nap--rat يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:40 PM
ئاساد تەخىتتن چۈشسەسۈرىيەدە مەڭگۈ تىنىچلىق ۋە تەرەقق ...
ۋۇي ، سىز تېخى بۇ تېمىدا بارما ؟ مەن تېخى سىزنى يامانلاپ چىقىپ كەتتىمىكىن دەپتىمەن
ئەمما خاتا ئويلاپ قاپسىز ، يۆنىلىش ئاللىبۇرۇن ئۆزگىرەپ بولدى ، ئەسەد سۈرىيەدىلا بولىدىكەن سۈرىيەدە تىنچلىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ ھازىر ، كازافىنى باشقا دۆلەت پاناھىغا ئالمىدى ، ئەسەدنى ئالىدىغانلار كۆپ دەپ قويۇڭ ، ماڭا ئەسەدكە سىياسىي پانالىق بېرەلەيدىغان ھەم بېرىشنى خالايدىغان دۆلەتتىن بىرنى كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز ؟ بەلكىم ئېراننى كۆرسىتەرسىز ... ئەمما ئېران ئاكىسى روسىيەنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالدى ، باشقا يەنە كىم بار ؟؟؟ كازافى بىلەن ئەسەد ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويماڭ جۇمۇ ، كازافىنى ھېچبولمىسا ۋېنسۇئىلا قوبۇل قىلىشنى خالايتتى ، قوزغىلاڭ باشلانغان چاغدىمۇ لىۋىيە خەلقى كازافىغا « چاۋىسنىڭ قېشىغا كېتىشنى ، ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرسىلا ئۇنىڭ ھېچقانداق گۇناھىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى » ئېيتىپ نامايىش قىلغان ، ئەمما بۇ تەلۋە ئۆزى ھەربىيلىكتىن چىقىپ ھوقۇقنى تارتىۋالغان بولغاچقا ھوقۇقتىن شۇنداقلا ۋاز كېچىشنى خالىمىدى . ئۇمۇ ئۆزىنى « خەلق مېنى قوللايدۇ » دەپ خام-خىيال قىلدى ، نەتىجىدە ئىت ئۆلۈمىدە ئۆلدى . ئەسەدنىڭ كۈنلىرىنىڭ بۇنچىلىك سوزۇلۇپ كېتىشى خەلقنىڭ قولىدا قورال بولمىغاچقا ئەسەبىيەتلىك بىلەن باستۇرۇشقا ئۇچرىدى ھەم ئۇچراۋاتىدۇ ، ئۆزىنى « دېموكراتىيەنىڭ ياقلىغۇچىسى » دەپ قارىۋالغان ئامرىكىمۇ ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ غەرپ دۆلەتلىرى ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى ، ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ كۈچىيىپ كېتىشىنى ھەم ئۆز ئىتائىتىدىن چىقىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ ، شۇڭا ئېراننىڭ شۇنچە باشباشتاقلىقىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ ، چۈنكى ئۇلار بىلىدۇكى ئىران بىلەن باشقا سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۈشمەنلىكلىكى ھەرگىزمۇ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكتىن تۆۋەن ئەمەس . بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنى تېزگىنلىسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىقتىن پايدىلىنىدۇ ، سۈرىيە بەشىر ھاكىمىيىتى بولسا شىئە مەزھىپىدە ، خەلق سۈنئىي مەزھىپىدە ، شۇڭا ھاكىمىيەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق بولمىغاچقا ھۆكۈمەت خەلقنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرىۋاتىدۇ ، ئەگەر سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلسا بۇ يەردە بىر سۈنئىي مەزھەپ ھاكىمىيىتى قۇرۇلىدۇ . ئىسلام شىئە مەزھىپىدىكى دۆلەتتىن ئېران يالغۇز قالىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ يەردە تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ ، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق ئامرىكىنىڭ بىر-بىرىنى دۈشمەن قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسلۇبىغا