kurax114 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:37 AM
كۇچا دىكى سىدىق قارى ھاجىمنى چۇ ؟ بىلسىڭىز مۇشۇلا ...
سىدىق قارىھاجىم بىلەن ئابلا دامۇللامنى مەن پەقەت ئىسلام ئالىمى دەپ بىلىمەن ، تەرىقەتنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن .
سىزنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىش ئېغىر گۇناھ دىگىنىڭىز بەك توغرا گەپ ، مەن ئامالسىز ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۇپ قۇيۇشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم .
سىز ئاپاق خوجىنى تىللىغانلارنىڭ قۇلىدىكى ماتىرىيال ئىشەنچىلىك ئەمەس دىگىنىڭىزدەك ئۇنى قوللىغانلارنىڭ قولىدىكى ماتىرياللارمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس ، چۈنكى تارىخنى غەلبە قىلغۇچىلار يازىدۇ ،بىز پەقەت تەسەۋۋۇر قىلالايمىز ، سىز بىلىسىز ، خەلقىمىزدە بىدىئەتكە ئەگىشىش بەك ئېغىر ، ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە توردىن كۆرگەن ياكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كىتاۋىدىن كۆرگەن گەپلەرنى دەپ بەرسەك كىشىلەر يەنە ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ قان - قېنىغا سىېىپ كەتكەن ،
‹‹ مەمتېلى ئەپەندى ›› دىگەن كىتاپتىن شۇ چاغلاردا دىيارىمىزغا كەلگەن بىر تاتار ئالىمىنىڭ ‹‹ ئىسلام دىنى بۇ جايغا كەينچىلەپ كېرىپتۇ ›› يەنى ئەسلى ئىسلام قېلىپ ئىسلامدا يوق نەرسىلەر كۆپىرەك كىرىپتۇ ، دىگىنىنى كۆرگەن ئېسىمدە ، بىزدىكى خاتا چۈشەنچىلەر ، بىدىئەتلەر نەدىن پەيدا بولۇپ قالدى ؟
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ( ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ) بىزگە يەتكۈزگەن ئسلام بەك ئاددى ، بەك گۈزەل ، بەك پاك ، ساغلام ئىدى ، كىيىنكىلەر ئۇنى نىمە قىلىپ قويدى ؟
دىننىي ئالىمنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرگە دىننى توغرا يەتكۈزۈش ئىدى ،ئاپاق خوجىنىڭ ئىلىمى بار ،
لىكىن ئىلىمىنى توغرا ئىشلەتمىگەن ئادەم دەپ قارايمەن، پەقەت كەسىپ ئەھلىنىڭ گېپىنىڭ ۋەزنى بولىدۇ ، كىشىلەر ئۇنى ئىتتىك قۇبۇل قىلىدۇ ، ئاپاق خوجا شۇنچىلىك تەسىرگە ئىگە ئادەم بولغاچقا نامى بىزگە قەدەر كەلدى .
پەيغەمبىرىمىز ‹‹ ئىسلامدا مەن دىمىگەننى دىگەن ئادەم پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلغان بىلەن ئوخشاش›› دىگەن ، بىزنىڭ دىيارىمىزغا بۇ سۇپىزىم دىگەن نەدىن پەيدا بولدى ؟ بىزدىكى بىدىئەتلەر نەدىن پەيدا بولدى ؟