مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bozqir

-[بوزقىر] ئۈچ ئالىمنىڭ سۆھبىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:19:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
totem يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 01:20 PM
جۇ ۋۋېيچۇن ماقالىسىدا كىملىكتىكى مىللەت تەركىبنى چىق ...

ما ئىنكاسىڭىزنىڭ  جېنى باركەن  ....

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:22:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەقەللىي تەرەققىياتىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايىتتى. بۇ سېياسەتنىڭ يولغا قويۇلىۋاتقىنىغا 60يىلدىن ئاشتى. ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى
ماۋۇ گەپلىرى  ماڭا  ياقمىدى  ماگاداينىڭ  ،،،بىز  بۇلارغا  مەدىنيىتىمىزنى ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ  بەر  دىدۇقمۇ  يا  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27429
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 02:13:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيمەن. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاز سانلىقلارمۇ مەدەنىيەتتە ئارقىغا چېكىنىپ ، ئىپتىدائىي ھالەتكە قايتىپ ، قىپ يالىڭاچ پېتى تاغ-ئورمانلىقلارغا كىرىپ كەتمەپتىغۇ؟...دا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 03:31 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78815
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 02:41:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارقىدا قالغان مەدەنىيەت دەپ قانداق مەدەنىيەتنى كۆزدە تۇتىدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟
قانداق مەدەنىيىتى ئالغا باسسا ئاندىن مەدەنىيىتى ئىلغار مەدەنىيەت دىيىلىدۇ؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73338
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 340
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-1-17
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:38:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەت ئەمەلىيەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمىدۇر. مىنىڭچە بۇ ئىنىقلا ئاستىرتتىن قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىق، مۇشۇنداق ئۈچ-تۆت ئاقنانچىنى ئالجوقا جۆيلىتىپ، جامائەت پىكىرى توپلاپ سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتۇشقا ئالدىراۋاتقان سىياسىي ئەرباپلارمۇ يوق ئەمەس. بەزىلەر قاچان بىر شاتراقلاركىن دەپ بىزدىن غەم يىمەي ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭكىنى پاك-پاكىز ئىرىغدىسۇن. خەلقارادا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئاللىقاچان ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىپ بولدى، بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىنى قوغداش شۇ رايۇن ۋە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتلىك ئورنىنى بىكىتىش، شۇنداقلا كۆپ مىللەتلىك جەمىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەرەر تەلەپ، ئەجىبا بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش سىياسىتى 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدىيۇ، رەسمىي ئاۋازغا قويۇلۇپ ئىلان قىلىنغان مۇقەددەس قانۇننى نام-شۆھرەت ۋە مەنپەئەت تاماسىدا پىتنە-پاسات تارقاتقۇچى ئاتالمىش سىياسىي ئەرباپلارنىڭ ھاماقەتلەرچە پىكىرى بىلەنلا ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شۇنچە ئاسانمۇ؟ قانۇن خالىغانچە ئىلان قىلىپ يولغا قويۇلدىغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇردىغان ئاددىي ئۇقۇممۇ؟ نەزىرىمىزنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا ئاغدۇرغىنىمىزدا، جەمىيتىمىزدە تەخىرسىز ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەمەلىي مەسىلىلەر نۇرغۇن نۇرغۇن، نىمە ئۈچۈن نامراتلىق، پارىخورلۇق، ئاجىزلارغا ھەيۋە كۆرسۈتۈپ بوزەك قىلىش، ئىنسانىي مىھرى-شەپقەت يوق بولۇش، نام-شۆھرەت ۋە پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن شەكىلۋازلىق، كۆز بويامچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلىش شۇنچە ئەۋجىگەچىقتى؟ ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي ئىسلاھاتى قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستىمىسى نىمىشقا تىخىچە مۇكەممەل ئەمەس؟ قانۇن-تۈزۈمنى ھەقىيقى ئادىل يۈرگۈزۈش نىمىشقا بۇنچە تەس؟ نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كىرەكمۇ-يوق؟ بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاش كىرەكمۇ-يوق؟ قاتارلىق بىر قاتار تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆتكۈنچى جەمئىيەت ھادىسىلىرى ۋە تۈزۈلمىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش يولىدا باش قاتۇرماستىن، جەمىيەت ئىناقلىقىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتپاقلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى بۇزۇپ چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈشكە قۇترىتىش تولىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق، كالتا پەملىك ۋە سىپى ئۆزىدىن پەسكەشلىك بولامدۇ قانداق؟ ئۇلاردىن باشقا مۇلاھىزە قىلغۇدەك ئەرباپ يوقمۇ ياكى باشقىلارنىڭ لاياقىتى يوقمۇ؟ ئازسانلىق مىللەتلەردىن بىرمۇ مۇلاھىزىچى يوقمىكەن؟ ئۇلار نىمە دەپ جۆيلىسە شۇ بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ جۆيلۈشلىرى كىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەممە كىشىگە مۇنداق نازۇك ۋە سەزگۈر مەسىلىگە قارىتا شەخىسنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى تارقىتىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بىرەمدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئويلىماي قالمايدۇ. دۆلىتىمىز بولسا قانۇن-تۈزۈم دۆلىتى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلار ئالدىدا باپپاراۋەر. قانۇن-سىياسەتلەر دۆلەت ۋە خەلق مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلىدۇ. مىللىي تىروتورىيىلىك ئاپتۇنومىيە قانۇنى ۋە بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەن. تىخى ئەمدى قورسىقى تويۇپلا ئىقىمغا قارشى شۇئار توۋلايدىغان مۇشۇنداق ھاڭۋاقتى، ئاقنانچى كىشىلەرنىڭ قىلىدىغانغا ئىش يوق يىپچى خوتۇنلاردىن نىمە پەرقى. مەسىلىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تەكشۈرمەستىن، خىيالىي تەسەۋۇرىغىلا تايىنىپ يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىرغان ئاشۇ بىر نەچچە كىتاپ خالتىسىدا ھەقىقىي تۈردە ۋەتەننى سۆيىدىغان يۈرەك بارلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. بۇ ئىنىقلا غەرپ دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ئۇلارغا يانتاياق بولغانلىق،دۆلەت بىرلا مىللەتنىڭ دۆلىتى ئەمەس، جۇڭخۇا ئىلىنى56 مىللەت ئورتاق قۇرۇپ چىققان.سۆزلەڭ دىسە شۇنچە پەخىرلىنىپ سۆزلەيدىغان 5000يىللىق پارلاق تارىخنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان. قارىغاندا بۇ ئاتالمىش ئەدىبلەرنىڭ مىللەتچىلىك ئىددىيىسى بەك كۈچلۈككەن. بۇلار دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چوڭ ئاپەت كەلتۈرگۈچىلەر، بۇنداق ماڭقۇرتلارغا قاتتىق زەربە بىرىش كىرەك. قارىسام بۇ ئاتالمىش ئەدىبلەر ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق يىللىرىدا تېخى تۇغۇلمىغان ياكى ھەر مىللەت خەلقى مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ جاپالىق كۆرەش قىلغان ئاشۇ تارىخىي سىناقلارنى باشتىن كەچۈرمىگەن، «جۇڭخۇانىڭ 5000يىللىق تارىخى، دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت تۈزۈمى» قاتارلىق كىتاپلارنى ئوقۇمىغان بولسا بۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ قەدرىگە يەتمەسلىكى مۇقەرەر. بۇ كىتاپ خالتىلىرى ئوقۇيدىغانلىرنى تولۇق ئوقۇماي، مۇشۇنداق سەزگۈر مەسىلىلەردە ھەقىقىي ماھىيەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ يۈزەكى يەكۈنلىرى بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ نام  چىقىرىشقا ئالدىراشلىرىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم. ئوخشىمىغان مىللىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداشنىڭ ئورنىغا ئاسلىماتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇش جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۈملىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا يوقۇتۇش خاراكتىرلىك ئاپەت كەلتۈرگەنلىك. ھىلىمۇ ياخشى دۆلىتىمىز ب د ت نىڭ دائىمىي ئەزاسى، شۇنداقلا 5000يىللىق قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن«دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە  تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى» ۋە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى»غا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىلگىرى كىيىن «ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قانۇنى» ۋە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى» نى ئىلان قىلىپ يولغا قويۇۋاتىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دانا، توغرا رەھبەرلىكى ۋە تۈرلۈك قانۇن-سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇپ ئادىل يۇرگۈزۈلىشى خەلقنى خۇشال قىلىپ سۆيۈندۈرسە، ئەكسىچە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۇلۇغ گۈللىنىش،تەرەققىيات يولىغا مىڭىشىدىن، مۇشۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەت ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە كۆرەلمەسلىك قىلىپ، تەشۋىشكە چۈشكەن ئاز ساندىكى ماڭقۇرتلار دەماللىقتا جىددىيلىشىپ چىچاڭ ئىتىشى تەبىئىي ئەھۋال. ئۇنتۇپ قالمايلى بۇنداق ماڭقۇرتلار ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى پارچىلاش، چوڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان ئاسىي دۈشمەن. پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىز بۇنداقلارنىڭ ئاتىكاچىلىق قىلىپ يول كۆرسىتىپ بىرىشگە مۇھتاج بولغۇدەك ئورۇنغا چۈشۈپ قالغىنى يوق. خەلق تىچ-خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشقا تەلپۈنىدۇ. بىز پارتىيىگە ئەگىشىپ پارتىيە كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يولدا مىڭىۋىرىمىز، ھەسەت ئوتلىرى كۆرەلمەسلەرنىڭ ئىچ باغرىنى ئۆرتىسۇن، قاۋاپ قاۋاپ ھالىدىن كەتكەندە ئاندىن ئۈنى ئۆچىدۇ. ئىت قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا مىڭىۋىرىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawa0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 12:52 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uytag + 99 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 17318
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6794 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يىللادا،مەن چەتئەللىك بىر ئالىمنىڭ ‹‹جوڭگۇنىڭ 21-ئەسىردىكى داۋالغۇشلار››دەپ بىر كىتابىنى ئۇقۇغان ئىدىم.ئۇ كىتابتا 1980-يىلى دۆلەت رەھبىرى دىڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش،جوڭگۇنىڭ 20يىللاردىن بىرى ئالەمشۇمۇل تەرەقىياتى،كەلتۈرگەن مۇۋەپىقىيەتلەر،جوڭگۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى بىلەن 20يىللىق تەرەقىيات مۇساپىسىنى سېلىشتۇرۇپ،ئەتراپلىق،ئىلمىي چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن،ئۇ چەتئەللىك ئالىم كىتابنىڭ خۇلاسە دېگەن يېرىدە مۇنداق بىر مەزمۇننى كۆرگەن ئىدىم:
دىڭ شىياۋپىك ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىپ،جوڭگۇنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى،جوڭگۇ خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن ھەسسىلەرنى قوشتى،لېكىن،ئۇنىڭ كەمچىلىكى،ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىش توغۇرسىدىكى ئۆزگەرمەس،تەۋرەنمەي ماڭىدىغان ئاساسىي لۇشىيەننى ئۆزگەرتەلمىدى،21-ئەسىردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايۇندىكى خەلق توپىدا كۆچمە نۇپۇسلارنىڭ شىددەت بىلەن ئېقىپ كېرىشى،مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىدىيەتنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىشىگە باش ئامىل بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.ئاساسىي لۇشىيەندە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش،ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا بەلگۈلۈك سىياسەتلەرنى شۇ ۋاقىتتا چىقارمىغانلىق،ئىسلاھات،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش توغۇرسىدا سۆزلەر كۆپ بولسىمۇ،لېكىن،ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتە مىللەت مەسىلسىنى ئويلاشمىغان ھەم بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.بۇ كەمچىلىك كېيىنكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بېشىنى تېخىمۇ قاتۇرۇپ،ھەرخىل ئادەم ئويلاپ يەتكۈسىز بولغان خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ چىقىش مۇمكىن....
مەن ئۇ كىتابنىڭ خۇلاسە باسقۇچىدا كۆرگەنلىرىمنى زاغرا تىلدا دېۋاتىمەن خالاس،نېمىلا دېگەن بىلەن،تەرەقىيات باسقۇچىدا بۇرۇن كۆرۈلگەن،ئويلاشمىغان نۇقسانلار كېيىنكى قېتىمدا ئېغىر پۇتلىكاشاڭ بولدىكەن.....


