xamal22 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 10:03 PM
''مەن پەقەت پۇل تېپىشقا ئىشلىگەن بىلىمنىلا ھەقىقى ...
قەيرى قىززىق تۇيۇلدى ؟
نۇرغۇن كىشىلەر بىل گەيتىسنى ئەقىللىق ئادەم دەپ قول قۇيىدۇ ، ئەمەلىيەتتە
ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇلى بولغاچ شۇنداق قارايدۇ . ناۋادا ئۇ ئەقلىنى پۇل تېپىشتىن
باشقا ئىشقا قارىتىپ يۈرگەن بولسا ھېچكىم ئۇنى ئەقىللىق دىمەيدۇ . پۇلى كۆپ
ئادەمنى ئەقىللىق دېيىش ئەمەلىيەتتە پۇلنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، چوڭ بىلگەنلىك
بولماي نېمە ؟
پۇل مۇھىممۇ ، بىلىممۇ ؟
ئەلۋەتتە بىلىم مۇھىم .
ئۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن بىلىملىك كىشىلەر بايلارغا ئىشلەيدۇ ؟
بايلار ئەجەب بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىمەيدىغۇ ؟ كۆپچىلىككە مەلۈم ،
ئالىم ، پەيلاسۇپلار ھەمىشە بايلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن پالاقلاپ
يۈرسىمۇ ، ئەمما ، بايلار بىلىملىك ، ئەقىللىق كىشىلەر ئارىسىدا مەغرۇر
يۈرىيدۇ .
بۇ ناھايتى ئاددى ــ ئەقىل ـ پاراسەتلىك ئادەملەر پۇلنىڭ قىممىتىنى
بىلىدۇ ، ئەمما بايلار بىلىمنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇدە ؟
بىلىملىك كىشىلەر پۇلنىڭ قىممىتىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق نىمە ئۈچۈن ئۆز
بىلمىگەتايىنىپ پۇلتاپمايدۇ ؟ ئۇ پۇلنىڭ قىممىتىنى بىلگەن بىلەن بايلارغا ئىشلەپ ئازر
اق نەپكە ئېرىشمەكچى بولغان . قېنى دەپ بېقىڭە ! بۇنداق بىلىمنىڭ ، ئەقىل ـ
پاراسەتنىڭ نىمە رولى بولسۇن ؟
ئۇ ، ئەقىل ـ پاراسەت دېگەن نامغا لايىقمۇ ؟ شۇنداق ئىكەن پۇل تېپىشقا
ئىشلىگەن بىلىم ۋە بايلارنى ھەقىقىي ئەقىل ـ پاراسەتلىك كىشى دېسەك
خاتالاشمايمىز ، پۇل تېپىشقا ئىشلىمىگەن ئەقىل بىلىم ، ئۆلۈك بىلىم ۋە ئەقىلدۇر .
بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى ئامرېكا سانائەت پىشۋاسى ، فورد ئاپتومۇبىل
شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېنرى فورد نىڭ بەزى كۆرەلمەس دۈشمەنلىرى ،
باشلانغۇچنىڭ 6 ـ سىنپىغىچە تۈزۈك ئوقۇيالمىغان فوردنى بىلىمسىز دەپ سۆز ـ
چۆچەك تارقاتقان .
بۇ دېلو ئاخىرى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلغان . سوتتا ، قارلىغۇچى تەرەپ
فوردنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بەزى ئۇرۇشقا دائىر سۇئاللارنى س
ورىغان . ئەمما فورد قۇلىنى
شىلتىپ تۇرۇپ ، سىز سورىغان سۇئاللار مىنىڭ كەسپىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
شۇنداق ئىكەن ، مەن نېمە ئۈچۈن كاللامنى ئاۋارە قىلىپ كەسپىمگە
مۇناسىۋەتسىز بىلىملەرنى ئۆگەنگۈدەكمەن ؟
ناۋادا راستىنلا جاۋابقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ، كۇنۇپكىنى بىرلا باسسام
قول ئاستىمدىكىلەر سىزنىڭ سورىغان قانداق سۇئالىڭىز بولسا جاۋاب بېرەلەيدۇ .
دەپ جاۋاپ بەرگەن . سوت كوللىگدىيىسى فوردنى بىلىمسىز ئەمەس،
بىلىملىك كىشى ئىكەن دەپ باش لىڭىشتىقان .
بۇنى ئوقۇپ ئازراق نەرسىنى ھىس قىلدىڭىزمۇ يا سېرىق يۇمۇر ئاڭلىغاندەك
قىززىق ، كۈلكىلىك بىلنىۋاتامدۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-21 10:36 PM