sargarda يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 03:15 PM
توغرا دەيسىز ! ‹‹ باللىرىمىزغا ›› دېسىڭىز ، كۆپچىل ...
بىر سازنى ئۈگۈنۈپ قويغانغا مىللەت زەيىپلىشپ كىتىدىغان ئىش بارمىكەن؟بىر سازنى ئۈگۈنۈپ قويغانغا سەنئەتچى بولۇپ كىتەمدىكەن؟
مەن سىزدىن پۇتاق تاپماقچى ئەمەس ، بۇ ئىنكاسىڭىزنى پەقەتلا قوبۇل قىلالمىدىم.
مۇزىكا،سەنئەت سىزىمى يوق ئادەملەرنىڭ ئۇلۇغۋار پىكىرلەرنى قىلالىغىدەك تەسەۋۋۇر قابىلىيتىنىڭ بولۇشى ،قايناپ تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك-مىللەتپەرۋەرلىك روھى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
دۇنيادا بىر ئىنىشتىيىنمۇ مۇسىكا چىلىشقا ئۇستا ئادەم،ئۇ مۇزىكا چىلىپ زاۋال تاپتىمۇ؟
مىنىڭ تاغاممۇ 4خىل ساز چالالايدۇ،ئۇسسۇلغىمۇ شۇنداق پەيزى بار. ئۇ تەبىي پەندە چوڭ ئۇتۇقلارنى قازاندىغۇ(ئىسمىنى دەپ يۈرمەي ،ماختانغاندەك بولۇپ قالماي)
مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ بىرەر سازنى تىرىڭشىتالمايدىغانلىقىمدىن نۇمۇس ھىس قىلىمەن.ئەگەر ئازراق پۇرسەت تاپالىسام خۇدايىم بۇيرىسا دۇتتار چىلىشنى ئۈگۈنۈپ قويىمەن.