coral يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 02:31 PM
信息管理与信息系统专业سىز دىگەن بۇ ئۇچۇر باشقۇرۇش كەسپىنىڭ قاند ...
بۇنى بىلىشنىڭ نەرى تەس. بۇنى ئوقۇسىڭىز ياخشى ئۈگەنسىڭىز يۇقىرى سەۋىيلىك تېخىنىك بولسىز، بولمىسا شۇ كاتىپ بولاسىز
لىكىن ھەقىقى ئۈگەنگۈچىگە ئىستىقباللىق كەسىپ، يەنىلا سىز ئۈگەنمەڭ، قىزلارغا تاس ماس كەلمەيدۇ.
نىمىشقا بۇنىڭغا قىززىقىپ قالدىڭىز؟
مەن سىزنىڭ كىيىنكى نىشانىڭىزنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. سىز قارىغاندا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قانداق قىلىپ ئاسانراق خىزمەت تاپالامەن دەپ ئويلاۋاتقان ئوخشايسىز. ئەگەر راسلا شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز، كەسىپ ئالمىشىمەن دىمەي ئوقۇۋىرىڭ! پۈتتۈرۈپ كەلسىڭىز ئىمتىھانلار كۆپ،يا مەمۇر بولسىز، يا ئوقۇتقۇچى....
مەن سىزنى ياخشى كەسىپنى تۇتۇپ ئوقۇپ، چەتئەلدە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇماقچى دەپ ئويلاپ تەكلىپ بەرگەن. قارىغان بۇ سىزنىڭ گۆدەكلەرچە غايىڭىز ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنمەيمەن، چۈنكى سىز تېخى ئالي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلىدا ئوقۇۋىتىپسىز، نىمىلا دىگەن بىلەن كىچىك. ئۆزىڭىزدىن گۇمانلىسىز، چىقىمەن دەپلا چىقىقىلى بولامتى دەپ. ئەپسۇس كەسىپىڭىزنى ياخشى ئوقۇپ، چەتئەل تىلى ئىمتىھانىدا يۇقىرى نۇمۇر ئالسىڭىزلا، پۇرسەت كۆپ. تېخى مۇكاپات پۇلى بىلەن چىقالايسىز!
بۇنى قانداق قولغا كەلتۈرەلەيسىز؟
1. ئاۋال تاللىغان كەسپىڭىزنى ياخشى ئوقۇيسىز.
2. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ئىلمى ماقالە ژورناللىردا كەسىپىڭىزگە ئائىر ھەرخىل ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرسىز. چەتئەل ئۇنىۋېرستېتىلىرى مەكتىپىڭىز تارقىتىپ بەرگەن قىزىل تاشلىق دىپلومىڭىزدىن بۇ نەرسىلەرگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
3. چەتئەل تىلى ئۈگنىسىز. قايسى تىلىنى ئۈگنىشنى ئەسكەرتىشىمنىڭ زۆرۈرىيتى يوق بەلكىم. سىز مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئايلتىس ياكى توفىل ئىمتىھاندىن يۇقىرى نۇمۇر ئالالىغىدەك ئۈگنەلەيسىز. ئايلتىس ئىمتىھانىدا 7 دىن يۇقىرى نۇمۇر ئالالىسىڭىز، ياۋرۇپادىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئىشكى سىزگە ئوچۇق. مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىرشەلەيسىز.
.......
شۇنچىلىك ئىش، پەقەت ئىشەنچىڭىز بولسا، تىرىشسىڭىزلا قىلالايسىز.