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27429
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 09:44:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

               مىللەتلەر سېياسىتىدە ئەكسىچە كەمسىتىش مەۋجۇت ئەمەس

                                                تۇرۋېنجان تۇرسۇن

      ئاپتور : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  كاندىدات تەتقىقاتچىسى

                                            بوزقىر  تەرجىمىسى

    موھىم مەزمۇنى : نۆۋەتتە پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنىلا كۆرۈپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلارنى ئاساسىي ئېقىم قىلغان جەمئىيەتتكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا تۆلىگەن تېخىمۇ كۆپ بەدەل ۋە تىرىشچانلىقلىرىغا كۆز يۇمىدىغان ئاتالمىش«ئەكسىچە كەمسىتىش» ھەققىدىكى سۆز ئىبارىلەر مەيدانغا چىقماقتا.  نۆۋەتتە جەمئىيەتتكى ئەرلەرنىڭ ھوقۇق جەھەتتە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىۋاتقان ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنە داۋاملىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئەر-ئايال باراۋەرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ناھايتى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا بەزىلەر ئاياللارغا بېرىلگەن بەزى ئېتىبارلارغا قاراپلا بۇنى «بۇ ئەكسىچە ئەرلەرنى كەمسىتكەنلىك» دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك.

    نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر بېلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ خەنزۇلار ئاممىسىغا قارىتىلغان «ئەكسىچە كەمسىتىش» دېگەن ساەدالار پەيدا بولىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە يالغۇز ئاۋام ئىچىدىلا بەھىس-مۇنازىرە قوزغاپ قالماستىن يەنە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدىمۇ يۇقۇردىكى كۆز قاراشنى قوللايدىغانلار مەيدانغا چىقماقتا.
قارىماققا «ئەكسىچە كەمسىتىش» دېگەن كۆز قاراشنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق داۋلىسى باردەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى رېئاللىق ۋە كېيىنكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن.جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى چەت-يىراق چېگرا رايون ياكى تاغلىق رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان. ئۇ رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى جاپالىق، تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن. يەنە كېلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىختا ئىزچىل ئېزىلىپ كەلگەچكە ئاز سانلىق مىللەتلەر بېلەن خەنزۇلارنىڭ ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باراۋەرسىزلىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنى ئالاھىدە يولغا قويغان. بۇ ماھىيەت جەھەتتىن باراۋەر رىقابەتكە يېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتى 60يىلدىن ئارتۇق يولغا قويۇلدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن ئەشۇنداق بەھىس-مۇنازىرە ۋە كۆز قاراشلار مەيدانغا كېلىدۇ؟ بۇنىڭ بەلكىم تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەبى بولسا كېرەك :
    1-بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا بايلىق مەنبەلىرىنى تەقسىملەشكە بولغان بېسىم ئېشىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىگە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى جىددىي لەشكەچكە نۇرغۇن ئاۋام-پۇقرالار بايلىق مەنبەسىنى ئىقتىدارغا قاراپ تەقسىملەش كېرەك دەپ قارىدى.
    2-يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە بەزى يېڭى ئەھۋاللار كۆرۈلدى، قىسمەن رايونلاردا دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋامنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولدى،ئۇلار ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە شۇنچە كۆپ ياردەم قىلسىمۇ ئەمما ئۇلار ھۆكۈمەتكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرمىدى ، دەپ قارىدى.
