قانداق بولۇپ كەتتى بۇ جاھان . شۇنچىلىك گەپكە چىدىماي بىر بىرسىنى يارلاندۇرغىچە ، ‹ قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا › دەپ ئىشىنى قىلسا بولمامدۇ دەيمە . ئۇ ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا يا ئۇ ئالاتتى ، يا بۇ ئالاتتى .
ئەمدى بىرسى ئۇ دۇنياغا كەتتى ، ئۇ قىزنى ئالالىشى مۇمكىن ئەمەس .
يەنە بىرسى تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئولتۇرىدۇ ، يۇلتۇز ساناي دېسە يۇلتۇز يوق ، ۋاسىسىنى ساناي دېسە ، ئۇ ئۆي ۋاسا جۇپ ئەمەس ، ئۇنىڭ ئالالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس .
پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي بىر ئۆمۈر ھەسرەتتە ئۆتەر بولدىدە .
يېقىن دوست بولغانكىن چاخچاق قىلىشىپ گەپنى باشقا ياققا بۇراپ يولىنى داۋام ئەتسە بولمامدۇ دەيمە .
گۆدەكلىك قىپتۇ .