Sir يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 12:01 PM
تەكرار لىنش چەك لىندۇ دەپ نەدە باركەن ؟ بولمۇسا مەن ئ ...
ئىلتىماس قىلىدىغان يەرگە ئۇنداق قائىدىلەرنى چىقىرىپ قويۇشنىڭ ئورنى يوق، مىسرانىم مۇنبىرى «ماختاش» مۇنبىرى ئەمەس، بەلكى مۇنازىرە مۇنبىرى، شۇنداق بولغانىكەن شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىنكاس يوللىشىڭىز كىرەك، مىسرانىم تارىخىدا رىكورىت يارىتىۋەتتىڭىزغۇ دەيمەن، تىزىملىتىپ بىر كۈن ئىچىدىلا 241 تال يازما يوللاپ بولدىڭىز، يوللىغان يازمىلىرىڭىز «قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن»، «ياخشى يىزىپسىز» ۋە بىرقانچە تال چىراي ئىپادىلىرىلا بولۇۋاتىدۇ.
بۇنى ئىنكاس يىزىش دىمەيمىز، مۇنبەرگە ئەخلەت تۆكۈش دەيمىز، باشقا مۇنبەرداشلىرىڭىز پىكىر بەرسىمۇ پىسەنىت قىلمىدىڭىز، ئىنكاسنى جايىدا يىزىشنى بىلمىسىڭىز بىرمەزگىل باشقا مۇنبەرداشلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆزىتىپ، ئۆگەنگىدەك يەرلىرىنى ئۆگىنىپ مۇستەققىل كۆز قاراشتا ئىنكاس يازالىغۇدەك ھالەتكە كەلگەندە ئاندىن ئىنكاس يىزىشنى باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
سىزگە دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى قىتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشۇم بوپ قالسۇن، ئەمدى ئىككىنچى قىتىم يۇقارقىلاردەك ئەخلەت ئىنكاسلىرىڭىزنى كۆرۈپ قالماي، قارىغاندا بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇنبەر كۆرۈپ باقمىغاندەك قىلىسىز، شۇ يىرىڭىزنى دەپلا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىۋاتىمەن، ئازراق مۇنبەر كۆرگەن بالا بولغان بولسىڭىز ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئەزالىق نامىڭىزنى چەكلەپ قويۇپلا بىر تەرەپ قىلغان بولاتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 06:06 PM