    3-دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋامنىڭ شەخسىي مەنپەئەتكە بولغان تونۇشىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بەزىلەر قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىدى.
    ئەمەلىيەتتە ،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر سېياسىتى قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك ۋە رىقابەت پىرىنسىپلىرىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن مەڭگۈلۈك قانۇنىي پىرىنساپلار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىغا بېرىلگەن ياردەمدۇر، ئۇ بىر خىل تولۇقلىما خارەكتىرلىك ۋە ۋاقىتلىق خارەكتىرىگە ئىگە مىللەتلەر سېياسىتىدۇر.
     ئامېرىكا 1965-يىلىدىن باشلاپ «مۇئەييەنلەشتۈرۈش خارەكتىرلىك ھەركەت» سېياسىتىنى يولغا قويۇپ ، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش، ھۆكۈمەت قەرز مەبلىغىغە ئېرىشىش ۋە تەقسىملەش جەھەتلەردە ھۆكۈمەت قارا تەنلىكلەر،ئىندىئانلار، لاتىن ئامېرىكىسىلىقلار، ئاسىيالىقلارنىڭ پۇشتىغا ھەمدە ئاياللارغا ئالدىن ئېتىبار ھوقۇقى بەرگەن.بۇنىڭدىكى مەقسەت ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇزۇن مەزگىل كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پۇشتى ۋە ئاياللارنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن تېگىشلىك ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر.ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر سېياسىتى بېلەن سېلىشتۇرساق ئېلىمىزدىن 10نەچچە يىل كېيىن تۇرىدۇ.
     ئەمەلىيەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو 60يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنى پەيدىن پەي ئازايىتقانكى ئۇنى كۆپەيىتمىگەن. ھازىرقى ئارتۇق پەرزەنىت كۆرۈش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئېتىبار سېياسىتىدىنلا ئۇنىڭ ۋاقىتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
     گەرچە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر ناھايتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما خەنزۇلار بېلەن بولغان پەرىق يەنىلا مەۋجۇت. بۇنىڭ نۇرغۇن ئوبىيېكتىپ سەۋەبلىرى بار.مەسىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى،چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىشتە ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە خەنزۇ ، ئىگلىز تىللىرىنى پىششىق بىلىشى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بېرىشى كېرەك. پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنىلا كۆرۈپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلارنى ئاساسىي ئېقىم قىلغان جەمئىيەتتكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا تۆلىگەن تېخىمۇ كۆپ بەدەل ۋە تىرىشچانلىقلىرىغا كۆز يۇمىدىغان ئاتالمىش«ئەكسىچە كەمسىتىش» ھەققىدىكى سۆز ئىبارىلەر مەيدانغا چىقماقتا.  نۆۋەتتە جەمئىيەتتكى ئەرلەرنىڭ ھوقۇق جەھەتتە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىۋاتقان ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنە داۋاملىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئەر-ئايال باراۋەرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ناھايتى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا بەزىلەر ئاياللارغا بېرىلگەن بەزى ئېتىبارلارغا قاراپلا بۇنى «بۇ ئەكسىچە ئەرلەرنى كەمسىتكەنلىك» دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك.
      دېمىگراتىك تۈزۈمنىڭ تۈپكى ماھىيىتىمۇ ئازسانلىقلارنى سىغدۇرۇش ۋە قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.جۇڭگونىڭ مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە  مىللەتلەر سېياسىتى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا يولغا قويۇلغان. ئاز سانلىق مىللەتلەر پەقەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %5نى ئىگىلەيدىغان بىر دۆلەتتە مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە  مىللەتلەر سېياسىتىنى تۇرغۇزۇش ۋە يولغا قويۇشقا ئەرزىيدۇ.

