lerika0996 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 09:58 PM
كەچۈرۈڭ مىنىڭ ئەسلى ئىنكاس يازغانلارغا رەدىيە بەرگۈم ...
بىلسىڭىز سىز بۇ ئىشتىن ئىنتايىن مۇھىم نەرسىنى ھېس قىلالايسىز! بەلكىم بۇ ئوغۇل بالا بىلەن تونۇشۇپ ئارلاشقىڭىز باردۇ ھازىر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، باشقا كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بولمايدىغانلىقىغا ھەر ئىككىڭلار كاپالەت بولالمايسىلەر ھەم ئۇنداق قىلىغىلىمۇ بولمايدۇ رىئال دۇنيادا.
سىزنىڭ بۇ يازمىنى يوللىشىڭىزدىكى مەقسىتىڭىز « مەن قانداق قىلىشىم كېرەك » دىگەن مەزمۇندا بولسا:
ئۇنداقتا سىزگە تەۋسىيە:
1. دەرھاللا ئۇ بالىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ!
ئالي مەكتەپ تۇنجى يىلىكەن، يەنە نۇرغۇن ئارزۇلىرىڭىز سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. نەق گەپ ھازىر سىزنىڭ ئۇ ئىشلارغا ئەھمىيەت بىرىدىغان ۋاقىتىڭىز ئەمەس. ئەگەر ۋاقتى دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ سىز ئۇ بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان مۇھەببتىڭىزنى تولۇق چۈشەنمەيسىز، يەنىلا زىيان تارتىسىز.
2. ھېسياتنىڭ قۇلى بولماڭ!
سىز ئۇ ئوغۇل بالىنى ئۇنتۇپ كەتكەندە، ئۆزىڭىزنىڭ ھېسيات ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىگەنلىكىڭىزنى چۈشىنىپ يىتىسىز. ئاتالمىش خيالى مۇھەببەت دۇنياسىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىپ قالسىىز. بۇ سىزگە قايتا بىر ئۆمىد بېغىشلايدۇ. ئەڭ مۇھىمى يەنە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. سىز ساۋاقداش ياكى دوسلىرىڭىز بىلەن نۇرمال مۇناسىۋەتتە ئالاقىلاشىڭ، باشقىلارنى چۈشىنەلەيسىز. لىكىن ئالدىراپ باشقىلاغا كۆڭۈل بەرمەڭ!
يۇقارقىلارنى قىلىش بەكلا ئاسان بۇنىڭ ئۈچۈن:
1. كەلگۈسى پىلانىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ.
2. شۇ پىلانغا يىتىش ئۈچۈن زۆرۈر نەرسىلەرنى يېزىپ چىقىڭ.
3. ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
4. دوسلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلشىپ تۇرۇڭ.
5. دوسلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئايرىيالايدىغان بولۇڭ.
......
يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ يىراقىتىكى ئاتا-ئانىڭىزدىن ئايرىلىپ يات بىر جايدا نىمە قىلىۋاتقالىقىڭىزنى، نىمە كەلگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولدى!