aysiman يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:12 PM
شۇنداق قانداق قىلسام يادايمەن . ئۇرۇقلىتىش دورىسىنى يى ...
ئۇۋ دورا يەپ بەك خاتا قىلىپسىز جانىم، دورىنىڭ ئەكس تەسىرى بار. مەن بىر ئاي ئىچىدە 5كىلۇ ئورۇقلاپ كىيىن يەنە 2كىلۇ سەمرىپ قاپتىمەن. ئورۇقلاش ئۇسۇلۇمنى دەپ بەرسەم، كەچتە تاماق يىمىدىم ئاساسى جەھەتتتىن. ئالما قاتارلىق نەرسىلەرنى يىدىم. ئاندىن نورمال ئۇخلىدىم. ھورۇنلۇق قىلمىدىم. ئەتىگەندە ئورنۇمدىن قوپۇپ نامىزىمنى ئۆتەپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، چۈشلۈك تاماققا تەيارلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئەتىەەنلىك چاي تەيارلىدىم. چاي ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ئىشقا تايارلىق قىلدىم. ئىشقا بارغاندىن كىيىن باشقىلارغا بەس سالماي ئىشخانە تازىلىدىم. دەرىزە ئەينەكلەرنىمۇ سۈرتتۇم. ئورۇندۇققا جىق ئولتۇرۋالمىدىم. مىڭىپ بارىدىغان يەرلەرگە ئامال بار مىڭىپ باردىم. چۈشتە ئۆيگە كىرىپ تاماق ئىتىپ، يەپ بولۇپ قاچا قۇمۇچىنى يۇيۋىتىپ تەرەت ئىلىپ پىشىن ئۆتەپ ئاندىن ئىشقا تەيارلىق قىلدىم. چۈشتىن كىيىنمۇ شۇنداق ، كەچتە ۋاقتىدا .ئۇخلىدىم.
ئەڭ مۇھىمى بۇرۇنقىدەك كەچكىچە يەيدىغانننىڭ خىيالىنى قىلماي ئانچە مۇنچە كىيىم- كىچەكنىڭ مودىلىرىنى ئويلاپمۇ قويدۇم. ھې ھې شۇنداق قىلسىڭىز ئىشتىھارىڭىز سەل تۇتىلىدىكەن.مۇشۇنداق بىر ئىككى ئاي چىدىسىڭىز ئورۇقلايسىز