ئۈمىدلەرنىڭ گۈلى تېخى سۇلمىدى
روھزات
خىيالىمدا قۇرىمەن شەھەر،
ئاھ تاتلىقىم بەختىڭنىلا دەپ.
غايىلەرگە بويسۇنماس ئۆمۈر،
ۋاقىت يۈرەر ئۆمرىمىزنى يەپ.
.
ئۈمىدلەردىن قۇرىمەن قەسىر،
ئويغىنىشىڭ قالسا يېقىنلاپ.
كۆل بويىدا ئۈمىدنىڭ گۈلى،
پەپىلەيمەن سۆيگۈدە شۇ تاپ.
.
يۈرىكىمدىن رەڭ بېرىپ يولغا،
كۆز نۇرۇمنى قىلىمەن قۇياش.
بەختىم، نېسىپ بولسىكەن ساڭا،
ئۈمىدنىڭ شۇ گۈلىنى پۇراش.
.
غەمكىنلىكتىن پۈتكەن خاتالار،
كۆزلىرىمدە قېتىپ قالىدۇ.
ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان پەرى،
يەنە ئۇخلاپ كېتىپ قالىدۇ.
.
مەن سېنى دەپ قۇرغان قەسىرلەر،
ئۇچۇپ كېتەر ۋاقىت قوينىغا.
ئويغىنالماس مەن ئۈچۈن پەرى،
سۆيسەم لەۋ ھەم نازۇك بوينىغا.
.
يوقاپ كېتەر بارچە بارچىسى،
پەقەت سۇلماس ئۈمىدنىڭ گۈلى.
لېۋىڭ تەگكەن ئىستاكان بىلەن،
سۇ ئىچىپلا ئۆتىدۇ كۈنى.
.
يۇقىرىقى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روھزاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 01:03 PM