kurax114 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:56 PM
ماڭ قاراڭ بۇرادەر شەيتان دەپ قۇيۇڭ .ئەپسۇس مەن ئۇچ ...
بىزمۇ كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، كەمتەر، سىپايە، قورۇقماس، بىلىملىك ۋە ھالال ياشاۋاتقان كىشىلەرنى . مەنلا ئەمەس ھەرقانداق بىر ئەقلى - پىكرى جايىدا ئېنسان ئۇنداق كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ، ھەۋەس قىلىدۇ. ئەمما مەن ئۇنداق كىشىلەرنى ئاپپاق غوجىنىڭ يولىنى تۇتقان دەپ قارىمايمەن. ئەڭ ئەقەللى ئۆلچەم شۇكى ، دورۇس ئېنسانلار ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى زىدىيەتكە ، ئىختىلاپقا يېتەكلەيدىغان سۆز -ھەركەتلەردە بولۇشنى توغرا كۆرمەيدۇ. ئاپپاق غوجا ئۇ قەدەر نوقسانسىز ، ئىجابى روھ ئەمەس بىزگە تىرىلدۈرۈپ بەرسىڭىزمۇ ئاپپاق غوجا سوپىلىرى بىلەن كېلىپ بىزنى يەنىلا شۇ جاھالەت يولىغا باشلايدۇ.
باشقا مۇسۇلمان ئەللەردە تىرىلگەن ئاپپاق غوجىلارمۇ شۇنى قىلىۋاتمامدۇ..؟؟!! بىز تېخى ياش لوتپۇللانىڭ ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ، تەۋپىقنىڭ قىممەتلىك روھىنى ھېس قىلالىغۇدەك ئاڭ -ساپانى ھازىرلىمىدۇق، ئۇندىن ئۇلۇغ روھلىرىڭىزغا بەك سېغىنغۇڭىز كەلسە، تۇپراق بېشىدا يالغۇز تۈنەپ ئۆزىڭىز سېغىنىۋىلىڭ ، بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ مىڭىسىنى ئېلەشتۈرمەي..!!