sajiya يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:59 PM
مەن خوتەن تىبابىتى دەپ ئايرىپ تىبابەت سېستىمىسى بار دېمىدىم،خوتەن دىيارى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بىر رايونى ،شۇڭا ئادەتتە خوتەندىكى تىبابەتچىلىكنى خوتەن تىبابىتى دەپ ئاتىسام ،ئۇنداق بەك خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولماسمەن ؟
سىزنىڭ قايسى مەكتەپتە ئوقۇپ خوتەندە 4يىل ئوقۇغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن ،لېكىن مەنمۇ شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستىتىنىڭ بىرىنجى تۈركىمگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىسى ،بەزى كېسەللەرنىڭ ،بولۇپمۇ ASنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى ،بۇ كېسەل ئېرسىيەت ۋە مۇھىتنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ،كېسەلنىڭ ئاغرىق ئازابى باشقا كېسەللەرگە قارىغاندا كۆپ ئېغىر بولىدۇ ،مەيلى ئەمما سىز 4يىللىق ئوقۇش سەۋىيەرىڭىزگە ئاساسەن مۇشۇ كېسەلنىڭ سەۋەبىنى ئوچۇق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسىڭىز ،مەن سىزدىن كەمتەرلەرچە ئۆگەنسەم بولىدۇ ،ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ،مەن ئۆزۈمنىڭ دېگىنىنى خاتا دەپ قارىمايمەن ،مەن خوتەندە ،ياكى ئۇيغۇر تىبابىتىدە ھېچقانداق كېسەل ساقايمايدۇ دېمىدىم ،لېكىن ASدىگەن بۇ كېسەل ئۇيغۇر تىبابتىدە تېخى تۈزۈك تەتقىق قىلىنمىغان بىر كېسەل ،ئەگەر ئومۇرتقىنىڭ ياللۇغىنى قايتۇرۇپ ،非甾体抗炎药ياكى ،ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىشلەتمىگەندە ،ئەگەر كېسەلىلىك ۋاقتى سوزۇلۇپ كەتسە بىمار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىنمۇ چىقالمايدىغان ھالەتكە يېتىدۇ ،شۇڭا ياخشىسى ۋاقىتنى تېجەپ كېسەللىكنى كونترول قىلىش كېرەك ،سىزدە خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالغاندەك قىلىىدۇ ،ئۇيغۇر تىبابىتىدىن مەنمۇ سۆيۈنىمەن ،چۈنكى .ئۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللى تىبابىتى ،بەلكىم ئۆزىمىزنىڭ تەن ساپاسىغا تېخىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن ،لېكىن سىز دىگەندەك بەزى كېسەللەر ئوخشىمايدۇ