زىت كېلىدۇ ، چۈنكى ئۇلار ھەممىلا يەردە ئۆزىنىڭ قورال كۈچى بىلەن تېزگىنلەشنى خالىسا تولىمۇ ھالسىراپ كېتىدۇ ، بۇ خۇددى پادا باققاندەكلا بىر ئىش ، پادىلارنى پادىچى يالغۇز توسىمەن دېسە بەك ھېرىپ كېتىدۇ ، ئۇنىڭغا بىرەر-ئىككى پادا ئىتى ھەمراھ بولسا ئۇنداق ئەمەس ، ئۇ شۇلارغا ئىشارەت قىلىش ئارقىلىق پادىلارنى ھەر تەرەپتىن توسالايدۇ ھەم بۆرىلەرگە ھەيۋە قىلالايدۇ . دېمەك ئېران يالغۇز ئامرىكىغىلا قارشى بولماستىن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭمۇ كۆزىگە قادالغان مىخ ، شۇڭا ئامرىكا بۇ تەرەپتىنمۇ پايدىلىنىۋاتىدۇ ، ھازىرقى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ ، شۇڭا بەھرەيندە ئىنقىلاپ بولغاندا سەئۇدىي پادىشاھلىقى ئەسكەر كىرگۈزۈپ بەھرەين سۇلتانلىقىنى قوغداپ قالدى ، ئامرىكا كۆزىنى يۇمۇۋالدى ، سەۋەب سۈرىيەگە ئوخشاش ، ئوخشىمايدىغانلا تەرىپى بەھرەين پادىشاھ جەمەتى سۈنئىي مەزھىپىدە ، خەلق شىئە مەزھىپىدە ، يەنى سۈرىيەنىڭ ئەكسى . شۇ چاغدىمۇ ئامرىكا مۇشۇ خىل تەڭپۇڭلۇق ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى كۆرمەسكە سالدى . ناۋادا ئەگەر ئامرىكا سۈرىيە ئىچىدىن غەربنى جان-جەھلى بىلەن قوللايدىغان بىرەرسىنى تېپىۋالغان بولسىمۇ يەنە ئىش باشقىچە بولاتتى ، ئەمما شۇنداقراق بىرسى چىقمايۋاتىدۇ . ئەمدى زۇڭتۇڭ سايلىمى دېگەنلەرگە كەلسەك بۇ ھەربىر مۇستەبىتنىڭ خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ ، تىنچلاندۇرۇش ۋاسىتىسى ، بۇ سايلام قارىماققا بار ، ئەمەلىيەتتە يوق بولۇپ قالىدۇ ، ئەينى چاغدا ساداممۇ ئۆتكۈزگەن بۇ خىل سايلامنى ، نەتىجىدە 100% ئاۋاز بىلەن ئېراق زۇڭتۇڭى بولمىدىمۇ ؟؟؟ مۇبارەكمۇ ئۆتكۈزدى ، 90 % ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭ بولدى ، سايلامغا ساختىلىق قىلىش دېگەن خەلقنى بىرسىگە مەجبۇرىي بېلەت تاشلاتقۇزۇش دېگەنلىكلا ئەمەس ، بۇنىڭ تۈرلىرى نۇرغۇن ، مەسىلەن ئەينى ۋاقىتتا مۇبارەك سايلام ئۆتكۈزگەندە سىزمۇ ناۋادا مىسىر خەلقى بولغان بولسىڭىز تەبىئىيلا مۇبارەككە ئاۋاز بەرگەن بولاتتىڭىز ، نىمىشقا ؟ باشقىلار يوقمۇ نامزاتلىققا ؟ بار . ئەمسە سەۋەب نىمە ؟ چۈنكى شۇ چاغدا مۇبارەكتىنمۇ باشقا ئالتە نەپەر نامزات بار ، ئەمما ئۇلار شۇ قەدەر ساددا ، بىچارە كىشىلەركى ئۇلارغا بىر دۆلەت ئەمەس ، بىر مەھەللىنىڭ دۈيجاڭلىقىمۇ ئارتۇقلۇق قىلىدۇ ، شۇ قەدەر ئىقتىدارسىز كىشىلەر ، ئۇلارنىڭ تېلىۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەنلىكىنى ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىلىرىغا بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلايدىغان بولسىڭىز بېلەت تاشلاپ بولغان بولسىڭىزمۇ قايتۇرىۋالاتتىڭىز . مۇبارەك ئەنە ئاشۇ قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە رىقابەتچى قىلدى ، بۇنداقتا كىشىلەرنىڭ يەنىلا مۇبارەكنى تاللىشى تەبىئىي... شۇڭا زۇڭتۇڭ سايلىمى دېگەندەكلەر بىر قۇرۇق ئېمىزەك خالاس ، ئەمدى بۇ تېمىدا سىز بىلەن تالاشقۇم يوق ، ئۇنىڭسىزمۇ قىلىدىغان ئىشلار كۆپ بىزگە . سىزگە تەكلىپىم : بىر ئىشلارغا باھا بېرىشتە يالغۇز بىر تەرەپنىڭلا ئاخباراتلىرىغا ئېسىلىۋالماڭ ، ئادەتتە ئاخبارات مەلۇم بىر تەرەپنىڭ كۆز-قارىشى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ . شۇڭا باشقا تەرەپلەرنىڭكىنىمۇ كۆرۈپ ئاندىن باھا بەرگەن تۈزۈك