赛乃木江 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 06:54 PM
بۇ نېمە دېگىنىڭىزكەن ئەمدى ؟مۇنبەردىكىلەر ئۇ كىشىنىڭ ...
سەنەمجانغا مەلۇم بولغايكى بۇ تېمىنى چوقۇم مۇشۇ ئاكاشقا تاشلايسىلەر دېگەن گەپنى قىلمىدىم . تېما يازغاندا سەل ئالدىرىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ ئاكاشنىڭ تولۇق تەرجىمھالىنى يوللاشقا پۇرسەت بولمىدى ، ئۆزۈممۇ دەپ ئۆتتۈم ، ئۇ ئاكاشنى مەن تونۇيمەن ، قانداق ئادەملىكىنى بىلىمەن ، شۇڭا ماۋۇ ئاكاشقا بېلەت تاشلاپ قويايلى دەپ تېما يازدىم ، ئەلۋەتتە چوقۇم ماڭا ئىشىنىشىڭلار كېرەك ، ئۇ ئاكاش مەن دېگەندەكلا ئېسىل ياخشى ئادەم دەپ سىلەرنى زورلىمايمەن ، ھەم بۇنداق سالاھىتىممۇ يوق ، شۇڭا تېمىدىمۇ ئىنچىكىلەپ كۆرۈپ تاشلايمەن دېسەڭلار باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ بار ئۆزۈڭلار قاراپ تاشلاسىلەر دەپ قويدۇم .
ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىدىن بولغان بىر ئاكاشنىڭ ئىشلىرى ئازراق بولسىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن دەپ تېما يازغىنىمنى كوچىدىكى تىلەمچىگە ئوخشاتقىنىڭىزغا نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم ، ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ ، بېلەت تاشلاش نامزاتلىرىدا بىر نەچچە خەن نىڭ بېلىتى باشقا ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقۇرى ، سىزنىڭ ،بىزنىڭ شۇ مەن «تىلىگەن» بىر مىنۇت ۋاقتى بىلەن بىر بېلەت بولسىمۇ يۇقۇرى بولسا ،ھېچبولمىسا شىنجاڭدىكى ئىلغار ياش __ XXX ،مىللىتى ئۇيغۇر دەپ بېسىلسا كىمگە ياخشى ؟
تولا سۆزلىسەم مەزمۇندىن چەتنەپ كېتىدىغان چىراي ، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى «تىلەمچى»لىكىمگە كەمىنە رازى . بەلكىم بۇندىن كېيىنمۇ «تىلەمچىلىك» قىلىشىم مۇمكىن .
تېمىدا ئېنىق ئۇقتۇرالمىغان بولسام يەنە بىر قېتىم دەي ، چوقۇم مۇشۇ ئادەمگە بېلەت تاشلايسەن دەپ بوينىدىن باغلايدىغان ئىش يوق ، يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇرلار بار ، كۆڭلىڭىز خالىغانلارغا بېلەت تاشلاڭ .(كۆڭلىڭىز بېلەت تاشلاشقا مايىل بولسا)