http://opinion.huanqiu.com/roll/2012-03/2529409.html

ئەسكەرتىش : ئەسلى مەنبەدىكى خەنزۇچە ماقالىدە « تۇرۋېنجان تۇرسۇن» نىڭ ئىسىم-فامىلىسى «吐尔文江•吐尔逊» دەپ ئېلىنىپتۇ. بۇ بەلكىم « تۇرغۇنجان تۇرسۇن»بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ تەرجىمىدە ئەسلى مەنبەدىكى خەنزۇچە بويىچە « تۇرۋېنجان تۇرسۇن» دەپ ئېلىندى. بىلىدىغانلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشىنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 09:54 PM  


ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27429
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نىڭ مەسئۇلى، ئوت-يۈرەك ئوغلانىمىز ۋاپادارىم،  11 – نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4 – ماي مېدالى ›› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ 10-ئاپىرىلدىن باشلاپ توردا بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرگەندىن بېرى كەڭ تور جامائەتچىلىگىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى ۋە يېقىندىن كۆڭۇل بۆلۇشى بىلەن بىر قەدەر ياخشى نەتجگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە بېلەت تاشلاش باسقۇچى   ئاخىرلىشىش ئالدىدا  تۇرماقتا، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر كۈنلۈك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەيساجانغا بولغان  قوللىشىمزنى ئەمەلىي ھەرىكتمىز بىلەن بىلدۇرسەكمىكىن. ئەيساجاننىڭ بۇ قېتىملىق غەلبىسى بىز تورداشلارنىڭ قولىدا، بىر ئاز قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرتىپ بۇ ساخاۋەتچى ئۈچۈن ئاخىرقى بىر نەچچە بېلەتنى تاشلاپ قويغايسىز!

http://chengxu.iyaxin.com/newx2/vote/poll.php?id=3


مەن 4605-بېلەتنى تاشلىدىم.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9730
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7297 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:23:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 11:45 PM
مەن قويلۇرىمنى دەريادىن كەچكۈزۈپ ئۆتكۈزمەك بولۇپ دەري ...

سىز كۆرسەتكەن چارىغۇ بەك ياخشى چارە ئىدى ،ئەپسۇس ، ساغلىغىنى ئۆلتۇرسەم ،قوچقىرى يەنە بىر ئۈسكەك  پاخلان تەييار قىلىپ قويۇپتۇ ،ھەممىنىلا سويىۋىتەي دېسەم ، باشقىلار مېنى قاسساپمىكىن دەپ قالاردىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن .سىزچە قانداق قىلسام بولار ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27429
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:08:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-4-15 11:23 PM
سىز كۆرسەتكەن چارىغۇ بەك ياخشى چارە ئىدى ،ئەپسۇس ، سا ...

ھازىر دېگەن ئۇچۇر دەۋرى ، ھەممە قويلىرىڭىزنى سويىۋەتسىڭىز سورىغى بولىدۇ.ھۆددىسىدىن چىقالمايسىز. بەك كېچىكىپسىز. ئىزدەك -سورىغىنى قىلماستا پاك-پاكىز سويىۋېتىدىغان گەپتى. ئەمدى مىڭ پۇشمان قىلغان بېلەن بىكار.
ھازىرقى بىردىن بىر چارە قويلىرىڭىزغا زورلۇق ئىشلەتمەي ئوت-سۈيى مول يەردە ئەركىن يايلىتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۈسكەك پاقلان، قوشقارلىرىڭىزمۇ سىزنى ئۈسمەيدۇ. ھايۋان دېگەندىمۇ ئەقىل بولىدۇ. ئۇ قانچە زورلۇق ئىشلەتسىڭىز سىزگە شۇنچە ئارام بەرمەيدۇ، ھەتتا سىزنى چارچىتىپ ئۆلۈتۈرىۋېتىشى مۇمكىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش