسي ئىتتپاقلىقتىن خالىي تەشكىلات ئەمەسلىكىنى ئەمەلىي مىسال بىلەن كۆرۈۋالالايمىز،روسىيە قانۇنى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا چېچىنيە مۇستەقىلللىقچلىقلىرى دەپ تېرورچىلار، ئەھمەد نىجاد مۇشۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولماقچى ،ئەمدى ئۆزىڭىز كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇناسىۋىتى بويىچە ئىراننىڭ چېچەن مەسىلىسگە قانداق قارايدىغانلىقىنى يەكۈنلىۋىلىڭ!!!! ..
2.كوسۇۋۇ مۇستەقللىقى مەيدانى ھەققىدە توختالمىساممۇ بىلەرسىز!!!
3.روسىيەدە ھازىر بىرەر دۆلەتلە ھۇجۇم قىلغۇدەك كۈچ قالمىدى،ئەگەر شۇنداق كۈچ بولغان بولسا ئىدى ،ئىراننىڭ بازا بېرىدىغان بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئالار ئىدۇق...
قالغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكى ماتىرىيالدا بىر قەدەر تەپسلىي .گېرمانىيە ،فىرانىسيەلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ روسىيە مەيدانىغا قاراپ باقايلى...
ھومەينى ئۇزاق ۋاقىتلىق سەرگەردانلىق ھاياتىدىن كېيىن دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ ،ئىسلام ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەسس قىلىدۇ . ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر قاتار ‹‹ئىسلاھات ›› لار ئېلىپ بېرىلىدۇ .ھومەينى تىكلىگەن ‹‹ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتى ›› ،‹‹قۇرئانى كەرىم ››نى ئاساسلىق دولەت قانۇنى قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشۇ مۇقەدەس دەستۇرىدىكى ‹‹ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار ›› { ‹‹قۇرئانى كەرىم ›› ، سۈرە بەنى ئىسرائىل ،33ـ بەت } دېگەن ئەھكاملارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ . بۇنداق سىياسىيونلاردىكى ئازغۇنلۇق ،ئىككى ئورتاق دىنغا ئىگە دۆلەتلەردىن ئىران بىلەن ئىراقنىڭ مۇشۇ ئەسىردە يۈز بەرگەن ،ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەڭ قانلىق ئۇرۇشىدا گەۋدىلىك كۆرىلىدۇ . ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدا ھېچقانداق تالاش ـ تارتىش قىلغۇدەك چوڭ مەسىلە يوق ئىدى . بۇ پەقەت ئىككى مۇسۇلمان دولەت رەھپەرلىرىنىڭ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . ئىككى كاتتىۋاش ئۆز دولەت قانۇنلىرىنىڭ ئەكسىچە ،ھەممىنى بىراقلا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى . ھەتتا ھومەينى :‹‹ئامېركاچوڭ شەيتان ›› ، ‹‹بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى كىچىك شەيتان ›› دەپ جار سالدى . بۇنىڭ بىلەن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئىرانغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولدى .
ئىسلام ئالىمىدىكى بۇ يوقىلاڭ ئۇرۇش مانا مۇشۇنداق باشلاندى .بۇ 80ـ يىللاردىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇش ئىدى 9ـ ئاينىڭ 22- كۈنى ئىراق 100 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن ئىرانغا ھۇجۇم قىلدى . بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمىلى كۈچى تەڭ بوغاچقا بۇ خورىتىش ئۇرۇشىغا ئايلاندى . بىكاردىن ـ بىكارغا بۇ ئىككى مۇسۇلمان دولىتى سانسىزلىغان بىگۇنا ئاممىنى ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇردى
.سوۋېت ئىتتپاقى ‹‹ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىغۇچى دولەت ›› بولىۋىلىپ ، ئىككىلي دۆلەتكە ئاستىرىتتىن قۇرال ساتتى . ‹‹ئۆزىنىڭ قولى بىلەن ئۆزىنى ئۇرۇش ›› تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئارا ئۇرۇشقا سالدى . ھومەينى بىلەن سادام باشقىلارنىڭ بۇ سىياسىي نەيرىڭىگە ھەدەپ ئۇسۇل ئوينىدى . .. روسلار 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئېشىپ قالغان ۋە ئولجا ئالغان كونا قۇراللارنى ئۆزلىرىمۇ قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قالغان بىر پەيىتتە ، بۇ ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتىگە سېتىپ بىر تەرەپ قىلىشىدىكى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى ھەم روسلار زور پايدىغا ئېرىشتى . بىھۇدە ئۇرۇش تۈپەيلى ئىككى دولەت سانائەت ، يېزائىگىلىك ... جەھەتتە تامامەن 40 يىلىق ھالىدىن كەتتى .ئىران ۋە ئىراق ئۇرىشى ئەرەب ۋە پارىس سىياسىيونلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ،سىياسەت ،ئىنسانپەرۋەرلىك غايىسىنىڭ نەقەدەر چاكىنىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى ...
بۇ توغرىدىكى ئەمىلى مىساللار ،ھازىرقى ئىسلام دۆلەتلىرى سىياسىي سەھىنىسىدىمۇ تالايلاپ ئۇچرايدۇ : ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈرۈكمەن باشى ـ سەپەر مۇرات نىيازوف 1990ـ يىلى دولەت زۇڭتۇڭى بولغان .بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنى ‹‹مەڭگۈلۈك دولەت ئاتىسى ـ تۈركمەنىستان پادىشاھى ›› دەپ ئاتىشى ، پۈتۈن سىياسىي ھوقوقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋىلىشى ،ئەلگە دېمۇكىراتىيە ،ئەركىن سايلام ھوقوقىنى بەرمەسلىكى ،ئاخپارات ئەركىنلىكىنى بوغۇشى ...
ئۆز خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ ،ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن روسىيە ۋە ئوكرانىيە دۆلەتلىرىدىن 2005ـ يىلنىڭ بېشىدا كۆپلەپ ھەربىي قۇراللارنى سېتىۋېلىشى ...
تاجىكىستان زوڭتۇڭى ئىمام ئەلى راخمانوپنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن ئاللا قاچان چىقىپ كەتكەن روس ئەسكەرلىرىنى قايتا چاقىرىپ كېلىپ ،دۆلىتىنى يېرىم مۇستەملىكە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويىشى... ھازىرقى ئىران رەھپەرلىرىنىڭ دۆلىتىدە ئۆز دىننى قېرىنداشلىرى ، خوشنىسى تۈرۈكلەر بىلەن دۈشمەنلىشىشى . ‹‹جەنۇبىي ئەزەربەيجان ››تۈرۈكلىرىنى ،تۈرۈكمەنلەرنى قاتتىق باستۇرۇشى ،ئۇلارغا ھېچقانداق ھوقۇق ،ئەركىنلىك بەرمەسلىكى ...ھازىرقى ئەرەپلەرنىڭ 20دىن ئوشۇق دولىتى بولسىمۇ، 300 مىليوندىن ئوشۇق نوپۇسى بولسىمۇ ،تېخىچە بىرلىككە كېلەلمەي ،نوپۇسى 4ـ 5 مىليون كەلگۈدەك ئىسرائىلىيىگە بوزەك بولىشى ، پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرالماسلىقى بۇلارنىڭ بەرى ئىسلام ئالىمىدىكى ھاكىمىيەت ،سىياسەت دولەت ...چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يېتەرسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنىڭ بىر سالقىن مەنزىرسى . .
2004ـ غەربلىكلەر كەلگەندە ،ئىراق ئارمىيسى بۇندىن 40ـ 50يىل ئىلگىرىكى روسىيەدىن نېفىتقا تېگىشىپ ئالغان كونا قۇراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسۈتۈپ ئۆزلىرنىڭ غەرب ئالدىدىكى تولىمۇ ئاجىز مەۋقەسىنى ئاشكارلاپ قويغان ئىدى .ھەتتا ئىراق ئەسكەرلىرى ئاشۈ كونا قۇراللار بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى گۈۋەيت ئەربلىرىگە تاجاۋۇزچىلىق يۈرگۈزۈپ ، ‹‹جاھاندا ئۆزىدىن قۇدىرەتلىك دولەت يوق ››دەپ جار سالغان ئىدى .
ئەمەلىيەتتە روسىيە ئۇنى ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتۈۋاتاتتى .ئىراق ھۆكۈمدارلىرى ئۆزلىرنىڭ ئاجىز قېرىنداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى بىلگەن بىلەن ،تارىخى دۇشمىنى ئىسرائىلىيىگە ھېچقانداق قۇرال ئىشلىتەلمىدى .ئوتتۇرا شەرىقتىكى ھەم ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشنا بولغان چوڭ دولەت ئىران ، باشقا دۆلەتلەردىن كۆرە دىنىي قېرىندىشى تۈركىيەدىن بەكرەك ئەنسىرەيدۇ . چۈنكى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ‹‹جەنۇبىي ئەزەربەيجان ››دىكى 20مىليونغا يېقىن ئەزەرلەر ،ئىران شەرقى شىمالىدىكى تۈرۈكمەنلەر تۈركىيە تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن . چۈنكى ئۇلار ئۆز ئارا قانداش خەلق ....
بۇ دولەت سىياسىيونلىرىغا ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىدىغان ھاكاۋۇرانە ھوقوقنى ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتۈپ ئەرەب ـ تۇرۈك مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارشى قويۇۋاتقان ‹‹ئاكا دولەت ››روسىيە بەرگەن ، چۈنكى روسىيەنىڭ كونا قۇراللىرىنى پۇل خەجلەپ سېتىۋالىدىغان بىردىن بىر چوڭ دولەت ئىراندۇر .ئىران مىللىتارىسلىرى مۇشۇ ئەمەلدىن قالغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ۋە خەلقىنى ئالداپ ،دۇنيا خەلقى ئالدىدا بىر ‹‹ قەغەز يولۋاس››قا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېچقاچان سەزگەن ئەمەس .شۇڭلاشقا روسىيە بۇ مۇسۇلمان دۆلىتىنى كۈشكۈرتۈپ ،سوۋېت ئىتتپاقىدىغان قالغان كونا ھېلە بىلەن ،ئىراندا ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش مەيدانى ئېچىش ئۈچۈن ، ‹‹يادرو ئېلېكتر ئىستانىسىسى قۇرۇپ بېرىمىز ›› دېگەن بانادا ، ئۇنى بىر يادرو دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ ،دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىنى بۇراپ ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيىلىك ھوقوقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلماقتا .تۈركىيە سىياسىيونلىرى ئىراننىڭ بۇخىل تۇيۇق يولىنى ئالدىن سەزگەچكە ،ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىپ ئۆزىنى قوغدىماقچى بولىۋاتىدۇ .بۇلارنىڭ بەرى ،ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىنقاسىزلىقىدىن، باشقىلارنىڭ ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالىدۇر .
ھازىرقى ئىران – پارىسلىرى ئۆزلىرىنى ، بىز ئىسلام ئالىمىدە بىرىنچى سەركەردە ،تارىخىمىز ئۇزۇن... چوڭ دولەت دەپ قارايدۇ .. ..سالا ،ئۇيغۇر ، قازاق ،تاتار ... مۇسۇلمانلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئەرەپلەرنى مەنسىتمەيدۇ .ئۇلارنىڭ مەزھىپىدە بولىمغان ھەممە مۇسۇلمان ‹‹غەيرى مۇسۇلمان››دۇر .بۇ قاراشلار ئۇلار دولەت قانۇنى دەپ قارايدىغان مۇقەددەس كالامدىكى ‹‹ئى مۆمۈنلەر ! بىر قەۋىم يەنە بىر قەۋىمنى ( بىر جامە ،يەنە بىر جامەنى ،بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ) مەسخىرە قىلمىسۇن ››{ سۈرە ھۇجۇرات ،11ـ ئايەت } دېگەن ئايەتلەرگە تامامەن زىت كېلىدۇ .
90ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ،ياۋروپادىكى جەنۇبىي سىلاۋيانلار ‹‹يۇگوسلاۋىيىگە ››سېرىپلىرى روسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن دولەت چىگىراسى ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئالبانلارغا ئىرقى قىرغىنچلىق ئېلىپ باردى .بۇنىڭ بىلەن ‹‹كوسۇۋا مۇسۇلمانلىرى ››نىڭ ھەقىقىي سەرگەردانلىق ھاياتى باشلىنىپ ،پۈتكۈل ياۋرۇپادا مۇساپىر مۇسۇلمان ئالبانلارغا ياردەم كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتكەندە. پەقەت تۈركىيە بۇ سانى كۆپ ھەم ئېغىر كۈندە قالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا مىليونلاپ پۇل ،ماددىي ياردەم كۆرسەتتى ھەتتا ئۇلارغا ئولتۇراق يەر ئاجىرتىپ بەردى ... بىراق باشقا ئۆزلىرنى چوڭ سانىغان ئەرەب ، ئىران ،ئافرىقا ... مۇسۇلمان دۆلەتلىرى روسىيەدىن قورقۇپ ياردەم قولىنى سۇنالمىدى ... ھەتتا بەزىللىرى بىر مىللەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇشتى .
مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ۋەقە كاۋكازىيەدە روي بەردى . دۇدايېف باشچىلىقىدا چېچىنلار ئۆز ئەركى ئۈچۈن روسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلدى . دۇدايېفتىن كېيىن ئۇلارغا ئارسلان ماسخادوف سەردار بولۇپ ،روسىيە تەۋەسىدە ‹‹4 يىل مۇستەقىل ›› بولدى ... بىراق روس ھۆكىمىتى بۇ قېتىم ئۇلارغا ۋەھشىيانە باستۇرۇش ئېلىپ باردى .بۇ قىرغىنچىلىققا پەقەت ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئېتىراز بىلدۈردى ھەم بۇ دۆلەتلەردە روس ھۆكىمىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىشلار ئەۋج ئالدى .تۈركىيە غەرب باشلىقلىرىنى ئىستانبۇلغا يىغىپ چېچىنىيە مەسىلىسىنى تىنچ سىياسى يول بىلەن ھەل قىلماقچى بولدى . لېكىن ئامال بولمىدى .روسىيە خەلىقارا قانۇنغا پىسەنىت قىلماي ،كاۋكازدىكى زوراۋانلىقىنى داۋام قىلدىرىۋەردى .باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇ قانلىق قىرغىنغا قارشى بىرەر ئورۇندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ياكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى يىغىلىش ـ مۇنازىرىمۇ بولمىدى ... بەلكى ئەربلەر ، ئىرانلىقلار ، ئوتتۇرائاسىيالىقلار ، پاكىستانلىقلار ...مۇشۇنداق چوڭ ۋە ئەڭ سەزگۈر دۇنياۋى مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ ،ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى .قازاقىستان ،ئۆزبېكىستان ... قاتارلىق دۆلەتلەر ‹‹روسىيەدىن خۇدۈكسىرەپ ›› مۇساپىر چېچىنلارغا پانا بېرىشتىن باش تارتتى .....( ئەسلى مەنبەسى گۈلىستان تورى كۆپ قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى )